ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ مىللىي كىيىمى - ئەتلەس

0:00 / 0:00

يېقىندا ياپونىيىدە نارا قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىۋاساكى ماسامى، مۇراتا ماسايو قاتارلىق تەتقىقاتچىلار بىرلىكتە نەشىرگە تەييارلىغان «ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ مىللىي كىيىمى - ئەتلەس» ماۋزۇلۇق تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەتلەس كۆڭلەك توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات بولۇپ، ئاساسلىقى خوتەننىڭ يىپەك ئەتلىسى توغرىسىدا توختالغان.

ماقالىدە، ئەتلەسنى يالغۇز ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىلا ياخشى كۆرۈپ قالماستىن،بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى خەلقلەرنىڭمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق بايان قىلىنغان:

ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ مىللىي كىيىمى ئەتلەسدۇر.

ئەتلەس - قىزىل،سېرىق،قارا دېگەندەك ھەر - خىل رەڭلەردىن تەركىپ تاپقان. ئەتلەس پەقەتلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر خانىم - قىزلارنىڭ مىللىي كىيىمى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆزبېكىستاندىكى ئۆزبېك خانىم - قىزلىرىنىڭمۇ مىللىي كىيىمى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشتان،كۆڭلەك،يوتقان - كۆرپە،ياستۇق تىكەندە كۆپىنچە ئەتلەسنى ئاساسلىق رەخت قىلىپ قوللىنىدۇ. بۇندىن باشقا قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېكلەرمۇ ئەتلەسنى توي - تۆكۈن مەرىكىلەردە كۆپ ئىشلىتىدۇ.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ مىللىي كىيىمى بولغان ئەتلەس كۆڭلەك ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ماقالىدە، خوتەن يىپەك ئەتلىسىنىڭ كىشىگە بېغىشلايدىغان ھۇزۇرى،سۈپىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرق تەرىپىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك ئەتلەستىن تىكىلگەن ئالاھىدە پاسۇنلۇق كۆڭلەكلىرى بار. يىپەك ئەتلەس كۆڭلەكلىرى سالقىن بولۇپ،كۆپىنچە ياز پەسلىدە كىيىلىدۇ.ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى يىپەك ئەتلەستىن تىكىلگەن يۇمشاق،سالقىن،نەپىس تىكىلگەن بۇ كۆڭلەكلەردىن ھۇزۇر ھېس قىلىشىدۇ. بىز ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىدىن قانچىلىك ئەتلەستىن تىكىلگەن كۆڭلەكلىرى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا،شەھەر ئىچىدىكى خانىم - قىزلار بىر - ئىككى كۆڭلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشتى.شۇنداقلا بىر قىسىملىرى بىرمۇ ئەتلەس كۆڭلىكىنىڭ يوقلىقىنى ئەمما 20 ئارتۇق ئەتلەس شارپىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.بىز بۇ يەردە ھېچكىمنىڭ ئەتلەسنى ياخشى كۆرمەيدىغانقلىقىنى ھېس قىلمىدۇق.

ماقالىدە، باشقا ئەللەردە توقۇلىدىغان ئەتلەس بىلەن خوتەن يىپەك ئەتلىسىنىڭ پەرقى ھەققىدە توختىلىپ،بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئەتلەس ئادەتتە رۇسىيە،ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە زاۋۇتلاردا ماشىنىدا توقۇلىدۇ.يەنى بۇ خىلدىكى ئەتلەسلەرنىڭ ئېنى 70cm - 85cm غىچە بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى خوتەن ئەتلىسىنىڭ ئېنى 45cm، ئۇزۇنلۇقى 6.5m بولۇپ،بىر توپتىن - بىر توپتىن قىلىپ قويۇلغان.بۇ خىلدىكى ئەتلەسلەر قولدا توقۇلغان ئەتلەسلەردۇر.ئۇيغۇر ئېلدىدىكى ئەتلەسلەر پەقەتلا خوتەندىلا قولدا توقۇلىدۇ.شۇڭا بۇ خىلدىكى ئەتلەسلەرنى شۇ يەردىنلا تاپقىلى بولىدۇ.

