رۇس تارىخچىسىنىڭ «ئاسىيانىڭ ئىسيانكار يۈرىكى» ناملىق كىتابىدا نېمىلەر دېيىلگەن؟ (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.12.06
asiyaning-isyankar-yuriki.jpg سانكىتپېتېربۇرگلىق رۇس تارىخچىسى، ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە ئۆزى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋاسىلىي پېتروۋنىڭ موسكۋادا نەشر قىلىنغان «ئاسىيانىڭ ئىسيانكار يۈرىكى» ماۋزۇلۇق ئەسىرىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA

تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى رۇسىيەدە ئىككى ئەسىرلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. رۇسىيە شەرقشۇناسلىرى، جۈملىدىن تارىخشۇناسلىرى ۋە تۈركولوگلىرىنىڭ بۇ ساھەدە يېزىپ قالدۇرغان مونوگرافىيە، چوڭ ھەجىملىك كىتابلىرى، كوللېكتىپ ئەسەرلىرى ۋە ئايرىم ماقالىلىرىنىڭ سالمىقى ناھايىتى زور بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك ئېتنىك، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تارىخى مۇساپىسىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

رۇسىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىي مۇساپىلىرى تەتقىقاتى بىلەن بىرگە يەنە 20-ئەسىردىكى سىياسىي تارىخى مەسىلىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، ئىلگىرى ئۇزۇن يىللار مەخپىي تۇتۇلغان سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تارىخىغا ئائىت مەسىلىلەرنى چۈشىنىشكە تېخىمۇ قۇلايلىق ئىمكانىيەت ياراتتى. نەتىجىدە، 1920-1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ۋە سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىتى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە بىر قىسىم ئەسەرلەر، يەنى كىتابلار ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

ئەنە شۇنداق كىتابلارنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى سانكىتپېتېربۇرگلىق رۇس تارىخچىسى، ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە ئۆزى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋاسىلىي پېتروۋنىڭ موسكۋادا نەشر قىلىنغان «ئاسىيانىڭ ئىسيانكار يۈرىكى» ماۋزۇلۇق ئەسىرىدۇر.

تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى ۋاسىلىي پېتروۋنىڭ «ئاسىيانىڭ ئىسيانكار يۈرىكى: شىنجاڭ؛ خەلق ھەرىكىتىنىڭ قىسقىچە تارىخىي ۋە ئەسلىمىلەر» ماۋزۇلۇق مەزكۇر ئەسىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مەنچىڭ ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىدىن باشلاپ تاكى 1950-يىلىغىچە بولغان ئىككى يۈزلۈك تارىخى جەريانغا ئائىتتۇر. 16 بابلىق بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى 12 بابى 18-ۋە 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مانجۇ ئىمپېرىيەسىگە قارشى كۆپ قېتىملىق قارشىلىق قوزغىلاڭلىرى، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ 1860-يىللاردىكى ئومۇمى قوزغىلىڭى ئارقىلىق مەنچىڭ ئىمپېرىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرغانلىقى، بولۇپمۇ ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاخىرىدا زو زوڭتاڭ قوشۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن ئىشغال قىلىۋېلىشى، رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتى، بولۇپمۇ 1864-يىلى ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئىلى سۇلتانلىقىغا نىسبەتەن رۇسىيەنىڭ تۇتقان سىياسىتى ۋە ئىلىنىڭ رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى، رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سودا-ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى، رۇس ھەربىي رازۋېدچىكلىرى ۋە ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ توپلىغان ماتېرىياللىرى، 1917-يىلىغىچە رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىتى، پائالىيەتلىرى ھەم باشقا كۆپلىگەن ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان.

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، رۇس تارىخشۇناسلىقىدا 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ تارىخى ۋە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا قاراتقان سىياسىتى مەسىلىسى كۆپ ئالىملار تەتقىقات يۈرگۈزگەن تېما بولۇپ، بۇ ساھەگە ئائىت تەتقىقاتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى تەتقىقاتلار بىلەن ھازىرقى رۇسىيە دۆلىتى مەزگىلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تەتقىقاتلاردا مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەر بار. ۋاسىلىي پېتروۋنىڭ مەزكۇر دەۋر ھەققىدىكى بايانلىرى، بولۇپمۇ چار رۇسىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلى سۇلتانلىقى ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىگە نىسبەتەن ئىجابىي نۇقتىدىن قاراش مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تارىخشۇناس ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىلىرى چار رۇسىيەنىڭ 19-ئەسىردە ئۆزلىرىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسەت ئىكەنلىكىنى يورۇتۇۋاتقان ئەھۋالدا بىر قىسىم رۇس تارىخچىلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىنى چوڭ مىللەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، چار رۇسىيە سىياسىتىنى ئاقلاش ۋە مەدھىيەلەش پوزىتسىيەسىنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ يەنىلا ئەسلى ئىمپېرىيالىستىك قاراشتىن ئىبارەت ئىدى.

ۋاسىلىي پېتروۋ كىتابىنىڭ كېيىنكى 3 بابىدا مەخسۇس 1930-40-يىللاردىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تارىخى، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى، ئۇنىڭ باشتا شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزغان بولسا، كېيىن ئەكسىچە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتنى قوللاش پوزىتسىيەسى تۇتقانلىقى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ.

بولۇپمۇ ئاپتور ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان 1945-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب، مىللىي ئارمىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىيرەك توختىلىدۇ. يەنى، ئۇ بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزى كۆرگەن ۋە بىۋاسىتە بىلگەن نۇقتىدىنراق بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 1944-يىلى 11-ئايدا غۇلجىدا قوزغىلاڭ پارتلىغاندا ئۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ بۇ خەۋەرنى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئاڭلىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىمۇ كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن. ھەر كۈنى كېچىلەردە قوراللىق ساقچىلار ھەممە ياقنى چارلىغان ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى غۇلجىدا چىققان گېزىتلەر ۋە ئۇيغۇرچە ھەم رۇسچە يېزىلغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى كېلىشكە باشلاپ، ئۇلار ئىلىدىكى قوزغىلاڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم رۇس ۋە باشقا مىللەت ياشلىرى 1945-يىلىنىڭ بېشىدا ماناس تەرەپلەرگە قېچىپ بېرىپ، ماناستىكى قالىبەك باشچىلىقىدىكى پارتىزان ئەترىتىگە قاتناشقان. (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.