ئەنگلىيەنىڭ 1943-يىلى قۇرۇلغان ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۆلكىنىڭ شىمالىدىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، جەنۇبى ۋىلايەتلەر قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىنىڭ كۆزىتىش دائىرىسىگە كىرگەن ئىدى.
بىرىنچى قېتىم ئۈرۈمچى كونسۇلخانىسىغا باش كونسۇللۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان تۇرال 1944-يىلى يۈز بەرگەن ئىلى ئىنقىلابى ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇرلارنى بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئەنگلىيە كونسۇلىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ئەينى ۋاقىتتا غەرب دۇنياسىدا نۇرغۇن سۆز -چۆچەكلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.
تۇرالدىن كېيىن كونسۇل بولغان ۋالتېر گراخام ئوخشاشلا ئىلى ئىنقىلابىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، برىتانىيە دىپلوماتلىرى بۇ ئىنقىلابنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولىنى ئېنىقلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. مەزكۇر غەرب دىپلوماتلىرى ئىلى بىلەن مۇناسىۋىتى بار «ئاق ئورۇسلار » دەپ ئاتالغان ئىلى، تارباغاتاي ۋە باشقا جايلاردىكى رۇس ئاھالىسى ئارقىلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن.
قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ۋالتېر گراخام ئۈچۈن سوۋېت تۈزۈمىگە گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان رۇسلار سوۋېت تەرەپنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا قانچىلىك دەرىجىدە ئارىلاشقانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم مەنبە ھېسابلانغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز سەپىرىدە غۇلجا ۋە تارباغاتايدىكى رۇسلار بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ سۆزلەشكەن.
گراخام 1946-يىلى سېنتەبىر ئايلىرىدا غۇلجىغا بارغان بولۇپ، بۇ دەل شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بىتىم ئىمزالىنىپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان، بۇ ھۆكۈمەتكە گومىنداڭ تەرەپتىن گېنېرال جاڭ جىجوڭ رەئىسلىككە، ئىلى تەرەپتىن ئەخمەتجان قاسىمى مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلىنىپ، تىنچلىق ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن، ھەر ئىككىلا تەرەپ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئېتىبار بېرىپ، ئۆلكىدە يېڭى تەرتىپلەر ئورنىتىلىشقا باشلىغان چاغ ئىدى.
بۇ ئەھۋال گراخامنىڭ ئازاد ئۈچ ۋىلايەتكە بېرىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى. گراخام غۇلجا سەپىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رولىنى ئېنىقلاشقا كۆڭۈل بۆلگەندىن سىرت يەنە كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بىلەنمۇ كۆرۈشتى. ئۇ، غۇلجىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ، ئۇنى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەت بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىلىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، بازارلاردىكى مال باھاسى ۋە باشقا تەرەپلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەۋزەل تۇرمۇش شارائىتى يارىتالىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
گراخام كۆپىنچە تەبىئەت مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەشكە كۆڭۈل بۆلگەن، كىشىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە كىيىنىشلىرىگىمۇ دىققەت قىلغان. ئۇ ئۆز دوكلاتىدا سوۋېت تەسىرىنىڭ غۇلجىدا يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى، ھاكىمىيەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە مايىل كىشىلەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى، ھەتتا ئارمىيە ئىچىدە سوۋېت ئوفىتسېرلىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭغا شۇ يەردىكى رۇسلار بەرگەن.
دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ بايان قىلىشىچە؛ غەرب دىپلوماتلىرىنى ھەيران قالدۇرغان نۇقتا ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ناھايىتى تېز غەلىبە قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەنلىكى شۇنىڭدەك ئۈچ فرونت بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈچ ۋىلايەتتىكى مۇنتىزىم گومىنداڭ ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلالىغانلىقى بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭدا چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بار دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشەنچلىك پاكىتقا ئېرىشەلمىگەن.
ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە بەرگەن ھەربىي ياردەملىرىنى يوشۇرغان بولۇپ، سوۋېت تەرەپنىڭ پائالىيەتلىرى مۇتلەق مەخپىي تۈردە ئېلىپ بېرىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئەسكەرلەر ۋە ئوفىتسېرلار ئۆزلىرىنى ھامان يوشۇرغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىنى قوللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئەنە شۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەزگىلىدە غۇلجىغا بارغان ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا كونسۇللىرىنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى 1945-يىلى 2-ئايدىكى يالتا كېلىشىمى بويىچە 1945-يىلى، 8-ئايدا خىتاي بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىشى جەريانىدا قوزغىلاڭچىلارغا ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە ياردەم بەرمەسلىك ۋەدىسىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە، جۈملىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزكۇر كېلىشىملەر بويىچە، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىلى ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيەنى قوللىغان ھەم قوللاۋاتقانلىقىنى بىلىپ قېلىشىنى قەتئىي خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشلىرىنى ناھايىتى مەخپىي تۇتقان.
سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئۆزىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە كۆرسەتكەن ياردەملىرى ۋە تەسىرلىرى مەسىلىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخىرلاشقۇچە ئىزچىل مەخپىي تۇتقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ۋە تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگۈچە بولغان ئارىلىقتا غەرب دىپلوماتىيەسى ۋە تەتقىقاتچىلىرى گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىنى بۇ ئىنقىلابقا ئارىلاشتى دەپ بىلسىمۇ، ئەمما ئېنىق، رەسمىي يازما ۋە ماددىي پاكىتلارغا ئىگە بولالمىغان ئىدى. پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا زادى قانداق يوسۇندا ۋە قانچىلىك دەرىجىدە ئارىلاشقانلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنلا رۇس تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىشقا باشلاپ، ئالدى بىلەن رۇسىيە تارىخچىسى ۋالېرىي بارمىننىڭ تەتقىقاتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پروفېسسور بارمىن بىر قانچە يىللار موسكۋادىكى رۇسىيە دۆلەتلىك ئارخىپلىرىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق موسكۋانىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىنقىلابتا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، 1999-يىلى« 1941-1949-يىللاردىكى سوۋېت -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ»ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلدى.
يېقىنقى يىللاردا بولسا، مەزكۇر ئارخىپ ماتېرىياللىرى تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزىمۇ 1945-1949-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت تەرەپنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا كۆرسەتكەن ياردەملىرىگە ئائىت مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى كۆپلەپ ئېلان قىلدى.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىغا بارغان ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ھەم ژۇرنالىستلىرى چۈشەنمەكچى بولغان نەق ھۆججەتلەردىن ئىبارەت ئىدى. ئەنگلىيە كونسۇلى ۋالتېر گراخام ۋە ئامېرىكا كونسۇلى پاكىستون ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىدىكى تەسىرى ھەققىدە مۇھىم ۋە ئېنىق ماتېرىياللارغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار توپلىغان ماتېرىياللار ئوخشاشلا 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم ماتېرىياللارغا ئايلانغان.
0:00 / 0:00