بوسنىيە- ھېرزېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋادا 10-نۆۋەتلىك «خەلقئارالىق بۈيۈك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى» ئۆتكۈزۈلدى. بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى، سارايېۋا ئۇنىۋېرسىتېتى، يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى، تۈركىيە-ئەزەربەيجان دوستلۇق ھەمكارلىق ۋەخپى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قۇرۇلتاي 9-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە داۋاملاشتى. سارايەۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە پاكۇلتېتىدا سائەت 10'دا باشلىغان ئېچىلىش مۇراسىمىدا سارايەۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى مۇھەررەم ئاۋدىسپاھىك، تۈركىيەنىڭ بوسنىيە ھەرزەگوۋىنا ئەلچىسى جىھاد ئەرگىناي، تۈركىيە ئەزەربەيجان دوستلۇق ھەمكارلىق ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر ھاسانوغلۇ قاتارلىق مەسئۇل كىشىلەر مۇھىم سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرگتھىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 147 ئىلىم ئادامى يەتتە گرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. قۇرۇلتايدا بىۋاسىتە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالتە ئىلمىي دوكلات ئوقۇلدى. بۇلاردىن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفەسور ئالىمجان ينايەتنىڭ «1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مەتبۇئات تىلىدە تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ تەسىرى»، ئافيون كوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەخمەت قارامان ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىدە ئاياللار»، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئايسۇن دەمىرەز گۈنەرىنىڭ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى شىۋىلىرىدە ر تاۋۇشىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى»، ئەسكىشەھىر ئوسمانغازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور فەررۇھ ئاغجا ئەپەندىنىڭ «مائىترىسىمىت نوم بىتىگ مىسالىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يىلتىزداش جۈپ سۆزلەر»، ئايشە قىلىچنىڭ «ئان-تساڭنىڭ شېئىرلىرىدىكى رەۋىش رولىدا ئىشلىتىلگەن سۆزلەر» ماۋزۇلۇق ئىلمىي دوكلاتلىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
«1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مەتبۇئات تىلىدە تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ تەسىرى» ناملىق دوكلاتتا 1930-يىللاردا قەشقەردە چىقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى»، «ئەركىن تۈركىستان» ۋە «يېڭى ھايات» ناملىق گېزىتلەرنىڭ تىلىدە كۆرۈلگەن تۈركىيە تۈركچىسىگە ئائىت ئامىللار ئۈستىدە توختىلىندى. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر گېزىتلەرنىڭ تىلىدا تۈركىيە تۈركچىسىگە ئائىت نۇرغۇن ئامىللار بولۇپ، بۇلارنى ئىسىملەر، پېئىللار، سۈپەتلەر، باغلىغۇچىلار، تۇراقلىق ئىبارىلەر ۋە باشقا ئىپادىلەر دېگەندەك گرۇپپىلارغا ئايرىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئەينى چاغدىكى گېزىتلەردە دۆلەت ناملىرى تۈركىيە تۈركچىسىدىكى شەكلى بويىچە ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن «ئالمانيا»، «ئىڭگىلتەرە»، «ماجارىستان»، «فرانسا»، «جەزايىر»، «ئىسۋەچ»، «بەلچىكا» دېگەن دۆلەت ناملىرى كۆپ قوللىنىلغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئىسىملاردىن «ئابونە»، «ئوردۇ»، «گۈمرۈك»، «شارقى»، «تەلەۋىزيون»، «كاردەش»؛ سۈپەتلەردىن «ئالچاق»، «چوك»، «شاشقىن»، «سەرسەرى»، «ئەسكى»، «گەنچ»؛ پېئىللاردىن «چارپىشماق»، «ئولماق»، «چالىشماق»، «چابالاماق»، «چوغالماق»، «ئۇغراشماق» دېگەن سۆزلەر قوللىنىلغان.
مەزكۇر گېزىتلەرنىڭ تىلىدا يەنە «تارالۇۋ»، «ئاڭلاشۇۋ»، «كېلىشۇۋ»، «ئىشلەۋچى»، «ئوقۇۋ»، «سايلاۋ» قاتارلىق تاتارچە سۆزلەرمۇ بار ئىكەن. ماقالىدە دېيىلىشىچە، تۈركىيە تۈركچىسىگە ئائىت بۇ ئامىللار كېيىنكى مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان پانتۈركىزمگە قارشى ھەرىكەتتە ئۇيغۇر تىلىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلانغان.
قۇرۇلتايدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىلمىي دوكلاتلارنىڭ بىرى ئەخمەت قارامان ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىدە ئاياللار» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدۇر. مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىدە ئاياللار ھەققىدە ئىجابىي ۋە سەلبىي ھۆكۈملەر بار. ئەخمەت قارامان ئەپەندى دوكلاتىدا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇندا دېدى:
«ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈز ئەللىك ماقال-تەمسىل ئىچىدە ئون سەككىز ماقال-تەمسىلدە ئاياللار ھەققىدە ئىجابىي ھۆكۈم بېرىلگەن. بۇ ماقال-تەمسىللەردە ئاياللار ئۆينىڭ ھۈسنى، نازۇك ۋە مۇققەدەس بىر بارلىق دەپ بايان قىلىنغان. ئاياللار ھەققىدە سەلبىي ھۆكۈم بېرىلگەن ماقال-تەمسىللەردە ئاياللارنىڭ قۇۋلىغى، ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقى ۋە بەتخەجلىكى بايان قىلىنغان. ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرىدە كۆرۈلگەن ئاياللار ھەققىدىكى بۇ ھۈكۈملەرنىڭ كۆپ قىسمى قۇتاغۇبىلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆزقاراشلار بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. قەدىمكى تۈركلەردە ھاقاننىڭ يېنىدا ئورۇن ئالغان ئاياللارنىڭ ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى ۋە ئۆيگە مەھكۇم قىلىپ قويۇلۇشى يات مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن بولغان بولۇشى مۇمكىن.»
قەدىرلىك ئاڭلىغۇچىلار، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتى نېمە دېگەن سوئالىمىزغا پروفەسور دوكتور زېكى قايماز ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى:
«10-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق بۈيۈك تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىنىڭ مەقسىتى تۈرك تىلىنىڭ ئۆز بايلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، تۈرك تىلىنىڭ دۇنيا تىللىرى ئارىسىدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تۈرك تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە يېڭى ئەھۋاللار ھەققىدە مۇنازىرە يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت.»
بۇ مەقسەت بويىچە تەرتىپلەڭەن مەزكۇر قۇرۇلتاي غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. قۇرۇلتايدا بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ھالدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۈستىدە توختالغان نۇرغۇن ئىلمىي دوكلاتلار ئوقۇلۇپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00