ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف: سوۋېت رازۋېتچىكى ھاكىم جاپپار ماڭا ئېيتىپ بەرگەن سىرلار (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر تارىخىي شاھىتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق ئەربابلارنىڭ 1949-يىلى، 8-ئايدا سوۋېت تېررىتورىيەسىدە ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىشى، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ ساق-سالامەت بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى جاكارلاشقا ئىشتىراك قىلىشى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەقەدۇر.

خىتاي كومپارتىيەسى ۋەكىلى ليۇ شاۋچى 1949-يىلى، 7-8-ئايدىكى موسكۋا سەپىرىدە ستالىن قاتارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى قۇرۇلىدىغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى تېز ئېلان قىلىش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى ھەققىدە پۈتۈشكەندىن كېيىن، موسكۋانىڭ ياردىمى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ۋەكىلى دېڭ لىچۈننى غۇلجىغا ئەخمەتجان قاتارلىقلار بىلەن سۆزلىشىشكە ئەۋەتتى.

بۇ جەرياندا ماۋ زېدوڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنى بېيجىڭدىكى يېڭى كوممۇنىستىك خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ۋە ئاخىرىدا دۆلەت ھاكىمىيىتى رەسمىي جاكارلىنىدىغان تۇنجى قېتىملىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا رەسمىي تەكلىپ قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدە ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 27-ئاۋغۇست كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىركۇتسكىي رايونىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.

خىتاي ھۆججەتلىرىدە ئۇلارنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇپ، جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلغۇچىلار ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان

ئەمما، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىغا ئىشەنمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سۇيىقەست بولۇشى مۇمكىنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھەر خىل قىياسلار ۋە سوئاللار پەيدا بولغان.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار راستىنىلا بېيجىڭدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشماقچىمىتى؟ ئۇلار بۇ يىغىنغا بارالىغان بولسا، نېمە تەلەپ ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن ئىدى؟ كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى مانا شۇ سوئاللار ئەتراپىدا تەھلىل قىلىشتى.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن بىرى، 1945-1949-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ كاپىتانى بولغان ئاسىم باقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى غۇلجادىكى بىخەتەرلىك خادىمى، ئىنقىلاب باشتىن ئاخىرى ئارىلاشقان دوختۇر ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ ئۆزىگە مەخپىيەتلىك سۈپىتىدە ئېيتىپ بەرگەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سىرلىق تەقدىرىگە ئائىت «خۇنزىرلىق» ناملىق خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. ئاسىم باقى «خۇنزىرلىق» دەپ ئاتالغان مەزكۇر خاتىرە ماقالىسىدە 1970-يىللاردا ھاكىم جاپپارنىڭ ئۆزىگە 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى غۇلجىدىن ئالمۇتاغا بېيجىڭدىكى يىغىنغا بارىدۇ دەپ كەلگەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن موسكۋادىن كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىكىنىڭ ۋەكىلى ئارىسىدىكى مەخپىي سۆھبەتكە تەرجىمانلىق قىلىش جەريانىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ موسكۋا ۋەكىلىنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنغا قاتنىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە ھېچقانداق تەلەپ قويماي، يېڭى خىتاي تەركىبىگە شەرتسىز قوشۇلۇش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى، ئەخمەتجان قاتارلىقلارنىڭ ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا فېدېراتىپ تۈزۈمدىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىشنى ئېتىراپ قىلمىسا ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭغا بارمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئاسىم باقى «خۇنزىرلىق» ناملىق كىتابىدا يەنە ھاكىم جاپپارنىڭ مەزكۇر ئوخشاش سىرنى ئالمۇتادىكى يەنە بىر ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفقىمۇ سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلغان. بۇ يىل 82 ياشقا كىرگەن، ھازىر ئالمۇتادا ياشايدىغان ئاتاقلىق شائىر، «ئۇيغۇرىستان»، «رىزۋانگۈل» قاتارلىق نەچچىلىگەن داستان، ۋە بىر قانچە شېئىر توپلاملىرىنىڭ ئاپتورى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا پائالىيەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ ئۆزىگە ئاسىم باقىغا سۆزلەپ بەرگەنگە ئوخشاش «سىرنى» 1975-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى دەلىللىدى:

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ھاكىم جاپپارنىڭ قانداق بولۇپ، ئۆزىنى چاقىرتىپ بۇ سىرنى سۆزلەپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئېلان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان يىرىك داستانى «ئۇيغۇرىستان» نى ھاكىم جاپپارنىڭمۇ ئوقۇپ تەسىرلەنگەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي قىسمەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ھاكىم جاپپار «يېڭى ھايات» گېزىتىدىكى ھەربىر ئەسەرلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىي قىسمەتلىرى ۋە تەقدىرىگە ئائىت ئەسەرلەرنى قالدۇرماي ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزى قۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان، پائالىيەت قىلغان، ياشىغان 1944-1949-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى دەۋرى ۋە مەزكۇر ئۇيغۇر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتى، بولۇپمۇ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ پاجىئەلىك قىسمىتىدىن ئېچىنىش ئىچىدە ئۆتكەن. ئۇ ئەنە شۇ ئېچىنىشتىن ئاخىرى ئۆزى بىلگەن دۆلەت مەخپىيەتلىكى كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ ئاشۇ قىسمەتلەرگە ئائىت سىرلارنى ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفقا ئېيتىپ بېرىشنى قارار قىلغان ئىكەن.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھاكىم جاپپار ئۆزىنىڭ 1949-يىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 24-كۈنى فرۇنزې شەھىرىدىن ئالمۇتاغا ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ يەرگە كېلىپ بولغان ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف قاتارلىق ۋەكىللەر بىلەن موسكۋا ۋەكىلى ئارىسىدىكى سۆھبەتكە تەرجىمانلىققا سېلىنغانلىقىنى، بۇ تەرجىمانلىقتا ئەخمەتجاننىڭ نېمە دېگەنلىكى، موسكۋا ۋەكىلىنىڭ نېمە دېگەنلىكى ۋە باشقىلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى بىرمۇ-بىر، سۆزمۇ-سۆز رۇسچىدىن ئۇيغۇرچىغا، ئۇيغۇرچىدىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن.

ئاسىم باقىنىڭ «خۇنزىرلىق» ناملىق كىتابىنى ئوقۇغان ۋە ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنى ئۇزۇندىن بۇيان يېقىن بىلىدىغان شۇنىڭدەك مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھاكىم جاپپار سۆزلەپ بەرگەن بۇ سىرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى قوللاش سىياسىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، سوۋېت تەرەپنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا ئۆز شەرتلىرىنى تېڭىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنداق مەخپىي سۆھبەتكە ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ئادىمى بولغان ھاكىم جاپپارنىڭ تەرجىمانلىققا تاللىنىشى تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئىزاھلىدى.

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفنىڭ ئەسلىشىچە، ھاكىم جاپپار بۇ ۋاقىتتا كېسەلچان بولۇپ، ئۇ چارچاپ تۇرسىمۇ ھاياجان ۋە ئېچىنىش ئىچىدە ئۆزى شاھىت بولغان ئىشلارنى تەپسىلىي ۋە بىرمۇبىر بايان قىلغان.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1943-1949-يىللىرى غۇلجىدا، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم تەشكىللەش، ئالاقىلىشىش خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرغان مەخسۇس خادىمى ھاكىم جاپپار 1907-يىلى تۇغۇلۇپ، 1992-يىلى فرۇنزې، يەنى بىشكەكتە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفقا سۆزلەپ بەرگەن سىرلىرىنىڭ داۋامىنى كېلەركىن قېتىمدا ئاڭلايسىلەر.