«ئەرگىنەقوندىن خاقانلىققىچە ئۈلگە دۆلەت - كۆكتۈرك دۆلىتى» دېگەن كىتاب نەشر قىلىندى

0:00 / 0:00

«ئەرگىنەقوندىن خاقانلىققىچە ئۈلگە دۆلەت - كۆكتۈرك دۆلىتى» دېگەن كىتاب بىلگە كۈلتۈر سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئىستانبۇلدىكى يەدەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ بۆلۈم باشلىقى، پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى يېزىپ نەشرگە تەييارلىغان.

كىتابتا كۆكتۈركلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇش سىستېمىلىرى ۋە شۇ دەۋردىكى ئىجتىمائىي سىياسىي مەسىلىلەر توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركلەرنىڭ كۆكتۈرك دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن كۈچلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئۇيغۇر دۆلىتى قاتارلىق تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئاپتور بۇ كىتابتا، كۆكتۈركلەرنىڭ ئومۇمىي تۈرك تارىخى ئىچىدە ئالغان ئۆرنىكى، ئوينىغان روللىرى، تارىخ سەھنىسىگە چىقىشى، يىمىرىلگەن ۋاقىتقىچە بولغان جەريانلار ھەققىدە خىتاي مەنبەلىرىگىمۇ تايىنىپ تۇرۇپ توختىلىپ ئۆتىدۇ.

بۇ كىتابتا پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل، مەنبەلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ، كۆكتۈركلەرنىڭ باشلىنىشتىن تاكى ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر تۈرك تارىخىدا قېلىپلاشقان ئۆلچەملىك بىر «ئۈلگە دۆلەت» ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈنكى دۇنيا تارىخىدا تۈركلەرنىڭ تارىخى تىلغا ئېلىنغاندا، ئەقىلگە تۇنجى بولۇپ كەلگىنى كۆكتۈرك تارىخىدۇر. چۈنكى، كۆك تۈركلەر پەقەت دۆلەت قۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈرك نامىنى دۆلەت نامى قىلىپ قوللانغان ھەم بۇ نامنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ۋە تونۇلۇشىنى شۇنداقلا مىللەت كىملىكىنى چىڭىتىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. تۈرك نامى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، تارىخى ۋە دۆلەت ئاپپاراتى شۇنداقلا ئۇنۋانلىرىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆچمەس بايلىق قىممىتىدىكى تۈركچە ئابىدىلەر، كۆك تۈرك دۆلىتىنى تۈرك تارىخىدا ئۈلگىلىك دۆلەت دەرىجىسىگە كەلتۈرگەن.»

كىتابتا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ، قاراخانىيلارنىڭ ۋە ھەتتا غەزنەۋىيلەرنىڭ كۆك تۈرك يىلتىزىدىن چىققانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما، ئوغۇز يابغۇ دۆلىتىدىن باشلاپ سالجۇقلار، ئوسمانلىلار دۆلىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە مەركىزى ئاسىيادا قۇرۇلغان ساناقسىز دۆلەت ۋە بەگلىكلەر بىۋاسىتە كۆكتۈركلەرنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ كورىيەدىن قىرىمغىچە سوزۇلغان ياۋرو-ئاسىيانىڭ چەكسىز ۋادىلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، پۈتۈن تۈرك قەبىلىلىرىنى بىر دۆلەت سايىسى ئاستىغا توپلىشى كۆكتۈركلەرنىڭ ئايرىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىدۇر. كۆكتۈرك تارىخىنى ۋەزىيەتكە قاراپ ئاچقۇچ ياكى ئەندىزىگە ئوخشاش قوللىنىپ پۈتۈن تۈرك دۇنياسى تارىخىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. كۆكتۈركلەرنىڭ شەرقتىكى قىسمىنىڭ خەلق تەبىقىسى بولغان ۋە توغلا ۋادىسىنى ئاساس قىلىپ ياشىغان توققۇز ئوغۇزلار كۆكتۈركلەر يىقىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتىدا ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇرلار، ئورخۇن ۋادىلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇرغان خاقانلىقى بىلەن پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالدى ۋە 840-يىلى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن گەنسۇ-ئوردوس ۋە تۇرپان-بەشبالىق رايونلىرىغا كۆچۈپ بارغان. توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىمۇ ئۇلارغا ئەگەشكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ساھەلەردە كۆك تۈركلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى داۋام قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە يېتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاساسى ئۇلى مەيدانغا كەلدى. قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان پۈتۈن ئەسلى تۈرك بولغان خەلقلەر كۆك تۈرك بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى باردۇر. ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە دۆلەت تەشكىلى ئاپپاراتى جەھەتتە كۆك تۈرك دۆلىتى پۈتۈن تۈرك تارىخى ئىچىدە ئۈلگىلىك دۆلەت دەپ قوبۇل قىلىنىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار، قاراخانىيلار، غەزنەۋىيلەر، سالجۇقىيلار ۋە ئوسمانلى دۆلەتلىرى كۆك تۈرك دۆلىتىنى ئۈلگە ئېلىپ يۈكسەلگەن ئىدى».

