بۇ يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان پروفېسسور، ھازىرقى زامان ۋە كلاسسىك ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تۇنجى بولۇپ چەت تىللارغا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرغان مۇرات ھەمرايېفنىڭ ۋاپاتىنىڭ 40 يىللىقىدۇر. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى ئالىملىرىدىن بىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پېداگوگىكا پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى نامزىتى، يەنى مۇخبىر ئەزاسى مۇرات ھەمرايېف 1983-يىلى 14-فېۋرال كۈنى تاشكەنت شەھىرىدە 47 يېشىدا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانىدى. ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى مۇرات ھەمرايېفنىڭ 1957-1960-يىلى ئارىسىدا تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساۋاقداش بولغان دوستى بولۇپ، ئۇ، مۇرات ھەمرايېفنىڭ بىرىنچى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى رۇسچە ۋە ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرغانلىقىغا شاھىت بولغانىدى.

مۇرات ھەمرايېف 1958-يىلى ئۇيغۇر ئېلى شائىرلىرىنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى ئۆزبېكچىلەشتۈرۈپ بىرىنچى توپلام سۈپىتىدە تاشكەنتتە « شىنجاڭ شائىرلىرى» نامىدا نەشر قىلدۇرغان. لېكىن، ئۇ ئەسلىدە توپلامنى « ئۇيغۇرىستان شائىرلىرى» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەينى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يول قويماي، توپلامنى « شىنجاڭ شائىرلىرى» دېگەن نام ئاستىدا نەشر قىلغان. مۇرات ھەمرايېف « ئۇيغۇرىستان » نامىنى توپلامغا قويۇش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، نەتىجە بەرمىگەن. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى شېرىن ئاي دەۋرىدە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى دوستلۇق، ئىتتىپاقداشلىق ئىچىدە ئىدى. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرىستان ئاتالغۇسىنى رەت قىلغان.
مۇرات ھەمرايېف سوۋېت –خىتاي دۈشمەنلىك دەۋرى بولغان 1960-1970-يىللاردا ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرىنى ۋە ھازىرقى زامان شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى، جۈملىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىنى رۇس تىلىدا نەشر قىلدۇرغانىدى. ئۇنىڭ «تۈركىي شېئىرىيىتى قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئاساسلىرى» قاتارلىق 20 ئەتراپىدا ئىلمىي تەتقىقات كىتابى ۋە يۈزلىگەن ئىلمىي ماقالىلىرى خەلقئارا ئۇيغۇرشۇناسلىق، تۈركشۇناسلىق ساھەسىدە يۇقىرى باھالانغانىدى.
مۇرات ھەمرايېف 1936-يىلى 1-يانۋار كۈنى ئالمۇتادا تۇغۇلغان. ئۇ، ئالمۇتا، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەردە مائارىپ تەربىيەسى ئالغان ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان. كۆپ يىللار قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، تاشكەنتتىكى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتلىرىنى باشقۇرغانىدى.