بۈگۈن 5-ماي شەرقىي تۈركىستان بالىلار بايرىمى كۈنى! بۇ بايرام 1949-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خۇددى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بايرىمى، يەنى 12-نويابىر ئىنقىلابى بايرىمى ۋە 8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە بايرىمىغا ئوخشاش دۆلەت دەرىجىلىك ئۆتكۈزۈلۈش قارار قىلغانىدى.
مەلۇمكى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ھەيئىتى 1945-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 113-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان 12-نويابىر كۈنىنى ئىنقىلاب بايرىمى، يەنى دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن، شۇنىڭدەك ئارقىدىن 8-ئاپرېل كۈنىنى ئارمىيە بايرىمى كۈنى قىلىپ قارارلاشتۇرغانىدى.
5-ماي بالىلار بايرىمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولغان ئۈچ ۋىلايەتتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەتتە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلمىغانىدى. تارىخىي شاھىتلىرىڭ قەيت قىلىشىچە، 1949-يىلى 5-ماي كۈنى بۇ بايرام بىرىنچى ۋە ئاخىرقى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن.
ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۆزلىرىنىڭ بايراملىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلىگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەت بالىلار مىللەتنىڭ كېلەچىكى، ئۈمىدى ۋە ئۇلار بەختىيار ياشىشى شۇنىڭدەك ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك دېگەن ئىدىيە بىلەن بالىلار بايرىمىنى بېكىتكەنىدى. 5-ماي بالىلار بايرىمى 1948-يىلى 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولغان سىياسىي-ئاممىۋى تەشكىلات «ئىتتىپاق» قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەخمەتجان قاسىمى رەئىسلىكىدىكى «ئىتتىپاق» تەشكىلىي ھەيئىتى تەرىپىدىن رەسمىيلەشتۈرۈلگەن ۋە قارارلاشتۇرۇلغانىدى.
تارىخىي شاھىتلارنىڭ خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، 12-نويابىر ئىنقىلابىي بايرىمى، يەنى دۆلەت بايرىمى كۈنى پۈتۈن ئىدارە-جەمئىيەتلەر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، مەكتەپ بالىلىرى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلىرى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن. سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى، ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان 94 ياشلىق نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئەسلىشىچە، 12-نويابىر بايرىمى ۋە 8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە بايرىمى ۋە باشقا بايراملاردا چوڭ يىغىلىشلار ئۆتكۈزۈلگەن، ھەممە يەرلەرنى يېشىل بايراقلار قاپلىغان.
1949-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 5-ماي بالىلار بايرىمىدىمۇ خۇددى 12-نويابىر بايرىمىدەك مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرى بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن. 1949-يىلى غۇلجىدىكى ھەرەمباغ مەكتىپىنىڭ 6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولغان، ھازىر ئالمۇتادا ياشايدىغان پېشقەدەم ژۇرنالىست، 84 ياشلىق رىزا سەمەدىنىڭ ئەسلىشىچە، كوچىلارغا شەرقىي تۈركىستان ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلىرى ئېسىلىپ، شەھەر بايرام كەيپىياتىغا كىرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەكتەپلەردىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن. بالىلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قوللىرىدا چوڭ-كىچىك بايراقچىلارنى كۆتۈرگەن ئاجايىپ يۇقىرى كەيپىيات ھۆكۈم سۈرەتتى.
ئەپسۇسكى، 1949-يىلى 12-ئايدا خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلدى ۋە سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، «شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى» قۇرۇلدى، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان بۇ بايراملارنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەندە 5-ماي بالىلار بايرىمىمۇ بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈش بەلگىلەندى.
1949-يىلى 11-ئايدا خەلقئارا ئاياللار بىرلەشمىسى موسكۋادا يىغىن ئېچىپ 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى خەلقئارا بالىلار بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. خىتاي 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان ۋە 1950-يىلى 1-ئىيۇن كۈنى 1-قېتىملىق بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن. ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 3 ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-ماي بالىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزمەسلىك بەلگىلىنىپ، كىشىلەر خۇددى 12-نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بايرىمىنى ئۇنتۇشقا مەجبۇر بولغاندەك بۇ كۈننىمۇ بارا-بارا ئۇنتۇپ كەتكەنىدى.
1949-يىلىغىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىمى، يەنى 12-نويابىر ئىنقىلابى بايرىمى 5 قېتىم، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى بايرىمى 5 قېتىم، 5-ماي بالىلار بايرىمى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. ئەمما بۇلار ئىچىدە جۇمھۇرىيەت ۋە ئارمىيە بايرىمى كۈنى ھېچقاچان ئۇنتۇلمىغان بولۇپ، بۇ بايراملار تاكى ھازىرغىچە ھەر خىل شەكىلدە ھەر يىلى تەبرىكلىنىپ كېلىنمەكتە. لېكىن 5-ماي بالىلار بايرىمى ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن.