سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك قارارى

0:00 / 0:00

1949-يىلى، 7-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى ليۇ شاۋچى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى مەخپىي تۈردە موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن قاتارلىقلار بىلەن ئىككى ئايغا سوزۇلغان سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى.

سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە ستالىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى 1949-يىلى، 10-ئايدا ئېلان قىلىش ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىنى تېزلىكتە ئىشغال قىلىش تەكلىپى بەردى شۇنىڭدەك ستالىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ رايوننى ئىشغال قىلىشىغا ئايروپىلان ۋە ئاپتوموبىللارنى ئاجرىتىپ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتلەردە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرى مۇھىم تېما بولغان بولۇپ، سوۋېت تەرەپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب مەركىزى غۇلجىغا ئادەم ئەۋەتىپ، بېيجىڭ بىلەن تېلېگراف ئالاقىسى قۇرۇشىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

يېقىندا ئاشكارىلانغان، رۇسىيە دۆلەتلىك ئىجتىمائىي-سىياسىي تارىخ ئارخىپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «س س س ر پۈتۈن ئىتتىپاق كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى سىياسەت كومىسسىيەسىنىڭ خىتاي مەسىلىسى ھەققىدىكى قارارى»دەپ ئاتالغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1949-يىلى، 29-ئىيۇل كۈنىدىكى يىغىنىنىڭ قارارىدا: «خىتاي كومپارتىيەسى ۋەكىلى ليۇ شاۋچىنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئالاقە ئورنىتىش مەسىلىسى بويىچە تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈش، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن:

ئا) سوۋېت ئىتتىپاقى ئالاقە مىنىستىرلىقىغا (يولداش پىسۇرتسېۋقا) ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تارمىقىدىكى ئاخبارات كومىتېتىغا (يولداش فېدوتوۋقا) غۇلجىدا ئالاھىدە تېلېگراف ئىستانسىسى قۇرۇش ۋە ئۇنى زۆرۈر تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ھەم ئوپېراتورلار بىلەن تەمىنلەشنى ۋە يولداش ليۇ شاۋچنىڭ تەلىپى بويىچە غۇلجىدىكى تېلېگراف ئىستانسىسىدا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن موسكۋادىكى خىتاي ۋەكىللىرى ئۆمىكى تەركىبىدىكى ئادەملەردىن بىر رەھبىرىي كادىر، ئىككى رادىست، بىر شىفىرچى، بىر تەرجىمان ئەۋەتىشنى تاپشۇرۇش.

ب) سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالار ھاۋا فلوتىنىڭ باش ئىدارىسىگە (يولداش بايدۇكوۋقا) شىنجاڭ دېموكراتىيە ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرىنى چىتا شەھىرىگە يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ داۋاملىق بېيپىڭغا يۈرۈشى ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان ئاجرىتىشنى تاپشۇرۇش» دەپ كۆرسىتىلگەن.

تارىخچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ۋەزىپە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرى ۋىچىسلاۋ مولوتوۋ، گېئورگىي مالېنكوۋ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي ۋىشېنسكىي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى سىياسەت كومىسسىيەسى رەئىسى ۋاگان گرىگورىيانغا يۈكلەنگەن. ئەنە شۇ قاراردىن كېيىن 9-ئاۋغۇست كۈنى، خىتاي كومپارتىيە ئالاقىچىسى دېڭ لىچۈن ياردەمچىلىرى ۋە رادىستنى ئېلىپ، موسكۋادىن ئايرىلىپ 15-چېسلا، سوۋېت ئىتتىپاقى خادىملىرى تەرىپىدىن غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنىپ، سىمسىز تېلېگراف ئىستانسىسى قۇرغان ھەم ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن. بۇ ئارخىپ ھۆججىتىنى قەيت قىلغان تارىخچىلارنىڭ ئەسىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار 23- ئاۋغۇست كۈنى غۇلجىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەلگەن ۋە 25-ئاۋغۇست كۈنى ئۇلار ئولتۇرغان ئايروپىلان سوۋېت زېمىنىدا قازاغا ئۇچرىغان. ئەمما، خىتاي تەرەپ ئىزچىل بۇ ۋەقەنى 27-ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن دەپ ئېلان قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.