ئۇيغۇرلار بېشىغا كەلگەن «ئاتۇ» پاجىئەسى كىملەر تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.05.03
heykeltirash-rustem-shamaxunof.jpg ھەيكەلتىراش رۇستەم شاماخۇنوف «ئاتۇ پاجىئەسى» گە بېغىشلانغان يېڭى لايىھىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىل 3-مارت، قازاقىستان لاۋار يېزىسى.
RFA/Oyghan

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بۇنىڭدىن 100 ئىلگىرى، يەنى 1918-يىلى يەتتىسۇدا يۈز بەرگەن «ئاتۇ» قانلىق پاجىئەسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە چوڭ تەييارلىقلار كۆرمەكتە. بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر قازاقىستان پرېزىدېنتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن 31-ماي سىياسىي تەقىبلەشلەر قۇربانلىرىنى ئەسلەش كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

تارىختىن مەلۇمكى، 1917-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى رۇسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى، يەنى ئۆكتەبىر سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، رۇسىيە ھەم ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئۆلكىلەر «قىزىللار» ۋە «ئاقلار» بولۇپ، ئىككى قارىمۇ-قارشى تەرەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى. كېيىنرەك بۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ كوممۇنىستىك ۋە كاپىتالىستىك لاگېرلارغا بۆلۈنۈشىگە ئېلىپ كەلدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مىليونلىغان ئاھالىنىڭ قۇربان بولۇشىغا، يۈزلىگەن شەھەر-يېزىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولدى. 1918-يىللىرى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى يەتتىسۇغىمۇ يېتىپ كەلدى. بۇ چوڭ ئۆلكىدە ياشاۋاتقان خەلقلەر ئىنقىلابنى ھەر خىل قارشى ئالدى. يېڭى سوۋېت ھاكىمىيىتى بىرىنچى بولۇپ يەر توغرىلىق قانۇن قوبۇل قىلىپ، بۇ قانۇن بويىچە بارلىق بايلارنىڭ يەرلىرى دۆلەت قارمىقىغا ئۆتۈپ، ئاندىن كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلىشى قارار قىلىنغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولشېۋىكلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى يەرسىز كەمبەغەللەر قوللىدى. لېكىن شۇ ۋاقىتلاردا ئالاھىدە بىر قاتلام بولغان كازاكلار كۆپلىگەن يەرلەرگە ۋە باشقىمۇ ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغانلىقتىن، ئۇلار سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قارارىغا قارشى تۇردى. 1918-يىلنىڭ ماي ئېيىدا يەتتىسۇدا كۆتۈرۈلگەن كازاكلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىمۇ شۇ بولغان ئىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئاساسەن باي ۋە موللىلارنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر ئاھالىسى كازاكلارنى قوللاشقا باشلىدى ھەم كازاكلارنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشتى. ئەمما قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قىزىل ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىشىغا ئېلىپ كەلدى.

ئالمۇتا شەھىرىدىكى سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە بېشىغا كەلگەن ئەڭ پاجىئەلىك، ئەڭ دەھشەتلىك سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىكەن. ئۇ سوۋېت دەۋرىدە بۇ ۋەقە ھەققىدە تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ ھەم قانداقلا بولمىسۇن مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشىنىڭ مەنىي قىلىنغانلىقىنى، پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ بەزى ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئالغاندىن بۇيان بۇ ھەقتە چوڭ ماقالىلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىلىپ، ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتمەكتىكەن. ئابلەھەت كامالوف بىر ئەسىر ۋاقىت ئۆتسىمۇ، لېكىن «ئاتۇ» پاجىئەسى سىرلىرىنىڭ تولۇق ئېچىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئاممىۋى قىرغىننىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاش ئوخشاش ناھايىتى مۇھىم مەسىلە تۇرىدۇ. سەۋەبى ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىلغاندىلا بىز بۇ ئاممىۋى قىرغىنغا ئوبيېكتىپ تارىخىي باھا بېرەلەيمىز. ھازىر «ئاتۇ» پاجىئەسىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىلىق ئىككى كۆزقاراش بار. ھەر ئىككىلىسىدە قىزىل ئەسكەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋى قىرغانلىقى كۆرسىتىلىدۇ. بىرىنچىدىن، يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋى قىرىش ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەر تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پاجىئەگە بولشېۋىكلار، يەنى كوممۇنىستلارنىڭ ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى ۋە جاۋابكارلىقى يوق، دېگەن پىكىر. بۇ، ئوچۇق ئېيتىش كېرەككى، سوۋېت دەۋرىدە پەيدا بولغان ۋە سوۋېت ئىدېئولوگىيەسىنى قوغدايدىغان، بولشېۋىكلارنىڭ جىنايىتىنى يۇغۇرىدىغان پىكىر دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. «ئاتۇ» پاجىئەسى ھەققىدە دەسلەپكى قېتىم ماقالە يازغان تارىخچىلارنىڭ بىرى مالىك كەبىروف بولۇپ، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى يىغقان. ئۇ ئومۇمەن، مۇرايېف ئەترىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋى ئېتىشىنى كېڭەش ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە بولشېۋىكلەرنىڭ سىياسىي دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان جىنايەت دەپ يازغان. يەنى مۇرايېف بولشېۋىك ئەمەس، بەلكى سولچى سوتسىيال-ئىنقىلابچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى دەپ قارالغان.»

ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، م. كەبىروفنىڭ قوليازمىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋى قىرىشتا جاۋابكارلىق بولشېۋىكلاردىن ئېلىنىپ ۋە بارلىق جاۋابكارلىق ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا يۈكلەنسىمۇ، ئەمما 1975-يىلى ئالمۇتادا يورۇق كۆرگەن «سوۋېت قازاقىستانى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ئوچېركلىرى» ناملىق كىتابتا «ئاتۇ» پاجىئەسى توغرىلىق تېكىست ئېلىپ تاشلانغان ئىكەن. مەزكۇر كىتابتا بۇ قىرغىن توغرىلىق ئىككىلا جۈملە بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى تەشۋىقاتقا ئىشىنىپ ۋە ئاق گۋاردىياچىلەر، بايلارنىڭ قورقۇتۇشىدىن ھەم غۇلجا ھاكىمىيىتىنىڭ ئاگېنتلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، 1918-يىلى ماي ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا ۋېرنىي ۋە ياركەنت ناھىيەلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى غۇلجا تەۋەسىگە كۆچۈپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا كۆچۈشىگە ئۇيغۇر ئاھالىسىگە مۇرايېف رەھبەرلىكىدىكى قىزىل گۋاردىيە ئەترىتىنىڭ تەركىبىگە كىرىۋالغان ئەكسىل ئۇنسۇرلارنىڭ تەقىبلەشلىرى تۈرتكە بولدى».

ئابلەت كامالوف يازغۇچى مەشۈر روزىيېفنىڭ 1976-يىلى يورۇق كۆرگەن «قايتىدىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى» ناملىق كىتابىدا مۇرايېف ئىسمىنىڭ ئومۇمەن ئاتالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەزكۇر كىتابتا م. كەبىروفنىڭ كىتابىغا قارىغاندا قانلىق ۋەقەلەر توغرىلىق تەپسىلىي يېزىلغان. مەشۈر روزىيېفمۇ بۇ ۋەقەنى قىزىل ئارمىيەگە ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئەكسىلئىنقىلابچىلار قىزىل گۋاردىيەچىلەر نىقابى ئاستىدا ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بۇلاڭچىلىق قىلغان، ئادەملەرنى پىلىموتلار ۋە مىلتىقلار بىلەن ئاتقان. بۇ مىللەتلەر ئارا زىددىيەتنى پەيدا قىلىش ۋە ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ كېڭەش ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. مەشۈر روزىيېفنىڭ پىكرىچە، قىزىل گۋاردىيەچىلەر ‹ۋەھشىي باندىتلارنى› قورالسىزلاندۇرۇپ، قانلىق قىرغىننى توختاتقان ئىكەن. م. كەبىروف مۇرايېفنىڭ ئەكسىلئىنقىلابچى، سولچى-ئېسېر بولغانلىقى ھەققىدە دەسلەپكى قېتىم دەلىللىگەن پىكىرى كېڭەش دەۋرىدىن كېيىنمۇ يورۇق كۆرگەن ماقالىلەردە ئورۇن ئالغان. بىراق مۇشۇ كەمگىچە ئارخىپلاردا مۇرايېفنىڭ قانداقتۇر بىر ئەكسىل ئىنقىلابىي پارتىيە ياكى توپنىڭ، شۇنىڭ ئىچىدە ئېسېرلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئۇتتۇر دەلىللەيدىغان بىرمۇ ھۆججەت تېپىلمىدى. قىزىق يېرى، نۇرغۇنلىغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى مۇرايېفنى پەقەت فامىلىسى بىلەن كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ياكى ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلمىغان. كېڭەش دەۋرىدىن كېيىنكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە مۇرايېف ‹ئېگور› دېگەن ئىسىم بىلەن تەكىتلىنىدۇ. بىراق مۇرايېفنىڭ ئىسمى ‹ئېگور› ئەمەس، بەلكى ‹مىتروفان ئىۋانوۋىچ› ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھۆججەتلەرمۇ بار».

