ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەنلىرى ( 8): «تارىم»نىڭ گۇمران قىلىنىشى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2023.01.26
exmet-igemberdi-2.jpg 1950-يىللاردىكى ئەخمەت ئىگەمبەردى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە يازغۇچىلىرى. «تارىم» ژۇرنىلى. 1961-يىلى، ئۈرۈمچى.
RFA

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى، مىللەتپەرۋەر زىيالىيسى ۋە  20-ئەسىردىكى كۆپلىگەن ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى  3 يىل ئىشلىگەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ژۇرنىلى  « تارىم» نىڭ 1962-1964-يىللىرى  قانداق  ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئەسلىدى. ئۇ،  ئەينى  ۋاقىتتا  ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ يېتەكچىلىك مەركىزىگە ئايلىنىپ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ژۇرنالنىڭ ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ماۋ زېدوڭنى مەدھىيەلەيدىغان ژۇرنالغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

دەسلەپكى ۋاقىتلاردا « شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى» دەپ ئاتالغان بۇ ژۇرنال كېيىن « تارىم»غا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق  ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نەشر ئەپكارى ئىدى. ژۇرنالدا 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەدەبىياتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن  بىر قىسىم يازغۇچى-شائىرلار ئىشلىگەن بولۇپ،  ئۇلار ژۇرنال سەھىپىلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي روھى ۋە مىللىي ئىدىيەسى بىلەن سۇغۇرۇلغان ھېكايە، فېليەتون، شېئىر، داستان ۋە باشقا خىلدىكى ئەسەرلەر بىلەن تولدۇرغانىدى. بۇ ژۇرنال ئوخشاشلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەسسە قوشقانىدى. 1957-1958-يىللىرى «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش» نامى ئاستىدا مەزكۇر ژۇرنال تەھرىرلىرى ۋە ژۇرنالدا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان ئەدىبلەرگە بىر قېتىم زەربە  بېرىلگەن بولسا،  1961-1962-يىللىرىدىن ئېتىبارەن يەنە  بىر قېتىم  ئومۇميۈزلۈك « رېۋىزىئونىزمغا  قارشى تۇرۇش»، « قوش يۈرەكلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەندەك ناملار ئاستىدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تازىلاش ئېلىپ بېرىلدى.

  بۇ، سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ،  ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى، زىيالىيلىرى سوۋېتقا باغلانغان، سوۋېتنىڭ  تەسىرى ئېغىر، قوش يۈرەك، رېۋىزىئونىست دېگەندەك  ناملار ئاستىدا زەربىگە ئۇچرىدى. ئەنە شۇ كۈرەشتە ئاتاقلىق  يازغۇچى زۇنۇن قادىرى ۋە باشقىلار ئەنە شۇنداق نام بىلەن قاتتىق كۈرەشكە تارتىلىپ جازالاندى.  1962-1964-يىللىرى ئارىسىدىكى بۇ ھۇجۇمدا« تارىم» ژۇرنىلى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئاساسىي كۈرەش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ ئاقىۋەتتە مەزكۇر ژۇرنال ئۆزىنىڭ  يۆنىلىشىنى تولۇق ئۆزگەرتتى، ئۇنىڭدا ئىشلىگەن ئەدىبلەر، تەھرىرلەر قاتتىق جازالاندى. ژۇرنالدا پەقەت ماۋ زېدوڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنى كۈيلەش، خىتاي ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش مەركىزىي نۇقتا بولدى.

بۇ سۆھبەتنىڭ تولۇق تەپسىلاتىنى يۇقىرقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.