ياشلار تەشكىلاتى ۋە خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ تارقىتىۋېلىشى ھەققىدە
1949-1944-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي-سىياسىي، ئىجتىمائىي، سودا-ئىقتىسادىي، ئەدلىيە، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردىكى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزىنى-ئۆزى ئىدارە قىلدى. ئەنە شۇ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب جەريانىدا يەنە تۈرلۈك ئىجتىمائىي-سىياسىي، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، پارتىيەلەر قۇرۇلۇپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. ئاممىۋى جەمئىيەتلەر ئىچىدە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، ھەربىي مەجرۇھلار جەمئىيىتى، خانىم-قىزلار جەمئىيىتى قاتارلىقلار پائالىيەت قىلغاندىن باشقا يەنە ئاممىۋى-سىياسىي تەشكىلاتلار ۋە پارتىيەلەردىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى، خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى ۋەكىل خاراكتېرلىكتۇر.
ئىنقىلاب باشلىنىش ئالدىدا غۇلجا شەھىرىدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىدىغان «ئازادلىق تەشكىلاتى» پائالىيەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇش بىلەن جەمئىيەت ئەزالىرى ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، جەمئىيەت ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلغان ئەڭ چوڭ، تەشكىلاتچانلىقى يۇقىرى، مۇكەممەل نىزامنامىسىگە ئىگە سىياسىي تەشكىلات-شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىدۇر. تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا مەزكۇر تەشكىلات 1945-يىلى، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان. بۇ تەشكىلاتقا ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇكېرىم ئابباسوف رەئىس، سەيدۇللا سەيپۇللايوف مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلانغان، 11 كىشىلىك مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېت تەسىس قىلىنغان. شۇ ۋاقىتتىكى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى باتۇر ئەرشىدىنوفمۇ مەزكۇر ياشلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەشكىلاتقا كىرىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش، جەدۋەل تولدۇرۇش، تەستىقلانغاندىن كېيىن بولسا قەسەم بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلاتتى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى تېز ئارىدا پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەتكە كېڭەيگەن، ئەزا سانلىرىمۇ تېز كۆپەيگەن ۋە كۈچەيگەن تەشكىلاتقا ئايلاندى. 1946-يىلى، 7-ئايدىن كېيىن بولسا قەشقەر، ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە باشقا جايلاردىمۇ يوشۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى 14مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن شۇنىڭدەك مەخسۇس «كۈرەش»، «ئىنقىلابچىل ياشلار» ناملىق ژۇرنال ۋە گېزىتلىرىنى چىقارغان ئىدى.
باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات ياشلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تەشكىللىنىش ۋە ئويغىنىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە بۇ تەشكىلاتنى قوللىسىمۇ، ئەمما مەزكۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى كېيىن ۋاقىتلاردا ئەلىخان تۆرىگە ئانچە بويسۇنماي ئۆزىنىڭ بىتىمنى قوللاش پوزىتسىيىسى بويىچە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان؛ باتۇر ئەرشىدىنوف: «بۇ تەشكىلات مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش سۆزىنىڭ ئورنىغا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئازادلىق كۈرىشى قىلىش دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتەتتى، بۇ تەشكىلات 1946-يىلى، 7-ئايدا باشقۇرۇش سىستېمىسىدا ئۆزگىرىش قىلىپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ئۈرۈمچىگە كەتكەندىن كېيىن سەيپۇللايېف رەئىس بولغاندىن كېيىن پۈتۈنلەي ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بىتىم ھەققىدىكى مەيدانىنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە پائالىيەت قىلدى» دەيدۇ.
بۇ مەزگىلدە، ياشلار تەشكىلاتىدىكى رەھبىرىي شەخسلەر ئاساسىدا يېڭى بىر پارتىيە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پارتىيە «خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى» دەپ ئاتالدى. تارىخى مەنبەلەرگە قارىغاندا مەزكۇر پارتىيە 1946-يىلى 5-ئايلاردا غۇلجىدا مەخپىي قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر پارتىيەنى ياشلار تەشكىلاتى رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابباسوف، مۇئاۋىن رەئىسى سەيدۇللا سەيپۇللايېف ھەم سەيپىدىن ئەزىز، مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوف، ئەسھەت ئىسھاقوف، ئەنۋەرخان بابا، ئابدۇللا زاكىروف قاتارلىق 6 كىشى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ ئۆز ئەزالىرىنى ئاستا-ئاستا كۆپەيتكەن. باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئەسلىشىچە، بۇ پارتىيە پۈتۈنلەي مەخپىي پارتىيە بولۇپ، ئۇ ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقا رەھبەرلەردىن خالى تۇتۇلغان، ئەزالىرىمۇ مەخپىي كۆپەيتىلگەن ئىدى.
باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، 1946-يىلى، 7-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىقلار ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، «خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى» نىڭ پائالىيەتلىرى ئۈرۈمچىگە كېڭەيگەن. ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدىكى «كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى»، «كۈرەش جەمئىيىتى» دەپ ئاتالغان تەشكىلاتلارغا ئەزا بىر قىسىم خىتاي كوممۇنىست يەر ئاستى تەشكىلات ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت قىلغان ئىدى.
سەيپىدىن ئەزىز، ئەنۋەرخان بابا قاتارلىق «خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يازغان ئەسلىمىلىرىمگە قارىغاندا ئۇلار ئۈرۈمچىدە › خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى» دېگەن نامنى «خەلقچىل ئىنقىلابى پارتىيە» دەپ ئۆزگەرتكەن، لېكىن 1947-يىلى، 7-8-ئايلاردا بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلغاندا مەزكۇر پارتىيە مەركىزى كومىتېتى يەنە غۇلجىغا يۆتكەلگەندە لى تەييۈ، چېن شىخۇا قاتارلىق بىر قانچە نەپەر خىتاي پارتىيە ئەزالىرىمۇ غۇلجىغا بېرىپ تۇرغان.
«خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى» ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىنمۇ، جەمئىيەتتىنمۇ مەخپىي تۇتۇلغان پارتىيە بولۇپ، كېيىنچە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ۋە مەلۇم مەزگىل سۈكۈت قىلغان. باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، «خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى» نىڭ نىشانىدا مۇستەقىللىق يوق ئىدى. ئۇ، پەقەت مىللىي بىرلىكسەپ پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىدى.
باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەھالەنكى، ئەخمەتجان قاسىمى، مەيلى ياشلار تەشكىلاتى، مەيلى خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى بولسۇن ھەر ئىككىلىسىگە ئەزا ئەمەس ئىدى. باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى «خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى» نىڭ پائالىيەتلىرىگە چەك قويغان بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ پارتىيەنى چەكلەش پوزىتسىيەسىدە بولدى. بۇ پارتىيە مەسىلىسىدە ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى ئارىسىدا زىددىيەت كېلىپ چىققان، ئەخمەتجان قاسىمى ئۇلارنىڭ بويسۇنۇشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
1948-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى غۇلجا شەھىرىدە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساھەگە تەۋە زاتلار، زىيالىيلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىدىغان يېڭى بىر ئاممىۋى-سىياسىي تەشكىلات «ئىتتىپاق» تەشكىلاتى قۇرۇلدى. باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، نەتىجىدە «خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى» پۈتۈنلەي تارقىتىۋېتىلدى، ئۇنىڭ بەزى باشلىقلىرى «ئىتتىپاق» قا كىردى. «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى» ئايرىم تەشكىلاتلىق ئورنىدىن قالدۇرۇلۇپ، پەقەت «ئىتتىپاق» نىڭ ياشلار بۆلۈمىگە ئايلاندۇرۇلۇشى بىلەن ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى.