2 - نۆۋەتلىك دۇنيا قىرىم تاتارلىرى قۇرۇلتىيى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


تۇنجى قېتىملىقى 2009 - يىلى قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا قىرىم تاتارلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىكى 8 - ئاينىڭ 1 - 2 - كۈنلىرى ئەنقەرە بىلكەنت يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتايغا 12 دۆلەتتىن 100 ئەتراپىدا تاتار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا ۋەكىل قاتناشتى. رۇسلارنىڭ قاتتىق بېسىمىغا، توسۇشىغا قارىماي قىرىمدىنمۇ 150 ئەتراپىدا تاتار قۇرۇلتايغا كەلدى.

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قىرىم تاتار مىللىي قۇرۇلتىيى رەئىسى رەفات چۇباروۋ، قىرىم خەلقىنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مۇستافا ئابدۇلجېمىل قىرىمئوغلۇ، تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى ناجى بوستانچى ئەپەندى، تۈركىيە باش ممىنىستىر مۇئاۋىنى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى، ئۇكراينىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاۋلو كلىمكىن ئەپەندى، تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى رۇھسار دەمىرەل خانىم، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى مۇرات ئۆزچەلىك ئەپەندى، ئامېرىكانىڭ ئەنقەرە ئەلچىسى قوھن ر. باسس ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.

يىغىن ئاخىرىدا 3 مۇھىم قارار ۋە بىر مەتبۇئات باياناتى ماقۇللانغان. قاراردا رۇسيا فېدېراتسىيەسىنى قىرىم يېرىم ئارىلىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرغان.

بىز قۇرۇلتاي توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن قىرىم تاتارلىرى مىللىي قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەمەل قىرىم تاتار ۋەقپى باشلىقى زافەر قاراتاي ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇكراينىيە پارلامەنت ئەزاسى مۇستافا جەمىل قىرىموغلۇ
ئۇكراينىيە پارلامەنت ئەزاسى مۇستافا جەمىل قىرىموغلۇ


ئۇ ئالدى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قىرىم تاتارلىرى مىللىي قۇرۇلتېيى رەئىسى رەفات چۇباروۋ ئەپەندى قىلدى. ئۇ، نۇتۇقىدا قىرىمنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، رۇسىيەنىڭ بېسىپ كىرگەندىن كېيىن قىرىم تاتارلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. تۈركىيە پارلامەنتى مۇئاۋىن باشلىقى ناجى بوستانچى ئەپەندى سۆز قىلدى. ئارقىدىن قىرىم خەلقىنىڭ مىللىي رەھبىرى مۇستافا ئابدۇلجېمىل قىرىموغلۇ، تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى، تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى رۇھسار دەمىرەل خانىملار سۆز قىلدى. ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاۋلو كلىمكىن ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىدا ئۇزۇن سۆز قىلدى.

زافەر قاراتاي ئەپەندى نۇتۇقىدا ئالدى بىلەن ئۇكراينىيە دۆلەت رەئىسىنىڭ قىرىم تاتارلىرى مىللىي قۇرۇلتىيىغا ئەۋەتكەن سالامىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بۇ سالام خېتىنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

بۇ خەت بەك مۇھىم ئىدى. ئۇكرائىنا دۆلەت رەئىسى پەترو پېرىشەنكو بۇ خېتىدە قىرىم يېرىم ئارىلى ئۇكرىنانىڭ قولىغا قايتقاندا، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتى قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇ خەت ۋەكىللىرىمىزنى بەكلا تەسىرلەندۈردى. ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ قىرىم خەلقى بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، بۇرۇن ئۇكرائىنا ھۆكۈمەتلەرنىڭ قىرىم تاتارلىرىغا قارىتا خاتا سىياسەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ خاتالىقلارنى تۈزىتىپ،رۇسيەگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا توختالدى.

قىرىم تاتارلىرى مىللىي كۈرىشىنىڭ رەھبىرى، ئۇكراينىيە پارلامەنت ئەزاسى مۇستافا جەمىل قىرىموغلۇ نۇتۇقىدا رۇسيەنىڭ قىرىم ئىشغالىغا قارىتا دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدە نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

زافەر قاراتاي ئەپەندى ئىككى كۈن داۋاملاشقان قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

بۈگۈنكى سايلامدا قىرىم مىللى قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە رەفات چۇباروۋ قايتا سايلاندى. دۇنيا قىرىم تاتارلىرى قۇرۇلتېيىنىڭ نىزامنامىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ نىزامنامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. قۇرۇلتايدا 4 قارار ماقۇللاندى. بىرىنچى قاراردا پۈتۈن دۇنياغا قىلىنغان بىر چاقىرىق بار. ئىككىنچى قاراردا پۈتۈن دۇنيادىكى قىرىم تاتارلىرىغا قىلىنغان بىر چاقىرىق بار. ئۈچىنچىسى بولسا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە سۇنماق ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغان بىر قارار بار. تۆتىنچىسى بولسا بىر پارچە مەتبۇئات باياناتىدۇر. بۇ قارارلارنىڭ ئورتاق مەزمۇنى رۇسيەنىڭ تاجاۋۇزىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ياخشى ئاڭلىتىش كېرەكلىكى، پۈتۈن دۇنيادىكى قىرىم تاتارلىرىنىڭ دۇنيا قىرىم تاتار قۇرۇلتىيىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

زافەر قاراتاي ئەپەندى قىرىم تاتارلىرىنى تۈركىيە باشتا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

قۇرۇلتىيىمىزغا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرى، ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى دۆلىتى بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە داۋام قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى قىلغان نۇتۇقىدىمۇ رۇسيەنىڭ قىرىمنى بېسىۋالغانلىقىنى ئېيىپلايدىغانلىقىنى، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەقلىق داۋاسىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. قۇرۇلتىيىمىزغا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئەپەندى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى يەتكۈزدى.