ماقالىدە تەتقىقاتچىلاردىن بىرى،ئۆزىنىڭ خوتەندىكى ئەتلەس توقۇش كارخانىلىرىدا ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىنىمۇ ئالاھىدە قىستۇرۇپ ئۆتۈپ،خىتاي بىلەن ياپون مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىنىڭ بۇ كىچىك كاراخانىلارغا ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىيىنى ھەققىدىمۇ توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان: مەن 2001 - ۋە،2005 - يىللىرى خوتەندىكى قولدا ئەتلەس توقۇيدىغان كىچىك كارخانىلارنى زىيارەت قىلدىم.2001 - يىلى بارغىنىمدا ئۈچ - تۆت كىشى ئالدىراش ھالدا ئەتلەس توقۇۋاتقان ئىكەن.2005 - يىلى خىتايدا ياپونغا قارشى ھەرىكەتلەر باشلىنىپ،كۆپلىگەن نامايىشلار يۈز بەرگەنلىكتىن ياپونىيىدىن كۆپلەپ خوتەنگە ساياھەتكە بارىدىغان ياپونلارنىڭ سانى ئازلاپ كېتىپ، بۇنىڭ بىلەن خوتەن يىپەك ئەتلىسىنىڭ سېتىلىشى تۆۋەنلەپ كەتكەن. خوتەندىكى يىپەك ئەتلەس توقۇيدىغان كىچىك كارخانىلارنىڭ كىرىمى تۆۋەنلىگەن.چۈنكى ياپونلار خوتەننىڭ يىپەك ئەتلىسىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كۆپلەپ سېتىۋالدى.خوتەن يىپەك ئەتلىسىنىڭ سۈپىتى يۇقىرى،تۈرى بىر قەدەر كۆپ.

ماقالىدە ياپونلارنىڭ ئەنئەنىۋى رەخت توقۇش سەنئىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يىپەك ئەتلەس توقۇش ھۈنىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ئۈستىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ،مۇنداق دېيىلگەن: ياپونىيىنىڭ نارا دەۋرىدە خىتايدىن قوبۇل قىلغان رەخت توقۇش ئۇسۇلى ھازىرقى خوتەن ئەتلىسىنى توقۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش. ئەمما بۇ خىل رەخت توقۇش ئۇسۇلىنى ياپونىيە تارىخىي خاتىرلىرىدە خىتايدىن قوبۇل قىلىنغان دېيىلگەن. لېكىن خىتاينىڭ بۇنداق رەخت توقۇش ئۇسۇلىنى،قايسى ئەلدىن قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىق دېيىلمىگەن.2005 - يىلى مەن خوتەندىكى بىر ئەتلەس توقۇش كارخانىسىغا بارسام بىر خانىم ئەتلەس توقۇۋېتىپتۇ. بۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خانىم ئەتلەس توقۇشنى 16 يېشىدىن باشلاپ ئۈگەنگەن،كېيىن بۇ ئەتلەس توقۇش كارخانىسىنىڭ ئائىلىسىگە 18 يېشىدا كېلىن بولۇپ كىرگەنىكەن. بۇ كارخانىدىكى ئەتلەسلەرنىڭ رېڭى،پاسۇنى قاتارلىق لاھىيىلەش ئىشلىرى ئاساسەن كارخانا خوجايىنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن.

ئەتلەسنىڭ تۈرلىرىدىن كىچىككىنە بۇ كارخانىدا 15 خىلى بارىكەن. مەسىلەن:ئامۇت گۈللۈك ئەتلەس،دامچى ئەتلەس،چوڭ گۈللۈك ئەتلەس ۋە چوڭ گۈللۈك قارا ئەتلەس قاتارلىق.

ماقالىدە يەنە ياپون تارىخىدا ئۆتكەن شوتوكو تائىشى شاھزادىنىڭ كىيىملىرىگە چۈشۈرۈلگەن بەزى نۇسخىلارنىڭ خوتەن يىپەك ئەتلەسلىرىدىكى نۇسخىلار بىلەن ئوخشاشلىقىدىن ئىبارەت بۇ بىر نۇقتا ياپونىيە ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا ھەيران قالارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلغان: مەن كۆرگەن 15 تۈرلۈك ئەتلەسنىڭ ئىچىدىكى 11 - نۇمۇرلۇق چۆڭ گۈللۈك ئەتلەس،ياپونىيدىكى بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدىغان نارا ئۆلكىسىنىڭ «ھوريۇ» بۇتخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان 7 - ئەسىرگە تەۋە بولغان شوتوكو شاھزادىنىڭ كىيىم نۇسخىسىغا ئوخشايدۇ. بۇ تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش. خوتەن ئەتلەسلىرىدە قارا رەڭ ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە تارىخىدا ئۆتكەن شوتوكو شاھزادە ھەققە توختالدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.