ئاخىرقى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرىنىڭ ھايات كەچمىش يەكۈنى
2018-يىلى، 13-ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىي ۋەقەلەر شاھىتلىرىدىن بىرى، 1946-1952-يىللىرى ئارىسىدا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ۋە 5-كورپۇس 13-دېۋىزىيە شتابىدا خىزمەت قىلغان مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى شۇنىڭدەك 1961-يىلى ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ھاياتىنى قازاقىستاندا ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندى 92 يېشىدا ۋاپات بولدى. 19-ئىيۇل كۈنى ئالمۇتانىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى بىر رېستوراندا باتۇر ئەرشىدىنوفقا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىپ، ئۇنىڭ مىللىي ئىنقىلاب ھايات مۇساپىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىشتى.
چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر سىياسىي دەۋا ساھەسىدىكى ئەربابلار باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ 1990-2000-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، بۇ مەسىلىلەردە بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكتىپ قاتناشقانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىشتى.
باتۇر ئەرشىدىنوف ھايات ۋاقتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ھايات مۇساپىلىرى، بولۇپمۇ ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تارىخى ۋەقەلىرى، 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە ئۆزى ئوفىتسېر بولغان مىللىي ئارمىيە ھەققىدە بىر قاتار ئەسلىمىلەر شۇنىڭدەك ئۆز چۈشەنچە ھەم قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ بالىلىق، ياشلىق دەۋرلىرى غۇلجا، قەشقەر، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ھاياتىنىڭ 35 يىلىنى ئۆز تارىخى ۋەتىنىدە، قالغان 57 يىلىنى مۇساپىرلىق مۇساپىسىدە ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرقى ھايات مۇساپىسىنى ئالمۇتادا خۇلاسىلىدى.
خۇلاسىلىغىنىمىزدا، باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ھايات مۇساپىسى ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچ، ئۇنىڭ 1945-1949-يىللىرى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب، يەنى مىللىي ئارمىيىدە ئۆتكۈزگەن ھاياتى، ئىككىنچى باسقۇچى 1950-1961-يىلى ئارىسىدا مىللىي ئارمىيە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئۆزگەرتىلگەن بۇ كورپۇسنىڭ 13-دېۋىزىيە شتابىدا، كېيىن ئۈرۈمچىدە مەمۇرىي خىزمەتكە ئالمىشىپ، تاكى 1961-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكۈچە بولغان جەرياندىكى ھايات مۇساپىلىرى، ئۈچىنچى باسقۇچى بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر فولكلورى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئىلمىي ھايات مۇساپىسىدۇر.
باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1952-يىلى مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوفنىڭ 13-دېۋىزىيىسىدە ئىشلەۋاتقاندا، ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلىپ، ئىككى يىللىق سىياسىي كۇرستا ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن. ئەمما، 1957-1958-يىللىرى «يەرلىك مىللەتچىلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە تەنقىد ئاستىغا ئېلىنىپ، مىللەتچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇ بۇ ھەقتە: «بولۇپمۇ مەن مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقانلىقىم سەۋەبىدىن دائىم ئىدىيە تەكشۈرۈش، بېسىم ئاستىغا ئېلىش ھەتتا تەنقىد قىلىشقا، خىتايلارنىڭ بىئارام قىلىشىغا ئۇچرىدىم. كۆپلىگەن مىللىي كادىرلار بۇ ۋاقىتتا كۈرەش قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى، بولۇپمۇ مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقانلارغا مىللەتچىلىكىڭنى تاپشۇر دەپ بېسىم قىلدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەتچىلىكىنى قايرىپ قويۇپ بىزنى قىستىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم» دېدى.
ئۇ 1961-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا، يەنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتىغا يەرلەشكەندىن كېيىن، قازاقىستان كومسومول كومىتېتىنىڭ سېكرېتارلىرىدىن ھەجەر ئىبرايىۋا، سۇنيات دېگەن كىشىلەر بىلەن تونۇشلۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىغا چۈشۈپ يول مېڭىش ئارقىلىق ئۇنى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىنستىتۇتىغا ئورۇنلاشتۇرغان. كېيىن ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئىشلىدى. ئۇ بۇ جەرياندا مەزكۇر بۆلۈمنى باشقۇرغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن مۇرات ھەمرايېف، كېيىنرەك غوجائەخمەت سادۋاقاسوف قاتارلىقلارنىڭ قوللاشلىرى ۋە ياردەملىرىگە ئېرىشكەن. ئۇ، مەزكۇر بۆلۈم 1986-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇ يەردە خىزمەت قىلىپ، 1990-يىلى پېنسىيىگە چىققان.
ئالمۇتادىكى سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ھايات مۇساپىلىرىدە ئۇنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەتكە قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىدە ئۆتىگەن خىزمەتلىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگىدۇر. ئۇ مىللىي ئارمىيە شتابىدا خىزمەت قىلغان ۋە كۆپ تارىخى شەخسلەر، مەسىلەن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبېك مۇنونوف، مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوف ۋە باشقا ئونلىغان مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر بىلەن ئۇچراشقان.
باتۇر ئەرشىدىنوف 2000-يىللاردا 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب، بولۇپمۇ 1945-1947-يىللىرى ئارىسىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇد سابىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق «ئۈچ ئەپەندى» بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ غايىلىرى ھەققىدە مەخسۇس كىتاب نەشر قىلدۇرۇپ، شۇ دەۋرنى چۈشىنىشكە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
باتۇر ئەرشىدىنوف 1990-يىلى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تەتقىقات ئىشلىرىنى توختاتماي، يەنە ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارغان. ئۇ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر داستانلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ بۇ ھەقتە كىتابلىرىنى چىقارغان ۋە بىر قىسىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. يېقىنقى يىللاردا ئۇنىڭ «ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»، «20-ئەسىر ئۇيغۇرىستان نامايەندىلىرى»، ئۈچ توملۇق «ئۇيغۇر بەدىئىي تەپەككۇر تارىخى» ناملىق مونوگرافىيەلىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
باتۇر ئەرشىدىنوف ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئىدى، ئۇ قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى 1957-يىلى ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغان. 1960-2000-يىللىرى قازاقىستاندىمۇ بەش توپلىمى ۋە داستانى نەشردىن چىققان.