بۇ يىل 8-ئايدا، 1944-1949-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى بازا قىلغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمىگە 69 يىل توشىدۇ، شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ھەر خىل پەرەزلەر ۋە گۇمانلارمۇ مۇشۇ كەمگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا سىرلىق تۈس ئالغان بولۇپ، بۇ سىرلار ھەققىدە ھەر خىل قىياس ۋە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققان، بۇ پەرەزلەر خىتاي ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن يەكۈن بىلەن تامامەن پەرقلىقتۇر.
ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاقبېك مۇنونوف ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقى خىتاي ۋە سوۋېت كومپارتىيە ھۆكۈمەتلىرى بىردەك بېكىتىلگەن يەكۈن بولۇپ، بۇ يەكۈن 69 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىنىڭ جەريانى، ئورنى ۋە ۋەقە يۈزبەرگەن ئاي كۈنىنى ئېنىق كۆرسەتكەن ھەم بۇلارنى ئۆزلىرى بېكىتكەن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىھاللىرى، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى»، «شىنجاڭ تارىخى» ۋە باشقا ئەسەرلەرگە كىرگۈزگەن. مەسىلەن، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش ۋە تەھرىرلەش كومىتېتى» تۈزگەن «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» ۋە «شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى» ناملىق كىتابلاردا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىركۇتسكى رايونىدىكى تاشقى بايقال كۆلى ھاۋا بوشلۇقىغا بارغاندا ھاۋانىڭ ناچارلىشىشى بىلەن ئايروپىلاننىڭ تاققا سوقۇلۇپ كېتىپ قازاغا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
سەيپىدىن ئەزىز ئۆز ئەسلىمىسى «ئۆمۈر داستانى» دىمۇ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىنىڭ 1949-يىلى، 27-ئاۋغۇست كۈنى يۈزبەرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ 25-ئاۋغۇست كۈنى ئىركۇتسكى شەھىرىگە چۈشۈپ، ھاۋا ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇچالماي ئىككى كۈن تۇرۇپ قالغانلىقى، ئاخىرى 27-ئاۋغۇست كۈنى ئەخمەتجاننىڭ قاتتىق تەلىپى بويىچە ئايروپىلان ئۇچۇپ، بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى يابلونوۋوي پېرېۋال، يەنى ئالما داۋىنى دېگەن يەردە تاققا سوقۇلۇپ قازا قىلغانلىقىنى سوۋېت تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئاڭلىغانلىقىنى يازىدۇ.
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى بۇ خۇلاسە بايانلىرى كىشىلەرنى ھېچقاچان گۇمان ۋە ھەر خىل پەرەزلەردىن خالى قىلالمىغان بولۇپ، ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، خەلق ئازادلىققا تەشنا بولۇپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ خىل قاتناش ھادىسىسىدە ئۆز رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئىشەنمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ ئايروپىلان پاجىئەسىنىڭ قايىل قىلارلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا گۇمان قوزغايدىغان يەنە كۆپلىگەن ئامىللار كىشىلەرنىڭ بۇ سىرلىق ئۆلۈمدىن گۇمانلىنىشىغا سەۋەب بولغان.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ يەنە باشقا خىل مەلۇماتلىرى مەۋجۇت بولۇپ، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئالمۇتا، تاشكەنت ۋە بىشكەك شەھەرلىرىدە ياشايدىغان 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ بىر قىسىم ئىشتىراكچىلىرىدىن ھاشىر ۋاھىدى، ئاسىم باقى قاتارلىقلار 1942-1949-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى مەخپىي خادىملىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان دوختۇر ھاكىمجاپپار يارۇللابېكوفنىڭ پاش قىلىشلىرى ئارقىلىق ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئالمۇتادىكى سۆھبەتتە سوۋېت تەرەپنىڭ شەرتلىرىگە كۆنمەي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق تەلىپىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىپ، تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. نەتىجىدە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانمۇ؟ ياكى باشقا شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟ ئايروپىلان قازاسى بولدى دېگەندىمۇ بۇ قازا راست بولغانمۇ ياكى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانمۇ؟ دېگەندەك سوئاللارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل پەرەزلەر كۆپەيدى.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ مەزكۇر تېما جانلانغان بولۇپ، يېقىنقى 4-5 يىل ئىچىدە مەزكۇر ئايروپىلان ھادىسىسى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بىر قىسىم رۇسىيە ئاپتورلىرى ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئەخمەتجان قاسىمى ئولتۇرغان ئايروپىلان قازاسىنىڭ خىتايلار دېگەندەك ئىركۇتكىس ئەمەس، بەلكى بايقال كۆلىگە يېقىن بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە يۈزبەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ئالدى بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇريات تارىخچى-ژۇرنالىستى باتو بورسويېف 2013-يىلى، رۇسىيەدىكى «ئۇفا ژۇرنىلى» دا «1949-يىلى، بايقالدا بولغان ھادىسە» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە ئېلان قىلىپ، شۇنداق بىر ئايروپىلاننىڭ 1949-يىلى، 24-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتادىن ئۇچۇپ كراسنويارسكىي شەھىرىگە قونۇپ، ئەتىسى، يەنى 25-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە چىتا شەھىرىگە قاراپ ئۇچۇپ، شۇ كۈنى بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى قابان تېغىدا، ھازىرقى قابانسك شەھىرىدىن 31 كىلومېتىر نېرىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى، ئايروپىلاندا قازاغا ئۇچرىغۇچىلار ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ئىكەنلىكىنى يازغان.
ئارقىدىن رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئولتۇردى، دەپ قارالغان ئايروپىلاننىڭ «ئىل-12» تىپلىق يېڭىدىن ياسالغان ئايروپىلان ئىكەنلىكى، بۇنىڭ 1949-يىلى، 25-ئاۋغۇست كۈنى بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى قابان تېغىدىكى خامار-داۋان دېگەن يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكى شۇنىڭدەك بۇ ۋەقەنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئائىت ماقالىلەر تارقالدى. 2013-يىلى، مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلاش قىزغىنلىقى قوزغالغان بىر توپ بۇريات ياش زىيالىيلىرى ۋە ژۇرنالىستلىرى مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ۋەقە يۈزبەرگەن قابان تېغىدىكى خامار-داۋان دېگەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، بۇ تەكشۈرۈش ھەققىدە «قابان تېغىنىڭ سىرى» دېگەن ماۋزۇدا لېئونىد ئاكتىنوف، ۋلادىمىر بۇيىخايېف، بوتاجاپ رادنايېف قاتارلىق ئۈچ ئاپتور تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا يەنە كۆپلىگەن بۇ خىل تېما ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالېكساندىر مىخايلوفنىڭ «1949-يىلى، بۇرياتىيەدە يۈز بەرگەن ‹خىتاي› ئايروپىلانى ھادىسىسىنىڭ مەخپىيىتى»، بوتاجاپ رادنايېفنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇرياتىيەدىكى ئۆلۈمى» ماۋزۇلۇق ماقالە ۋە «1949-يىلى قابانسك ئاستىدا يۈزبەرگەن ئىل-12 بايقال ھادىسىسى» قاتارلىق ماقالىلەرنى مىسال قىلىش مۇمكىن.
بۇ ماقالىلەردە مەزكۇر ئايروپىلان ھادىسىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك ئىركۇتسكىيدا ئەمەس، بەلكى بۇرياتىيەدىكى قابان تېغىدىكى خامار-داۋاندا يۈزبەرگەنلىكى، ھەمدە ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك 27-ئاۋغۇست كۈنى ئەمەس، بەلكى 25-ئاۋغۇست كۈنى يۈزبەرگەنلىكى بىردەك كۆرسىتىلدى.
رۇسىيە ئاپتورلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا بۇ ۋەقە يەنىلا گۇمانلىق ھالىتىدە قالغان بولۇپ، پەقەت مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرىلا بۇنىڭغا ھەقىقىي جاۋاب بېرەلەيدىكەن.