350 بەتلىك بۇ كىتابنىڭ كۆپىنچە يەرلىرىدە ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىپ ئۆتۈلگەن. كىتابتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇيغۇرلار، ئوتتۇرا ئاسىيادا 745-يىللىرىدا تۈرك تارىخىنىڭ مۇھىم دۆلەتلىرىدىن بىرىنى قۇرغان. ئۇيغۇرلار كۆكتۈرك ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن ناھايىتى تەسىرى كۈچلۈك بىر ھالغا كەلدى. بولۇپمۇ 647-يىلىدىن كېيىن سىر تاردۇشلارنىڭ يىمىرىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشنى قولغا كەلتۈردى. تارىخى مەنبەلەردىن نەقىل قىلىپ بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۇجۇم قىلغان 100 مىڭ كىشىلىك كۆكتۈرك قوشۇنىنى، ئۇيغۇرلار 5 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن مەغلۇپ قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. پۇسا ئىسىملىك رەئىسىنىڭ قوماندانلىقىدا ئەمەلىيلەشكەن بۇ غالىبىيەت ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ شان-شەرەپ كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن 646-يىلغىچە ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەت ئورناتمىغان ۋە 682-يىلى ئىلتەرىش قۇتلۇق باشچىلىقىدا 2-كۆكتۈرك دۆلىتى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندا ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن».

ئاپتور كىتابتا يەنە، كۆكتۈركلەرنىڭ خىتايلار بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇرۇش-جەڭلىرى توغرىسىدىمۇ كەڭ توختالغان.

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل كىتابىدا، كۆك تۈرك دۆلىتىنىڭ تۇنجى بولۇپ تۈرك نامىدا قۇرۇلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى تۈرك دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئۈلگە بولىدىغان بىر سىستېمىلىق دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىز، كۆك تۈركلەر ۋە كۆكتۈرك دۆلىتى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتور ئەركىن ئەكرەم كۆك تۈركلەر ۋە كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئەمما، دوكتور ئەركىن ئەكرەم كۆك تۈرك دۆلىتىنىڭ تۇنجى تۈرك دۆلىتى ئەمەسلىكىنى ، بۇ دۆلەتتىن ئىلگىرى تۈركلەر ھون دۆلىتىنى قۇرغانلىقىنى، ئەمما كۆك تۈركلەر دەۋرىدە تۈركلەر شۇ دۆلەتنى ئاساس قىلىپ دۆلەت قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، كېيىنكى تۈركلەرگە كۆك تۈرك دۆلىتى قىسمەن ئۈلگە بولغان دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تامامەن ئۈلگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ يەنە تۈرك تارىخى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىن دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدىغانلىقىنى، ئىسلامىيەتتىن كېيىن قۇرۇلغان سەلجۇق ۋە ئوسمانلى دۆلەتلىرى قاراخانىيلارنىڭ دۆلىتىنى كۆپرەك ئۈلگە ۋە مەنبە قىلىپ قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ كىتابنى چۆرىدىگەن ئاساستا، كىتابنى يازغان پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. پروفېسسور ئەخمەت تاشئاغىل ئەپەندى، تارىختىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، ھازىرقى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پروفېسسور دوكتور ئەخمەت تاشئاغىل مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن، ئۇلارنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز».