ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى(13): تۇنجى يازغۇچىلار قۇرۇلتىيى

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى ھەققىدىكى ئاغزاكى تارىخىي بايانلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قىسمىدا 1957-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئېلى بويىچە تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيى، جۈملىدىن يازغۇچىلار قۇرۇلتىيى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 20-ئەسىر تارىخىدىكى مۇھىم بىر سەھىپە ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر قۇرۇلتايغا شۇ ۋاقتىدىكى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە باشتىن ئاخىرى قاتناشقان ئەخمەت ئىگەمبەردى قاتارلىق ياشلارغا مەزكۇر قۇرۇلتاي چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرغانىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى، شائىر، مۇزىكانت ۋە باشقا سەنئەتكارلاردىن بولۇپ 700 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان مەزكۇر چوڭ كۆلەمدىكى ئۈچ كۈنلۈك قۇرۇلتاي نەتىجىسىدە يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەسمىي قۇرۇلۇپ، زىيا سەمەدى جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

مەزكۇر قۇرۇلتايغا 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي، مەمۇرىي، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە باشقا ھەر ساھەلىرىدە خىزمەت قىلغان، خەلق ئىچىگە نامى كەڭ تونۇلغان زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى. زۇنۇن قادىرى، ئابلەي روزى، نىمشېھىت، تېيىپجان ئېلىيوف، ئەلقەم ئەختەم، قۇربان ئىمىن ۋە باشقىلار شۇنىڭدەك يەنە ئابدۇكېرىم خوجا، تۇرغۇن ئالماس، رەھمىتۇللا جارى، ئىمىن تۇرسۇن ۋە باشقا يۈزلىگەن ياش يازغۇچى-شائىرلار ئىشتىراك قىلغان.

قۇرۇلتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتىنىڭ يەنە بىرى شۇكى، بۇنىڭغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىر قىسىم داڭلىق يازغۇچى ۋە شائىرلىرىمۇ كېلىپ قاتناشقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتاقلىق قازاق يازغۇچىسى غابىت مۇسرىپوف، ئۇيغۇر يازغۇچىسى قادىر ھەسەن، تۇڭگان شائىر ياسىر شىۋازى ۋە باشقىلار بار ئىدى.

ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنە شۇ 1955-1958-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، سەنئىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقاندا، خىتاي كومپارتىيەسى دائىرىلىرى يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلاپ، زىيا سەمىدى، ئىبراھىم تۇردى ۋە باشقا يازغۇچىلارنى، زىيالىيلارنى ھەمدە بىر قىسىم مەمۇرىي كادىرلارنى «يەرلىك مىللەتچى» دەپ ئەيىبلەپ جازالىغان. ئاتالمىش ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشكەن بۇ ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى، مەدەنىيىتى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. 1957-يىلى قۇرۇلغان يازغۇچىلار جەمئىيىتىمۇ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان. بۇنىڭ بىلەن ئاشۇ قۇرۇلتاي جەريانىدا پەيدا بولغان يۇقىرى قىزغىنلىق ۋە دولقۇن پەسىيىپ، خۇددى سۇ يۈزىدىكى كۆپۈككە ئايلانغان.