0:00 / 0:00
خىتاي كومپارتىيەسى نېمە ئۈچۈن «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بەردى»؟
خىتاي كومپارتىيەسى 1957-1958-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش ھەرىكى» تى قوزغىدى. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئېلىنغان 1949-يىلىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق كۆلىمى زور بولغان بىر قېتىملىق سىياسىي، ئىدىيەۋى، مىللىي ۋە جىسمانىي زەربە بېرىش ھەم تازىلاش ھەرىكىتى ئىدى.
بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە، ئەنە شۇ ھەرىكەتلەرگە شاھىت بولغان ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىرى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن مەزكۇر زەربە بېرىش ۋە تازىلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشى ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلدى.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلاڭ.