قازاقىستاننىڭ چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ قۇربانلىرى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.06.21
Chong-aqsu-yezisida-atu-pajiesi.jpg چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا ئاتۇ پاجىئەسى قۇربانلىرىغا قويۇلغان يادىكارلىق. 2018-يىل 16-ئىيۇن، قازاقىستان.
RFA/Oyghan

16-ئىيۇندا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار «ئاتۇ پاجىئەسى» نىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. چوڭ ئاقسۇنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە باشقا ناھىيەلەردىن كەلگەن جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ياشلار ۋە باشقىلار بولۇپ، 800 دىن ئوشۇق ئادەم قاتناشتى.

قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغاندىن كېيىن «ئاتۇ پاجىئەسى» قۇربانلىرى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا گۈلچەمبىرەك ۋە گۈلدەستىلەر قويۇلدى. چوڭ ئاقسۇنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىكى «رەسۇل» رېستورانىدا نەزىر بەرگەندىن كېيىن، مۇراسىمنىڭ رەسمىي قىسمى باشلاندى. مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلغان شائىر ۋە يازغۇچى تېلمان نۇراخۇنوف بۇ مۇراسىمنىڭ پەقەت 1918-يىلىدىكى «ئاتۇ پاجىئەسى» دە قۇربان بولغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى 30-يىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتى يۈرگۈزگەن ئىسلاھاتلار نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتا، سىياسىي تەقىبلەشلەر، 1941- ۋە 1945-يىللىرى ئېلىپ بېرىلغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغىمۇ بېغىشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەسلەپ سۆزگە چىققان گېئولوگىيە پروفېسسورى ئابدۇللام سامساقوف يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەم چار پادىشاھ دەۋرىدە ھەم سوۋېت دەۋرىدە ھەر خىل بېسىملارغا دۇچار بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ 1916-يىلى چار پادىشاھنىڭ ئارقا سەپكە ئادەم ئېلىش توغرىلىق چىقارغان پەرمانى مۇناسىۋىتى بىلەن يەتتىسۇ خەلقىنىڭ كۆتۈرگەن قوراللىق قوزغىلىڭى، 1918-يىلىدىكى «ئاتۇ پاجىئەسى»، يەنى سوۋېت قىزىل ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە 20-يىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا سالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «20-يىلى يەنە شۇ لېنىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن يەتتىسۇدا پەقەت ئۇيغۇرلارنى ئەسكەرلىككە ئالدى. ئۇلارنى ئاتقا مىندۈرۈپ، مىلتىق ئېتىشنى ئۆگىتىپ، ئەنجانغا ئېلىپ بېرىپ سوقۇشقا سالدى، ئۇيغۇر، تاجىك، ئۆزبېكلەرنى باسماچى دەپ شۇلارغا قارشى قويدى. ئۇنىڭدىن ئامان قالغانلارنى بۇخاراغا ئېلىپ باردى.» ئابدۇللام سامساقوف ئەرلەر قىرىلىپ، پەقەت ئايال ۋە بالىلار قالغاندا ئاچارچىلىقنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكىنى، 30-يىللىرى سىياسىي تەقىبلەشلەرنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى، تۆت يىلغا سوزۇلغان سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ئۇرۇش بولغانلىقىنى ھەم بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى پەرزەنتلىرىدىن جۇدا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى مۇنداق مۇراسىمنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشىنى ئەركىنلىك، ئادالەتلىك ئۈچۈن قۇربان بولغانلارغا قىلىنغان چوڭ ھۆرمەتنىڭ بەلگىسى دەپ تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باقىيلىققا كەتكەن شۇ قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلۇغ شائىرلار، ۋەتەننى باشقۇرىدىغان ئادەملەر، بىز بىلەن سىز ياشاۋاتقان قازاقىستاننىڭ ئەۋلاد ۋارىسلىرى بولغان بولار ئىدى. بىز چوڭ ئىش قىلىۋاتىمىز. مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا نېمە سورايسەن دېسە، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقىمىز مەڭگۈ بولسىكەن، ھەممىمىزنىڭ كۆز يېشى بولمىسىكەن دەيمەن. بۈگۈن مېنىڭ روھۇم كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ھەقىقەتەنمۇ، بۇ ناھايىتى چوڭ ۋەقە بولدى.»

