ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى (7): زۇنۇن قادىرىغا ھۇجۇم

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 87 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۆز ھاياتىدا شاھىت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرى تەركىبىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى زۇنۇن قادىرىنىڭ 1962-يىلى 12-ئايدا كەڭ كۆلەملىك ۋە قاتتىق كۈرەش ئاستىغا ئېلىنىپ، «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سۈرگۈن قىلىنغانلىق ۋەقەسىنى ئەسلىدى.

مەلۇمكى، 1961-1962-يىللىرى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىش ۋە ھەتتا ئاممىۋى قېچىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. شۇلار قاتارىدا 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ نۇرغۇن كادىرلىرى، جەڭچى-ئوفىتسېرلىرى ۋە 1950-يىللاردا تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتتى. شۇلار قاتارىدا ئاتاقلىق يازغۇچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى زۇنۇن قادىرىمۇ كەتمەكچى بولغاندا تۇتۇلۇپ، غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ قاتتىق كۈرەش قىلىندى.

يازغۇچى زۇنۇن قادىرى (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس).
يازغۇچى زۇنۇن قادىرى (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس). (RFA/Uchqun)

پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە توپلىنىپ، مەخسۇس ئۆتكۈزۈلگەن زۇنۇن قادىرى ئۈستىدىن كۈرەش قىلىش يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، سەھنە ئارقىسىدىكى باش تەشكىللىگۈچى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋ ئىدى. يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا زاكىروف، قازاقلاردىن قۇربان ئالىي ئوسمانوف قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلغان.

كۈرەش قىلىش يىغىنى ئىككى ھەپتىلەرگە سوزۇلغان ۋە مەخسۇس گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەممە كىشى زۇنۇن قادىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەشكە سېلىنغان. ئاخىرى يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە زۇنۇن قادىرىغا «ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ، ئۇنىڭ قەلەم ھوقۇقى ۋە باشقا ھەر خىل جەمئىيەتلەردىكى رەھبىرىي ۋەزىپىلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئائىلىسى بىلەن ئاقسۇدىكى يېزا ئىگىلىك مەيدانىغا سۈرگۈن قىلىنغان. زۇنۇن قادىرى ئەنە شۇ مەيداندا ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن ئوننەچچە يىللار ياشىغانىدى. بۇنىڭ بىلەن زۇنۇن قادىرىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ رەسمىي چوڭ مېۋىلەرنى بېرىدىغان باسقۇچى خارابلىقتا ئۆتتى.

بۇ، ئەمەلىيەتتە 1957-1958-يىللىرىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش» تىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ھەرىكەت بولۇپ، بۇ زەربە بېرىشتە «چەتكە باغلىنىش»، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەلپۈنۈش قىلمىشلىرىنى چۆرىدەپ، ئىدىيىۋى زەربە بېرىش ئېلىپ بېرىلغانىدى.

بۇ سۆھبەتنىڭ تولۇق تەپسىلاتىنى يۇقىرقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.