ئابلەت كامالوف يەنە 1918-يىلقى «ئاتۇ» پاجىئەسىنىڭ بولشېۋىكلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن «قىزىل تېررور» تاكتىكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ياققال كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىنى، ئېنىقراق ئېيتقاندا، بۇ قانلىق جىنايەتكە بولشېۋىكلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ مەركىزىي دۆلەت ئارخىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىتروفان مۇرايېف ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا ئاكتىپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قانچە لاۋازىملىرى كۆرسىتىلگەن ئىكەن. مۇرايېف 1917-يىلدىن 1920-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خەلق كومىسسارلىرى كېڭىشىنىڭ پەرمانى بويىچە ئايرىم ئەترەتنىڭ كوماندىرى سۈپىتىدە يەتتىسۇدا، ئاندىن ھەر خىل لاۋازىملاردا بۇخارادا، كاسپىي دېڭىزى، ئامۇ دەرىياسى رايونلىرىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان.

ئابلەت كامالوف م. كەبىروفنىڭ پىكىرىگە ئاساسلىنىپ مۇرايېفنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ سىرلىق بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ 1921-يىلى پەرغانە ئۇيغۇرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسەتتى. تەتقىقاتچى دېۋىد بروففىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مۇرايېف شۇ يىلى رۇسىيەدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابلەت كامالوف يەتتىسۇدا ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋى قىرىش بولشېۋىكلارنىڭ نىقابىنى كىيىۋالغان ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىشى دېگەن پىكىرنىڭ ھەقىقەتكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى، مۇنداق پىكىرنىڭ سوۋېت ئىدېئولوگىيەسى دائىرىسىدە پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

«تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخچى-دوكتور زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ پىكرىچە، 1918-يىلى يەتتىسۇدا يۈز بەرگەن «ئاتۇ» قانلىق پاجىئەسى ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى «ئاق داغلارنىڭ» بىرىدۇر. ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ماۋزۇنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ قانلىق پاجىئەگە مۇناسىۋەتلىك تېخى ئۆگىنىلمىگەن مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ. ئېيتايلى، شۇ يىلى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ قۇربان بولغانلىقى، قانچىلىك ئاھالىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كەتكەنلىكى، كېيىن ئۇلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى، نېمە ئۈچۈن سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ مۇنچىلىك دەھشەتلىك ۋە ئەشەددىي جىنايەتكە يول قويغانلىقى، بۇ ھەقتە پاكىتلارنىڭ ھازىر قەيەرلەردە تېپىشقا بولىدىغانلىقى ۋەھاكازا. بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالىملار، يازغۇچىلار ۋە باشقىلارنىڭ، شۇنداقلا چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ قولىدا بار مەلۇماتلارنى، ھەر خىل ئارخىپلاردىكى ماتېرىياللارنى بىر يەرگە توپلاپ، چوڭقۇر ۋە ھەرتەرەپلىمە تەتقىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم. ھازىر ئەنە شۇ ئازابلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن يېزىلارنىڭ ئاھالىسىمۇ يۇقىرىدا ئاتالغان سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىمەكتە. نېمە ئۈچۈن؟ مۇنچىلىك قىرغىنچىلىققا يول قويغانلار نېمە ئۈچۈن جاۋابقا تارتىلمايدۇ؟ خەلقىمىز بۇ ۋەقەنى ياخشى چۈشىنىۋاتىدۇ».

زۇلفىيە كەرىموۋا «ئاتۇ» پاجىئەسى قۇربانلىرىنى ياد ئېتىش، بۇ تارىخنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ساۋاق بولۇپ قېلىش لازىملىقىنى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ھازىر چوڭ ئاقسۇ، قورام، لاۋار، تاشتىقارا ئوخشاش يېزىلاردا يادىكارلىقلارنى قايتا ئورنىتىش ئىشلىرىنىڭ يۈرۈپ، بۇنىڭغا ئاھالىنىڭ ئاكتىپ ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.