ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى (3)

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى؛ بىز ئۇيغۇرلارغا مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئېلىپ كەلدۇق

ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق تارىخىي شاھىت ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى 1940-1950-يىللىرى ئۈرۈمچى ۋە تاشكەنتلەردە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ تەربىيەلىرىنى كۆرگەن پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى سۈپىتىدە 1940-1950-يىللاردىكى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر مەدەنىي-مائارىپى ھەققىدە توختىلىپ، ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي مىللەتچى تەشۋىقاتلىرى تەرغىب قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىلگىرى قالاق، مەدەنىيەتسىز، مائارىپتا ئارقىدا قالغانىدى. مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتنى خەنزۇلار ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئېلىپ كەلگەن، دەيدىغان تەشۋىقاتلىرىغا رەددىيە بەردى. ئۇ، ئەنە شۇ 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرى ۋە 1950-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا، جۈملىدىن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مەكتەپ مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، پۈتۈن مائارىپنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بولۇپ، خىتاي تىلىغا ھېچقانداق ئېھتىياجى بولمىغانلىقىنى شەرھلىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا ئۈرۈمچىدىكى دارىلمۇئەللىمىن، تېخنىكوم ۋە «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىمۇ پۈتۈن دەرسلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلگەن، ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار بولۇپ، يەنە ئۆزبېك، تاتار، قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ بولغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتەتتى. شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا 1950-يىللاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، يەنە قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ ئوقۇيتتى. ئىنستىتۇتتىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. يەنە تاتار، ئۆزبېك، قازاق ۋە باشقىلارمۇ بار ئىدى. ئىنستىتۇتنىڭ پۈتۈن دەرسلىرى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلەتتى. دەرسلىكلەر ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي مائارىپ ئورگانلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن دەرسلىكلەر بولۇپ، پروگراممىلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىي قىلغان مائارىپ پروگراممىسى ئاساسىدا بولغانىدى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ساپاسىنىڭ خىتايلاردىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، خىتاي تىلىغا ۋە خىتاي ئوقۇتقۇچىلارغا ئېھتىياجمۇ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.