مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەنگلىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە سىياھەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆگىنىلىشىنىڭ بولۇپمۇ 19 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئەۋج ئالغانلىقى ياخشى مەلۇم. ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىدى ۋە ۋەزىپىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تەتقىقاتچىلارنى قىزىقتۇرۇپ كەلمەكتە.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا چار رۇسىيىسى چوڭ ئېتىۋار بەرگەن بولۇپ، مەخسۇس ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيىلەرنى ئۇيۇشتۇرغان ھەم باي مەلۇماتلار توپلىغان. 1917 - يىلى رۇس پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇلۇپ، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن سوۋېت دائىرىلىرىمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا نىسبەتەن ئۆز پىلانلىرىنى قۇرۇپ، ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەر خىل ئۇسۇللارنى پايدىلانغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئابلەت كامالوف ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ شبىتى ئاساسلىقى چار رۇسىيىنىڭ رازۋېتكا پائالىيەتلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى رازۋېتكا ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلدى.