يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى «قىزىللار» بىلەن «ئاقلار» ئارىسىدىكى كۈرەش قۇربانى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈن، رۇسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ، يەنى ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشىنىڭ 100 يىللىقى. بۇ ئىنقىلاب دۇنيانى ئىككى قارىمۇ-قارشى گۇرۇپپىغا، يەنى كوممۇنىستىك ۋە كاپىتالىستىك لاگېرلارغا بۆلۈۋەتكەن ئىدى. مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ تەسىرى، ھەتتا كوممۇنىستىك لاگېر يوقاپ كەتكەن ھالەتتىمۇ تا مۇشۇ كۈنگىچە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتمەكتە. دۇنيانىڭ كۆپلىگەن خەلقلىرى بۇ ئىككى لاگېر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن، توقۇنۇشتىن قاتتىق زەرداب چەكتى. ئۇنداقتا مەزكۇر ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

قازاقىستاندىكى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئېغىر ۋە پاجىئەلىك بولدى. ئەگەر، 1905-يىلقى بىرىنچى رۇس ئىنقىلابى ئاھالىگە كۆپ ئەركىنلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسا، 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، 1916-يىلى چار رۇسىيەسى پادىشاھىنىڭ ئارقا سەپكە ئەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىش توغرىلىق چىقارغان پەرمانىغا قارشى تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى، 1917-يىلى يۈز بەرگەن ئىككى ئىنقىلاب، يەنى فېۋرالدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى ۋە ئۆكتەبىردىكى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، شۇنىڭ ئارقىسىدا ئەۋج ئالغان پۇقرالار ئۇرۇشى ئۇيغۇرلارغىمۇ كۆپلىگەن ۋەيرانچىلىقلار ئېلىپ كەلدى.

ئابلەت كامالوف جەمئىيەتتە يېڭى ئىدىيىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ھەر قاچان شۇ جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «1917-يىلىدىكى ئۆكتەبىر ۋەقەسى رۇسىيەنىڭ قول ئاستىدىكى ئۆلكىلەرگىمۇ، شۇ جۈملىدىن يەتتىسۇغىمۇ يېتىپ كەلدى. 1918-يىلى بۇ يەردىكى رۇس ئاھالىسى ئارىسىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن كۈرەش باشلانغان ئىدى. بىرىنچى نۆۋەتتە بۆلۈنۈش ئەنە شۇ ئىنقىلابىي ئىدىيىلەرنى ئېلىپ ماڭغان رۇس ئاھالىسى ئىچىدە يۈز بەردى. ئىنقىلابنى يەتتىسۇغا كۆچۈپ كەلگەن كەمبەغەللەر ھەر خىل قارشى ئالدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاساسەن يەرسىز قالغان ئاھالە ۋە كازاكلار بولدى. كازاكلار ئۇ ۋاقىتلاردا ئالاھىدە بىر قاتلام بولۇپ، ئۇلار كۆپلىگەن يەرلەرگە ۋە باشقىمۇ ئىمتىيازلارغا ئىگە ئىدى. شۇنىڭغا بولا، بولشېۋىكلەرنىڭ ئىدىيىلىرىنى يەرسىز قالغان كەمبەغەللەر قوللىغان بولسا، كازاكلار بۇنىڭغا قارشى چىقتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كازاكلار 1918-يىلنىڭ ماي ئېيىدا يەتتىسۇدا قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئەمما قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قىسمى ئاق گۋاردىيىچى ئەترەتلەر بىلەن بىللە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئۆتۈپ كەتتى. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ چاغدا خىتاي ۋە خىتاينىڭ قول ئاستىدىكى رايونلارغا 60 مىڭغا يېقىن رۇس كۆچۈپ كەتكەن ئىدى.»

ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى شۇ مەزگىلدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوللاش كېرەكمۇ ياكى قارشى چىقىش كېرەكمۇ دېگەن ئىككى ئوي ئوتتۇرىسىدا قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسىي قىسمى ساۋاتسىز كەمبەغەللەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جەدىتچىلەر تەرغىب قىلغان پەننىي بىلىم ئەمدىلا بىز ئۇرۇۋاتقان ئىدى. باي ۋە موللىلارنىڭ تەسىرىمۇ خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك بولدى. ئاقىۋەتتە ئۇيغۇرلار كازاكلارنى پەقەت قوللاپلا قالماستىن، بەلكى 1918-يىلى يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى كۆتۈرۈلگەن كازاكلارنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشتى.

شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان ئاقلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئادمىرال ئالېكساندىر كولچاكنىڭ «يەتتىسۇ ۋىلايىتىدىكى تارانچى خەلقىگە پەخرىي يارلىق» ناملىق بۇيرۇقىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تەشۋىشلىك ھەم ئېغىر سىناق كۈنلىرى رۇس تەۋەسىگە تەقدىر يازمىشى بىلەن ئورۇنلاشقان، سان جەھەتتىن ئاز، ئەمما روھى كۈچلۈك بولغان تارانچى خەلقى رۇس دۆلەتچىلىكىنى ۋەيران قىلىدىغان ئالدامچى يولغا چۈشمىدى. شانلىق ئەجدادلىرىنىڭ ۋەسىيىتى، مۇسۇلمان دىنىنىڭ تەرغىباتى بويىچە ۋەتەنگە ۋە ئۇنىڭ قانۇنلىرىغا سادىق بولۇشنى بولشېۋىكلەر بىلەن بولغان كۈرەشتە مىڭلىغان پەرزەنتلىرىنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئىزگۈلىكى بىلەن دەلىللىدى. تارانچى خەلقىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، مەن بۇ خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىغا بىپەرۋا قارالمايمەن. ھۆكۈمەت بۇيرۇقلىرىغا بىنائەن ئېھتىياجلىرىنى ئېنىقلاپ، ئۇلارنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان ۋەزىپىلەرنى يۈكلەيمەن.»

ئالېكساندىر كولچاك بۇ ھۆججىتىدە بولشېۋىكلەرنىڭ ئىسيانىدىن كېيىن زەرداب چەككەن تارانچى، يەنى ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئوزۇق-تۈلۈك، ئەڭ مۇھىم مال-مۈلۈك بىلەن تەمىنلەش، ۋەيران بولغان يېزا ئىگىلىكىنى تىكلەش، مەسچىتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش، دۆلەت قارمىقىدىكى يەتتىسۇ ئورمانلىقىدىن 20 يىلتىزلىق قۇرۇلۇش ياغىچىنى ھەر بىر تارانچى غوجىلىقىغا يەتكۈزۈش، ئاشلىق يېتىشتۈرىدىغان دېھقانلارغا، تارانچىلارغا ئەرزان دۆلەت كرېدىتى يەنى، دۆلەت غەزىنىسىدىن بۇ پائالىيەت ئۈچۈن مىليون رۇبلى ئاجرىتىشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مەزكۇر بۇيرۇقتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىسۇ بولشېۋىكلەردىن ئازاد بولغاندىن كېيىن، يەر ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ يەر فوندىدىن تارانچىلارنى ئۈنۈملۈك يەر بىلەن، يەتتىسۇ دېھقانلىرىنى، مۇبادا يەتتىسۇ ھەربىي دائىرىسى كازاكلار سېپىدىن ئورۇن ئالسا، كازاكلارغا تەڭ نورما بىلەن تەمىنلەش. يازغانلىرىمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بۇ پەخرىي يارلىقنى جاكالاشنى رۇس ئارمىيىسىنىڭ گېنېرالى كارتسېفقا تاپشۇرىمەن. يەتتىسۇ تەۋەسىگە قايتىپ كەلگەن تارانچىلار بۇ پەخرىي يارلىقنى مەسچىتتە ساقلىشى مۇمكىن.»

تارىخچى ئابلەت كامالوف سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتنىڭ بېشىدا تۇرغان داڭلىق ھەربىيلەرنىڭ بىرى بولغان ئالېكساندىر كولچاكنىڭ يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنى قوللىشىنىڭ تاسادىپىي بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئىسيان رۇس ئارخىپ ھۆججەتلىرىدە ‹كازاك ۋە تارانچىلارنىڭ قوزغىلىڭى› دەپ بىكار ئاتالمىغان. كازاك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بولشېۋىكلەرگە قارشى ئىتتىپاقى يەتتىسۇ يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئاممىۋى ئېتىشقا ئاساس بولدى. بۇ ئېتىش ئۇيغۇرلاردا ‹ئاتۇ› دەپ نام ئالدى. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ئەھۋال شۇنداق بولدىكى، كازاكلار باي قاتلام سۈپىتىدە ئۆز يەرلىرىنى ئوڭايلا تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەتتى. بۇ يەردە ئاساسەن ئۇيغۇر كەمبەغەللىرى زەرداب چەكتى، ئانچە كۆپ بولمىغان بايلار غۇلجىغا قېچىپ كېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى.»

يازغۇچى ئىسمائىلجان ئىمىنوف سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكى، مەسىلەن، كازاكلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەرنىڭ غۇلجىغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئاقلار ھەرىكىتى ۋەكىللىرىدىن سوۋېتقا قارشى ياردەم سورىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنداقلا «ئاتۇ» پاجىئەسىنىڭ پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ يۆنىلىشتە تارىخچىلارنىڭ يەنە كۆپ ئىزدىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، سوۋېت دەۋرىدە كۆپلىگەن تارىخىي پاكىتلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يوشۇرۇن تۇتۇلۇپ كەلگەن ئىدى. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-ۋە 40-يىللىرى يۈز بەرگەن مىللىي-ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى ھەم ئۇلارنىڭ غالىبىيىتى ئارقىسىدا مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن پاكىتلار ھەتتا بۈگۈنكى كۈنگىچە سىر پېتى قالماقتا.

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخچى زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ دېيىشىچە، سوۋېت دەۋرىدە يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بولشېۋىكلەر تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىشى ھەققىدە تېمىنى كۆتۈرۈش مەنئى قىلىنغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتە سوۋېت تارىخ ئىلمى ئۈندىمىدى. پەقەت 1975-يىلى تارىخچى مالىك كەبىروف بۇ پاجىئە توغرىلىق بىرىنچىلەردىن بولۇپ ماتېرىيال توپلىغان بولسىمۇ، ئۇنى نەشر قىلالمىدى. ئۇ ۋاقىتتا كوممۇنىستلارنى يامان كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى ئېتىلىشى توغرىلىق ياخشى بىر پىكىر ئويلاپ چىقىرىلدى. يەنى ئۇيغۇرلارنى قىرغان ئەترەت كوماندىرى مۇرايېف بولشېۋىك ئەمەس، بەلكى قىزىللار كىيىمىنى كىيىۋالغان دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىندى. پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا قايتا قۇرۇش سىياسىتى باشلانغاندىن كېيىن، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى مەزكۇر پاجىئە مەسىلىسىنى كۆتۈردى ۋە قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ يادىكارلىقلار ئورناتتى، بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. شۇ ۋاقىتلاردىمۇ يۇقىرىدا ئاتالغان پىكىر سوۋېتلار ئۈچۈن قۇلايلىق بولدى. مانا مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىلىشىدا بولشېۋىكلەر ئەمەس، بەلكى سوۋېت ھاكىمىيىتى دۈشمەنلىرى ئەيىبلىك دېگەن كۆزقاراشتىكى كىشىلەرنىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.»

تارىخچى ئىسمائىلجان ئىمىنوفنىڭ نىڭ ئېيتىشىچە، 1918-يىلىدىكى «ئاتۇ» پاجىئەسىدىن كېيىن سوۋېت ھاكىمىيىتىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى ئۆز يېنىغا تارتىشقا، يەنى ئۇيغۇرلارنى ئاقلارغا قارشى كۈرەش سېپىگە قوشۇلۇشقا چاقىرىپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلاردىن پايدىلانغان، نەتىجىدە زور ساندىكى ئۇيغۇرلار سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىگە ئۆتكەن ئىدى.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىدىن كېيىن يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇرلار سوۋېت ۋە ئاقلار ھاكىمىيىتى ئارىسىدىكى قۇربانلارغا ئايلانغان ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالمۇتادىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى 1918-يىلىدىكى «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە مەخسۇس كومىسسىيە قۇرۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش، يادىكارلىقلارنى ئورنىتىش ئىشلىرىنى باشلاش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.