ئۇيغۇر مىللىي ئىنقىلاب تارىخىدىكى ئۆلمەس ئۇيغۇر رەھبىرى-ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇتىغا 110 يىل

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2024.04.11
Exmetjan-qasimi-ordin ئەخمەتجان قاسىمى
Photo: RFA

2024-يىلى، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مىللىي داھىيسى، 1944-1949-يىللىرى ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 110 يىللىقىدۇر. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ زاتنى خاتىرىلەش، ياد ئېتىش، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئىنقىلابىنى ئەسلەش ھەم شۇ دەۋر ھەققىدە ئەتراپلىق، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ كۈرەش يولى ھەم ئىرادىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە يەنىلا يېتەكچىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خەلق قەلبىدە ھېچقاچان ئۆلمەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەخمەتجان قاسىمىنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە داھىيلىق سالاھىيىتى بىلەن تونۇلغان مىللىي رەھبەر» دەپ ئاتىدى.

 ئەخمەتجان قاسىمى 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە قەدەممۇ-قەدەم ئۆسۈپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي تالانتى، قابىلىيىتى، مول بىلىمى ۋە مۇستەھكەم كۈرەش ئىرادىسى بىلەن خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە سۆيۈشى ھەم قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن. يەنى، ئاددىي بىر جەڭچى سۈپىتىدە قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ، ئارقىدىن «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى تەھرىرى، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن باش كاتىپى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي ئىشلار نازىرى، ھۆكۈمەت ئەزاسى دەرىجىلىرىگە كۆتۈرۈلگەن، 1946-يىلىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئازادلىق كۈرىشىدىكى بىر سىمۋوللۇق رەھبەرگە ئايلانغانىدى.

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدىشى، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە بارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ پىروگراممىلىرىنى تۈزگەن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 2004-يىلى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كىملىكىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئەخمەتجان قاسىمى ئاق كۆڭۈل، ساپ نىيەت، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، بىرلا كۆرگەن ئادەمنى ئۆزىگە تارتىۋالالايدىغان، ئىنتايىن بىلىملىك، سىياسىيون، قەيسەر، باشقىلار ئۈچۈن ئۆلۈشكە تەييار، باشقىلار ئۆلمىسۇن، ئورنىغا مەن ئۆلەي دەيدىغان ئادەم ئىدى. مەن تېخى ئەخمەتجاندەك مۇسۇلماننى كۆرمىدىم» دېگەنىدى.

ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىقتىدارى ۋە تالانتى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەزالىرى تەرىپىدىنمۇ يۇقىرى باھالانغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ «ئەخمەتجان ئارىمىزدىكى بىر گۆھەر» دېگەن سۆزلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى.

 ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سىياسىي ھاياتى، ئۇنىڭ خەلق ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب سېپىدىكى كۈرەشچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنى ناھايىتى يۈكسەك بولۇپ، ئۇنىڭ كۈرەش ھاياتى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 5 يىللىق يېقىن سەپدىشى، ئاتاقلىق يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ « «ئەخمەت ئەپەندى» ناملىق بىيوگرافىيەلىك رومانى ئارقىلىق تەپسىلىي يورۇتۇلغان. قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ ئوغلى ئازتېكىن ئىبراھىمىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئوبرازى، ئىدىيەسى ۋە كۈرەش يولى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەر ئارىسىدىمۇ چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. ئۇ، دادىسىدىن ۋە باشقا كۆپلىگەن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئېغىزىدىن ئۇلارنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە ساداقىتىنى ئاڭلىغان. ھازىر قازاقىستاندىكى ياشلار، ئۇيغۇر جامائىتى ھەممىسى ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەتلەيدۇ ۋە ئەسلەيدۇ.

 ئەخمەتجان قاسىمى 1946-يىلى 7-ئايدىن 1947-يىلى 8-ئايغىچە ئۈرۈمچىدە خىتاي تەرەپ بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن بىتىم بويىچە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئىشلىگەندە خىتاي گومىنداڭ ھەربىي سىياسىي دائىرىلىرىگە قارشى سىياسىي كۈرەش يولىنى تۇتقان بولۇپ، ئۇ جاڭ جىجوڭ باشلىق خىتاي ھەربىي-سىياسىي ئەمەلدارلىرى بىلەن يۈزمۇيۈز، باش ئەگمەي كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭسىز ھېچقانداق قەدەم باسالماس ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن 1947-يىلى 25-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ خىتاي پۇقراسى ۋە ھەربىي-ساقچىلىرى كوچىغا چىقىپ «يوقالسۇن ئەخمەتجان! » ، «ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى» دەپ شوئار توۋلاپ نامايىش قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئۇ، بۇ تەھدىتلەرگىمۇ پىسەنت قىلماي خىتاي ئەمەلدارلىرىنى نامايىشنى تىنچىتىشقا مەجبۇر قىلغانىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار 1947-يىلى 8-ئايدا غۇلجىغا قايتىپ خىتاي گومىنداڭ دائىرىلىرىگە قارشى ئۇرۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئۈچ ۋىلايەتنىڭ سودا-ئىقتىسادى، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردىن يۇقىرى تۇرمۇش شارائىتى، ياخشى ئىقتىسادىي ھايات ۋە مائارىپ ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىكى گۈللىنىش مەنزىرىسى ياراتقانىدى. ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلغان دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى ۋە پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى بەرپا قىلدى. ئۇ، بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر تارىخى ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغۇچىدۇر.

ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دۇنياۋى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى جەريانىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە قاراپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرەش ئۇسۇلىنى تاللىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ۋە يېتەكچىلىك قىلغۇچى رەھبەر ئىدى.

ئۇ، 1949-يىلى 8-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈشۈشى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەندە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بەرپا قىلغان ھۆر سىياسىي ھاياتنى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئازادلىق مېۋىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەم ئۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا ئاخىرقى تىنىقىغىچە كۈرەش قىلدى. ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنۇنوف قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى ئەربابلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدە سىرلىق ئايروپىلان قازاسىدا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر خەلقى ھازىرغىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى ياد ئەتمەكتە.

ئەخمەتجان قاسىمى 1914-يىل 4-ئاينىڭ 14-كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1920-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، تاغىسىنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا چوڭ بولغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى قازاقىستاننىڭ ياركەنت، ئالمۇتا، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھەرلىرىدە ۋە موسكۋادا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ مائارىپ تەربىيەسى ئالغان. ئۇ، 1942-يىلى غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ 2 يىل ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە ياتقان. 1944-يىلى 10-ئايدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى غوجا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، كۈرەش ھاياتىنى باشلىغانىدى.

تەپسىلاتنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.