تارىخ ۋە بۈگۈن (25 - نويابىر)

« تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 25- نويابىر كۈنىدىكى قىسمىدا دىققىتىڭلاردا تۆۋەندىكى پروگراممىلار بولىدۇ.
ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2012-11-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
جامالىدىن قەمەرىدىنوف، سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسەرى
جامالىدىن قەمەرىدىنوف، سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسەرى
RFA


« تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 25- نويابىر كۈنىدىكى قىسمىدا دىققىتىڭلاردا تۆۋەندىكى پروگراممىلار بولىدۇ.

يېقىندا ياپونىيىدە « ھونلار» ماۋزۇلۇق كىتاب نەشىر قىلىندى. كىتابتا بىر قاتار يېڭى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈركىيىدە خىتايشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، خىتايشۇناسلىق تەتقىقاتى تۈركشۇناسلىق ئىلمى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلدى. دوكتور ئالىمجان ئىنايەت تۈركىيىدىكى خىتايشۇناسلىق ئىلمى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى. بۇ ھەقتە ئەركىن تارىم مەلۇمات تەييارلىدى.

مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى جامالىدىن قەمەرىدىنوف ئۆز ھايات مۇساپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

سابىق مىللىي ئارمىيە پراپورشكى جامالىدىن قەمەرىدىنوف بۇ يىل 83 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھازىر ئالمۇتا شەھىرىدە ياشىماقتا. جامالىدىن ئاكا 1946-يىلى، مىللىي ئارمىيىگە قاتناشقان بولۇپ، 1950-يىللارغىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ھەمدە روتا كومادىرىلىق دەرىجىسىگىچە كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان جامالىدىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ياپونىيىدە «ھونلار» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىندى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلۇق

يېقىندا ياپونىيە «توخو شوتەن» نەشرىياتى تەرىپىدىن، ياپونىيە كانازاۋا سەيلىئو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى،قەدىمقى ئاسىيا مىللەتلىرى تەتقىقاتچىسى ساۋادا ئىسائو ئەپەندىنىڭ «ھونلار» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى.

مەزكۇر كىتاب جەمئىي 213 بەت، بەش بابدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ساۋادا ئىسائو ئەپەندى ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىنى خىتاينىڭ مەشھۇر قەدىمقى تارىخچىسى سىماچەن تەرىپىدىن يېزىلغان خىتاي تارىخى مەنبەلىرىدىكى ھونلار ھەققىدە يېزىلغان قەدىمقى قول يازما مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يازغانلىقىنى قەيت قىلغان.
كىتاب بەش بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بابىدا موڭغۇلىيە يايلاقلىرىدا ياشىغان شىمالىي ھونلار، تەڭرى تېغى ۋە ئالتاي تېغى ئەتراپىدا ياشىغان جەنۇبىي ھونلار شۇنداقلا شەرقىي ھەم غەربىي ھونلار ھەققىدە توختالغان. ئاپتور بۇ بابتا ھازىرقى جۇغراپىيىلىك كىتابلاردا ئاتىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان قاتارلىق جايلارنىڭ ھونلارنىڭ قەدىمىي ماكانلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، تۈركىي مىللەتلەرنى «ھونلارنىڭ ئەۋلادى» دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ بابتا ھازىرقى ۋېنگرلار بىلەن ھونلارنىڭ ۋە تۈركلەرنىڭ، شۇنداقلا ئوتتۇرا - ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھونلار بىلەن بولغان قانداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە خىتايدىكى ئاز - سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھونلاردىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئاپتور يەنە خىتايدىكى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ھونلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئاپتور كىتابىنىڭ ئىككىنچى بابىدا بولسا ھونلارنىڭ خىتايلار بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىنى بايان قىلغان، ئۈچىنچى بابىدا ھونلارنىڭ مەدەنىيىتى ھەققىدە توختالغان. بۇنىڭدا ھونلار ياراتقان تۆمۈرچىلىك مەدەنىيىتى، قول - ھۈنەرۋەنچىلىك، قىز - ئاياللارنىڭ زىبو - زىننەت بۇيۇملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. مەسىلەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزۈك، ھالقا ۋە بىلەيزۈك، يۇڭدىن تەييارلانغان توقۇلما بۇيۇملار، كىگىز، شىرداق ۋە پالاسلار مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئاپتور بۇلاردىن باشقا يەنە ھونلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە يېمەكلىكلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان.

ياپونىيە تارىخشۇناسى ساۋادا ئىسائو ئەپەندى ھونلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىك قاتارىدا قوي گۆشىنى ئىستىمال قىلىش بىلەن بىرگە سۈت ۋە قېتىقنى كۆپ ئىچىدىغانلىقىنى ھەم ئاتنىڭ سۈتىدىن قىمىز ياسايدىغانلىقى، بۇ قىمىزلارنىڭ مەي خاراكتېرلىق مەست قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. كىيىم - كېچەك جەھەتتە، ھونلارنىڭ قوي - كالا تېرىلىرىدىن ئاياق ھەم باشقا ھەر خىل كىيىم - كېچەكلەرنى تىكىپ كىيىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان.

ئاپتور كىتابىنىڭ تۆتىنچى بابىدا بولسا، شىمالى، جەنۇبىي ۋە شەرقىي - غەربىي ھونلارنىڭ ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلىرى، ھونلارنىڭ دۆلەت تۈزۈمى، ئائىلىۋى قائىدە - يوسۇنلىرى، ئەر - ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى توغرىسىدا توختالغان، بەشىنچى بابىدا ھونلارنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى يەنى ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىشى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

بۇ كىتابتا يەنە خاتىمە سۈپىتىدە ھونلارنىڭ ئات مەدەنىيىتى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، ھونلارنىڭ ئۇرۇشقا ماھىر، چەۋەنداز، جەڭگىۋار، ئات خۇمار مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىم بىلەن ۋە شۇنداقلا ھەر - يىلى ۋېنگرىيە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھونلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتقان، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىت خەمىت ئاگاھى ئەپەندىملەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت