ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرىنىڭ مۇھىم قىسمى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ 1969-1979-يىللىرى ئارىسىدىكى 10 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى، جۈملىدىن جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈرمىسىدە كۆرگەنلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئۇ تۈرمە ھاياتىدا ئۆزى بىلەن تۈرمىداش بولغان سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي رەھبىرىي كادىرلىرىنىمۇ ئەسلىدى. ئۇنىڭغا تەسىر قالدۇرغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئاتاقلىق قازاق زىيالىيسى، 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېقىنلىرىدىن بىرى ئەنۋەر سالىجان ئىدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئەنۋەر سالىجان بىلەن تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن تونۇش ئەمەس، ئەمما نامىنى كۆپ ئاڭلىغان، بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1946-يىلى قىشتا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك تەركىبىدە نەنجىڭگە بېرىپ، خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە «شىنجاڭنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىش» ھەققىدىكى لايىھەنى تۈزگۈچى ھەم قول قويغۇچىلارنىڭ بىرى بولغانىدى. ئەنۋەر سالىجان ئاخىرغىچە ئەخمەتجان قاسىىمىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىش ئېلىپ بارغان، ئۇ، 1960-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئەزالىرىدىن بىرى ئىدى ۋە شۇ سەۋەبتىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ھەم ئاخىرى باجاخۇ تۈرمىسىدە يېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەنۋەر سالىجان ئەخمەت ئىگەمبەردىگە تۈرمىدە شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىگە ئائىت كۆپ ئۇچۇرلارنى مەخپىي شەكىلدە سۆزلەپ بەرگەن.
ئۈرۈمچىدىكى بۇ تۈرمىدە 1969-1970-يىللاردا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ كادىرلىرىدىن ئارۇپ نەسىبى، ئابدۇللا زاكىروف، قازاقلاردىن ئەنۋەر جاكۇلىن قاتارلىقلارمۇ ياتقانىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.