مۇراسىمدا يەنە ئۇيغۇر ناھىيەلىك كېلىشىم كېڭىشىنىڭ رەئىسى جېڭىس تويشىبېكوف، ئاقسۇ يېزىسىنىڭ ھاكىمى پەرھات مۆردىنوف، ئاقسۇ يۇرتىنىڭ يىگىت بېشى مەھمۇت ئىسرائىلوف ۋە باشقىلار سوۋېت دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن تەقىبلەشلەر نەتىجىسىدە قازاق، ئۇيغۇر، تاتار ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ كۆپ زەرداب چەككەنلىكىنى، بۇ ۋەقەلەرنى تارىخنىڭ ئۇنتۇلماس سەھىپىلىرى سۈپىتىدە چوڭقۇر ئۆگىنىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. مۇراسىمدا رۇسىيەلىك مېھمان، شائىر ۋىليام سادىقوف ئۆزىنىڭ «ئاتۇ پاجىئەسى» گە بېغىشلاپ يازغان شېئىرىنى ئوقۇدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مۇراسىمنى ئۇيۇشتۇرۇش كومىسسىيەسىنىڭ رەئىسى ئەلى ئەخمەتوف ئەپەندى پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىن ئەنە شۇ قىرغىنچىلىق بولغان يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يادىكارلىقلار ئورنىتىشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە چوڭ ئاقسۇدىكى يادىكارلىقنىڭ ئورنىتىلىش تارىخىغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «1992-يىلى مېنىڭ مومام قايتىش بولغاندا يۇرت ئاقساقاللىرى بىلەن ئولتۇرغىنىمدا ئۆمەرجان دېگەن ئاكىمىز ‹كېلەر يىلى ئاتۇغا 75 يىل بولىدۇ، شۇنى قولغا ئالساڭلار› دېگەندىن كېيىن ئالمۇتادىكى كۆرنەكلىك ئاكىلارغا دېگىنىمدە ئۇلار قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. چوڭ ئاقسۇلۇقلار بىرىنچى قېتىم 1992-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا يىغىلىپ، بىر يىلدىن كېيىن يادىكارلىقنى قويغان ئىدى. راستىنى ئېيتسام، ئۇ ۋاقىتتا بىز ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا مۇراجىئەت قىلمىدۇق. ئۇ ۋاقىتتا قازاقىستان يېڭىلا ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئېلىپ، ئۇنداق نەرسىلەرگە ئېتىبارمۇ قىلمىغان، بىزمۇ ئېتىبار قىلماپتۇق. بۇ يادىكارلىق توغرىلىق مەتبۇئاتلاردا يېزىلغان. ھازىر مېنىڭدا شۇ ۋاقىتتا ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتىدە چىققان ماقالىمۇ بار.»

ئەلى ئەخمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، «ئاتۇ پاجىئەسى» گە بېغىشلانغان يادىكارلىقلار دەسلەپتە چوڭ ئاقسۇدا قويۇلۇپ، ئاندىن يېڭىشەر، تاشتىقارا، لاۋار، قورام قاتارلىق يېزىلاردا قويۇلۇشقا باشلىغان. بۇنى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىر ئېغىزدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ئىكەن. ئۇ يەنە ئاساسىي قىرغىنچىلىق ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ناھىيەسىدە پەقەت چوڭ ئاقسۇدا يۈز بەرگەن ھەم بۇ جەرياندا 300 ئەتراپىدا ئەر كىشىلەر ئېتىلغان. ئەلى ئەخمەتوفنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ۋاقىتتا چوڭ ئاقسۇ يېزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىگە قىزىل ئەسكەرلەرنىڭ قانداق مەقسەت بىلەن كېلىۋاتقانلىقى نامەلۇم بولغان ئىكەن. خەلق يۇرت چوڭلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ماللارنى سويۇپ، قىزىل ئەسكەرلەرنى تاماق بىلەن كۈتۈۋالغان. ئەمما ئەسكەرلەر تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاھالىنى يىغىن قىلىمىز دەپ، بىر يەرگە يىغىپ، پىلىموت بىلەن ئوققا تۇتقان.

يەتتىسۇدا يۈز بەرگەن «ئاتۇ پاجىئەسى» ۋەقەسىدىن كېيىن 100 يىل ئۆتۈپ، ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرى ھازىر پۈتۈنلەي قالمىغان. پەقەت ئاتا-ئانىلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى ھېكايە قىلىپ بېرىدىغانلارنىڭ سانىمۇ بارا-بارا ئازايماقتىكەن. شۇلارنىڭ بىرى ئەرشەم رىسياكوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىق چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، قىزىل ئەسكەرلەر يەنە يېزىلارنى ئارىلاپ، ئالدىغا ئۇچرىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇجۇقتۇرغان. ئەرشەم رىسياكوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شاۋدۇن دېگەن بىر بوۋاينىڭ ئېيتىپ بەرگەن بىر ھېكايىسىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ چوڭ ئاقسۇ مەھەللىسىنىڭ يۇقىرى چېتىدە سوپى دېگەن مەھەللە بولغان ئىكەن. بۇ مەھەللىنىڭ خەلقى قىزىللار ئاقسۇ مەھەللىسىدە خەلقنى ئاتقاندىن كېيىن بۇنى ئاڭلاپ قېچىپتۇ. 6-7 ئايال سۇ تۈگمىنىنىڭ كەينىگە مۆكۈۋاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا شاۋدۇن بوۋاينىڭ ئالتە ئايلىق ۋاقتى ئىكەن. ئانىسى بوۋاقنى باغرىغا بېسىپ ئولتۇرغان ۋاقتىدا قىزىللار كېلىپ قالغاندا بوۋاق يىغلاپ كېتىدۇ. يېنىدىكى ئاياللار ‹سېنىڭ بالاڭ يىغلاۋاتىدۇ، ھازىر بىزنى بىلىپ قالىدۇ، چىقىپ كەت› دەيدىكەن. ئۇ ئايال يانچۇقىغا قولىنى سالسا، قۇم شېكەر بار ئىكەن. شۇنىڭدىن بىر سىقىم ئېلىپ، بالىنىڭ ئېغزىغا قۇيۇپتۇ.»

ئەرشەم ئىسياكوف بالىنىڭ يىغىسى توختاپ، قىزىل ئەسكەرلەر ئەتراپتا ئاتىدىغانلارنى ئېتىپ، كەتكەنلىكىنى ھېكايە قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر سائەتتەك ئولتۇرىدىكەن. كېيىن قىزىللار قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ئايال ‹سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن مەن ئۆز بالامنى ئۆزۈم ئۆلتۈرۈۋەتتىم› دەپ يىغلاپ، بالىنى يەرگە قويغان ئىكەن. قارىسا بالىنىڭ كۆزى پارقىراپ ياتقىدەك. قۇم شېكەرنى ئېغزىغا قۇيغاندا ئۇنى شوراپ ياتىۋەرگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىرىك قاپتىكەن.»

تارىختىن مەلۇم بولۇشىچە، 1918-يىلى كازاكلار ھەم ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ، ۋېرنىي (ئالمۇتا) شەھەر سېپىلىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى. ئەمما سەپنىڭ ئالدىدا پەقەت تاياق، ئارا-گۈرجەكلەر بىلەن قوراللانغان ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلۇپ، كۆپ ئادەم قۇربان بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن تاشكەنتتىن كەلگەن مۇرايېف باشچىلىقىدىكى قىزىل ئەسكەرلەر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېڭىشھەر، تاشتىقارا، قاراتۇرۇق، لاۋار، قورام قاتارلىق يېزىلاردىكى ئەرلەرنى قىرغىن قىلغان. مەزكۇر ئوترەت ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بولغان چېگراسىغىچە بېرىپ، ئالدىغا ئۇچرىغان ئاھالىنى ئۆلتۈرگەن. شۇ جۈملىدىن ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيەسى چوڭ ئاقسۇ يېزىسىنىڭ ئاھالىلىرىمۇ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.