باتۇر ئەرشىدىنوف: مەن شاھىت بولغان ۋە بىلگەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى (2)

0:00 / 0:00

باتۇر ئەرشىدىنوف: بىز ئىنقىلابىمىزنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۆلىنىشكە مەجبۇر بولغان ئىدۇق

2018-يىلى، 13-ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە 92 يېشىدا ۋاپات بولغان 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارى ۋە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا تونۇلغان مەرھۇم باتۇر ئەرشىدىنوف 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى ۋە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ئىدى.

باتۇر ئەرشىدىنوف ھايات ۋاقتىدا ئۆزى ھايات كەچۈرمىشلىرى، بولۇپمۇ 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، مىللىي ئارمىيە ۋە كېيىنكى 5-كورپۇس، 13-دېۋىزىيىسىدە خىزمەت ئۆتىگەن 8 يىللىق ھەربىي ھاياتىدا كۆرگەنلىرى، بىلگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلغان ئىدى.

باتۇر ئەرشىدىنوف ئۆز سۆھبەتلىرىدە مەخسۇس 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان ئىنقىلابنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، مىللىي ئىنقىلابچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر تۈرلۈك ياردەملىرىگە تايانغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىكى رولى ۋە باشقىلار ھەققىدە توختالغان.

ئۇ، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى نېمە ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاياندى؟ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ۋە ھەربىي ياردەملىرىسىز بۇ ئىنقىلابنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولۇشى مۇمكىن ئىدى؟ دېگەن مەسىلىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلق ئىچىدە دائىم ھەم ئىزچىل مۇھاكىمە تېمىسى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش، يەنى بىرى ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىشى خاتا بولغان، ئۇلار ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى ئالماسلىقى كېرەك ئىدى دەيدىغان قاراش بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىسىز ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى دەيدىغان قاراشنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى خىل قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىنقىلابتا سوۋېتنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن زور ئىدى. نېمىشقا سوۋېتقا يۆلىنىسىلەر دېگەن گەپلەر بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا يۆلەنمەك تۇرۇپ ئىنقىلاب قىلىش مۇمكىن ئەمەس، سەۋەبى؛ پۈتۈن قورالنى بۇلاردىن ئالىمىز، سېتىۋالىمىز. ئۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قوشنىمىز. بىز ئورۇس دېگەن بىلەن بىزگە كەلگەنلەر، ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر ئىدى، سوۋېتتىن ئۇيغۇرلارمۇ كەلدى، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىزلار كۆپ ئىدى، ئەلۋەتتە ئورۇسلارمۇ بار ئىدى. ئومۇمەن شۇ ۋاقىتتا بىر نەزەرىيە چىققان، يەنى شىنجاڭدا ئىنقىلاب قىلىش ئۈچۈن بىر چەتنىڭ ياردىمى ۋە تەسىرىگە تايانماي بولمايدۇ دېگەن، سەۋەبى گومىنداڭ كۈچلۈك، بىز ئاجىز. بىزنىڭ قولىمىزدا ھېچنېمە يوق، شۇڭا چەتنىڭ تەسىرىگە تايىنىشىمىز كېرەك ئىدى، چەت كىم؟ چەت سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى، يەنى بۇ، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئىدى. ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى دېيىلەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ساپ شۇلارنى، شۇ مىللەتلەرنى ئەۋەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى قوشنىڭىز، ئۇلارسىز ئىنقىلاب قىلغىلى بولمايتتى. ھەممە ياردەم شۇ ياقتىن كېلىۋاتقان، شۇڭا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بەزى تۈزۈملىرىنىمۇ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق».

