ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ «ئايروپىلان قازاسى سىرى» نىڭ 69-يىلى (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.08.30
Exmetjan-Qasimi-Abdukerim-Abbasof.jpg ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوف سۆھبەتتە. 1947-يىلى، نەنجىڭ.
erktv.com

1944-1949-يىللاردىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاقبېك مۇنونوف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىقلار ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە سەپەرگە ئاتلانغانلارنىڭ ئۆلۈمىگە بۇ يىل 27-ئاۋغۇست كۈنى 69 يىلى توشتى. بۇ چېسلا ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىيلەشتۈرگەن ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىدى دەپ بېكىتىلگەن 1949-يىلى، 27-ئاۋغۇست كۈنىدۇر.

ۋەھالەنكى، 69 يىلدىن بۇيان بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە، ھەتتا خەلقئارادىكى ئۇيغۇر ئېلى تارىخىغا قىزىققۇچىلارنىڭ نەزىرىدە «سىرلىق ئايروپىلان قازاسى» سۈپىتىدە قارىلىپ كەلمەكتە. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاسى ھەققىدە 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدا ئىزچىل تۈردە تۈرلۈك قىياس ۋە پەرەزلەر مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولۇپ، مەرھۇم ئاسىم باقى، ھاشىر ۋاھىدى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئالمۇتادا 1942-1949-يىللىرى ئارىسىدا غۇلجىدا پائالىيەت قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك خادىمى، دوختۇر ھاكىم جاپپارنىڭ بايانلىرىدا نامىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ موسكۋادا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى «يېڭى ئىزدىنىش» ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقان ئىدى. رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم رۇس ۋە باشقا مىللەت ئاپتورلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردىمۇ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئۆلۈمىنىڭ «سىرلىق» ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ستالىن بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ئىدى.

ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار ئارىسىدا ئىزچىل گۇمان ۋە تۈرلۈك قىياسلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئۇچۇرلار ۋە دەلىللەرنىڭ كىشىلەرنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە بولمىغانلىقىدا ئىكەن.

يېقىنقى بىر قانچە يىللاردا رۇسىيەدىكى بەزى تارىخچىلار ۋە ژۇرنالىستلار ئارىسىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سىرلىق ئايروپىلان قازاسى مەسىلىسىدە قىزىقىش قوزغىلىپ، بۇ تېما بويىچە بەزى ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلدى. ھەتتا بىر گۇرۇپپا رۇسىيە ژۇرنالىست ۋە تارىخ ھەۋەسكارلىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى دەپ بېكىتىلگەن رۇسىيەنىڭ بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى قابان تېغىدىكى خامار داۋانغا بېرىپ، ئايروپىلان چۈشكەن جاينى تەكشۈردى ۋە بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بۇلار ئىچىدە بۇرياتىيەلىك تارىخچى ۋە ژۇرنالىست باتو بارسويېفنىڭ «بايقال بويىدىكى ھادىسە» دەپ ئاتالغان ماقالىسى رۇسىيەدە چىقىدىغان «دىلېتانت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. ئارقىدىن ئالېكساندىر مىخايلوف ئىسىملىك رۇس ژۇرنالىستىنىڭ «‹خىتاي ئايروپىلانى› نىڭ 1949-يىلى بۇرياتىيەدىكى سىرلىق ھادىسىسى» دەپ ئاتالغان ئۇزۇن ماقالىسى، بۇريات ژۇرنالىستى بوتاجاب رادنايېفنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇرياتىيەدىكى ئۆلۈمى» ۋە باشقا ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. 

مەزكۇر رۇس ۋە بۇريات ئاپتورلىرى ئۆز ماقالىلىرىدە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى»، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىك كابىنېتىنىڭ بىراقلا قازا قىلىشى» دەپ ئاتايدۇ.

رۇس ژۇرنالىستى ئالېكساندىر مىخايلوف ماقالىسىدە: «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ گومىنداڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش زۆرۈرىيىتى تەبىئىي ھالدا چۈشۈپ قالدى، ستالىن ماۋ بىلەن شىنجاڭنىڭ تەقدىرى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە پايدىسىز پۈتۈشۈم ھاسىل قىلدى. ماۋ زېدوڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى خىتاي ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى بېيجىڭغا چاقىرىلدى. ئەخمەتجان قەسىمى ئەھۋالدىن قارىغاندا سوۋېت رەھبەرلىكى ۋەكىللىرى بىلە ئۇچرىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ئۇچقان. ئۇ موسكۋانى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشقا قايىل قىلماقچى بولغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سۇيىقەستكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئائىت قاراشلارمۇ مەۋجۇت، بۇ خىل قاراشقا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى ئېتىراپ قىلىنمىغان بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. بارلىق ۋەكىللەر ئۆلتۈرۈلگەن ۋە كېيىن ئايروپىلان ھادىسىسى ياساپ چىقىلغان. بىراق، مەزكۇر خىلدىكى قاراشقا ئائىت ھېچقانداق ھۆججەت تېخى تېپىلمىدى» دەپ يازغان.

مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى تارىخىي شاھىت، يېقىندا ئالمۇتادا 92 يېشىدا ۋاپات بولغان باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدا رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار، ئەمما ئۇلارنى شۇ ۋاقىتتىكى ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر زىيالىيسى قادىر ھەسەنوف 1949-يىلى، ئايرودرومدا ئۇزىتىپ قويغان ئىكەن.

رۇسىيەنىڭ بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىدە چىقىدىغان رۇس تىلىدىكى «بۇريات ھەقىقىتى» ناملىق گېزىت بۇ يىل 16-ئىيۇل كۈنى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى سىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بۇريات ژۇرنالىستى بوتوجاب رادنايېف بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ «سىرلىق ئۆلۈمى» ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى- «‹ئۇيغۇر ئايروپىلانى›نىڭ بۇرياتىيەدە چۈشۈپ كېتىش سىرى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىنى ئېلان قىلدى. بوتاجاب رادنايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىنىڭ بارلىق ئېلان قىلىنغان تۈرلۈك مەلۇماتلار ۋە ئۇچۇرلارنى يىغىپ ئىزدىنىشىچە، بۇ ۋەقە يەنىلا سىرلىق ۋە مۇرەككەپ ئىكەن.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.