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىنقىلابنىڭ بېشىدىلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابچىلارغا ھەربىي ۋە مەنىۋى ياردەملەرنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ھەربىي ياردەملەر سانى كۆپ، قوراللىرى خىل ۋە مۇنتىزىم خىتاي گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق روللارنىڭ بىرى بولدى. بۇ ھەربىي ياردەملەر، بولۇپمۇ ئەسكىرىي جەھەتتىكى ھەم قورال-ياراق، ئوق-دورا جەھەتلەردىكى ياردەملەر ئەنە شۇ ئەڭ جىددىي جىڭ ۋە شىخۇ ئۇرۇشلىرىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى، ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولغان جەڭچىلىرىنىڭ قەھرىمانلىقى، ئازادلىق ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىش روھى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىدى. باتۇر ئەرشىدىنوف بۇ ھەقتە: «رۇسلار، يەنى رۇس دېگىنىمىز، سوۋېت ئىتتىپاقى دېگەنلىكتۇر، ئۇرۇش مەزگىلىدە رۇس، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، ئۇيغۇرلار كېلىپ، قوشۇنلاردىكى تۆۋىنى ئىزۋوتتىن تارتىپ كوماندىرلىقنى شۇلار بېجىردى. بولۇپمۇ شىخۇ ۋە جىڭ ئۇرۇشىدا تىركىشىش ئېغىر بولدى، ئون نەچچە كۈنگىچە يا ئۇلار ئالالمىدى، يا بىز ئالالمىدۇق، ئاخىرى سوۋېت قىزىل ئەسكەرلىرى تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن بىر كېچىدىلا كىرىپ جەڭگە قاتنىشىپ چىقىپ كەتتى، جەڭدە دۈشمەننى يەڭدۇق، خىتايلار قېچىپ كەتتى. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇتلەق مەخپىي ھەرىكەت ئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداشلىرى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن بۇ ئىشنى يوشۇرغانىدى» دېدى.

لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقى قورال-ياراق ياردەملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ھەقسىز بەرمىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى قوراللار، ئوق-دورىلار ئۈچۈن ھەق تۆلىگەن ۋە قوي-كالا، ئات، قوي يۇڭى، تېرە قاتارلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى بەرگەن. ئەمما سوۋېت تەرەپ 1946-يىلى، بىتىم مۇناسىۋىتى بىلەن ھەربىي خادىملىرى ۋە قورال-ياراقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. باتۇر ئەرشىدىنوف: «ئۇلار قوراللىرى، يەنى، زەمبىرەك، زېنىت پىلىموت ۋە باشقىلارنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. خەلق بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، › بىز بۇلارنى سېتىۋالساق، پۇل بەرگەن، قوي بەرگەن تۇرساق نېمىشقا ئېلىپ كېتىدۇ دېگەندە بىزنىڭ باشلىقلار قويغا چۈشلۈك قوراللار قېپ قالدى، قالغانلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى‹ دېگەن ئىكەن. قولىمىزدا خىتايدىن ئولجا ئالغان قوراللار قالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى مىلتىق ئىدى، ياپون مىلتىقىمۇ بار ئىدى. ئەمما بىزدە ئوق يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقلارنى رۇسلاردىن سېتىۋېلىپ ئىشلەتتۇق» دەيدۇ.

باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى مىللىي ئىنقىلابچىلارنىڭ 100 مىڭ كىشىلىككە يېقىن خىتاي ئارمىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشىغا تايىنىش يولىنى تۇتۇشىدىن پايدىلىنىپ، ئىنقىلابنىڭ سىياسىي تەقدىرىدە كونترول قىلىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ دوتسېنتى، 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇش بىلەن ئۇنى تولۇقلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ياردەملەردىن باشقا يەنە پۈتۈن ئورگانلارغا ئۆزىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىنى ئەۋەتكەنلىكى، بۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باتۇر ئەرشىدىنوف، 1946-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىدا ئىشلىگەن ۋە باياندايدىكى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۈپىتىدە ئوفىتسېرلارغا سىياسەتتىن دەرس بەرگەن. ئۇ بۇ جەرياندا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبېك مۇنونوف، مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچراشقان شۇنىڭدەك مىللىي ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا كۆپلىگەن يۇقىرى ھەم ئوتتۇرا دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن سۆھبەتداش، سەپداش بولغان ئىدى. باتۇر ئەرشىدىنوف، 1961-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ، ھاياتىنى ئالمۇتادا ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈپ، 2018-يىلى، 13-ئىيۇل كۈنى ۋاپات بولدى.