مەرھۇم مەرىپەتپەرۋەر ئىنقىلابچى گوسۇل مۇھىتى كىم؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2014.05.18


تۇرپان دىيارىدا ياشاپ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن مۇھىتىلار جەمەتىدە ئانچە كۆپ تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىلىرى سەۋەبلىك شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە قەتلى قىلىنغان بىر شەخس بار. ئۇ بولسىمۇ، گوسۇل مۇھىتىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا تۇرپان ئاستانىدىكى مەھمۇت مۇھىتىلار جەمەتى مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ تۆتىنچى ئوغلى گوسۇل مۇھىتى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. گوسۇل مۇھىتى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار مەرىپەتپەرۋەر، ئىنقىلابچىلاردىن بىرى بولۇپ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسى تولىمۇ زور. ئۇنداقتا گوسۇل مۇھىتى زادى كىم؟ ئۇ ھايات ۋاقتىدا قانداق پائالىيەتلەردە بولغان؟

ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان مۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ شەجەرىسىگە ئائىت كىتابلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەرھۇم گوسۇل مۇھىتى 1894 - يىلى 5 - ئايدا تۇرپان ئاستىنىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ مەخسۇت مۇھىتى، موسۇل مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتىلارنىڭ ئىنىسى بولۇپ، ئۇ، كىچىكىدە ئۆز يېزىسىدىكى مەدرىسىلەردە تەلىم - تەربىيە ئالغان ۋە ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتى ئاچقان «مەخسۇدىيە مەكتىپى» دە ئوقۇغان.

1932 - يىلى گوسۇل مۇھىتىنىڭ ئاكىلىرى مەخسۇت مۇھىتى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى قۇمۇل دېھقانلارغا قوزغىلىڭىغا ئاۋاز قوشۇپ، تۇرپان ئاستىنىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. 1933 - يىلى 8 - مارت كۈنى ئىككىنچى ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتى لۈكچۈندىكى جەڭدە شېھىت بولغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى ئاكىسى مەھمۇت مۇھىتى قوزغىلاڭنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، خوجانىياز ھاجى بىلەن قەشقەرگە كەتكەن. ئاستانىدىكى مۇھىتىلار ئائىلىسىدە يالغۇز قالغان گوسۇل مۇھىتى ئائىلىدە ئاكىلىرىغا تەۋە بولغان دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ كەلگەن.

«تۇرپان تەزكىرىسى» دە ئېلان قىلىنغان تۇرپان مائارىپ تارىخىغا ئائىت ماقاللاردا دېيىلىشىچە تۇرپان ئاستىنىڭ جەنۇبىدىكى مەڭگۈبۇلاق دېگەن جايدا توققۇز كارىز بولۇپ، بۇ كارىزلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇھىتىلار ئائىلىسىگە تەۋە بولغاچقا، گوسۇل مۇھىتىنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى شۇ يەردە ئۆتكەن. ئاستىنىدا يېڭىچە پەننىي مەكتەپ ئېچىلغىلى 20 يىل بولسىمۇ، مەڭگۈبۇلاق ئاستانىغا يىراق بولغاچقا، بۇ يەردە بىرمۇ بالا مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن. بۇ ئەھۋالدىن قەلبى ئۆرتەنگەن، مەرىپەتپەرۋەر ئاكىلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان گوسۇل مۇھىتى مەڭگۈبۇلاقتىن ئىبارەت مۇشۇ چەت يېزىدا مەكتەپ ئېچىپ، سەبىي باللارنىڭ قاراڭغۇ دىلىنى مەرىپەت مەشئىلى بىلەن يورۇتۇش نىيىتىدە بولغان. ئۇ مۇشۇ ئۇلۇغ نىيەت بىلەن مەڭگۈبۇلاقنىڭ خېنىمكارىز (كېيىنچە «گوسۇلنىڭ كارىزى» دەپ ئاتالغان) مەھەللىسىدىكى ئۆز قورۇسى ئىچىگە تۆت دېرىزىلىك ئازادە بىر سىنىپ سالغان. بىراق، سىنىپ پۈتكەن بولسىمۇ، ئوقۇيدىغان بالا چىقمىغان.

شۇ چاغلاردا توققۇز كارىزدىن تەركىب تاپقان مەڭگۈبۇلاقتا جەمئىي 40 نەچچە ئائىلە، 200 دىن ئارتۇق نوپۇس بار بولۇپ، بۇلار غەربتىن شەرققە تۆت كىلومېتىر دائىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى دېھقانلار بەك نامرات بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئوقۇش خىراجىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ماجالى يەتمىگەن.

ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد نامراتلىقتا، نادانلىقتا ياشاپ كەلگەن تۇرپان رايونىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى دېھقانلار «دېھقان بالىسى ئوقۇسىمۇ، ئوقۇمىسىمۇ بەرىبىر كەتمەن چاپىدىغان گەپ» دەپ قارىغاچقا، ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلالمىغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا گوسۇل مۇھىتى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئويمۇ ئوي كىرىپ، ئوقۇشنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ، دېھقانلارنى قايىل قىلغان. دېھقانلارنىڭ نامراتلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىش ھەققى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەپتەر، كىتاب، قەلەم، سومكا پۇلى، ھەتتا كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ پۇلىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا ئائىت كىتابلاردا تىلغا ئېلىنىشىچە، گوسۇل مۇھىتى مەڭگۈبۇلاق تەۋەسىدىكى 7 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان 26 بالىنى تىزىمغا ئېلىپ، ھەر بىر بالىغا دەپتەر، قەلەم، كىتاب، سومكا ۋە سۈر رەڭلىك رەختتىن ئوخشاش قىلىپ تىكتۈرگەن ئىشتان، چاپان، ئوخشاش دوپپا، ئاياق تارقىتىپ بەرگەن.

ماتا بىلەن چەكمەندىن قوپال تىكىلگەن كىيىملەرگە كۆنۈپ قالغان بالىلار، ئۆزبېكىستاندا توقۇلغان رەختتىن سىپتا تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىشكەن. ئاتا - ئانىلارمۇ بىر تەرەپتىن گوسۇل مۇھىتىنىڭ كەڭ قوللۇقىغا، مەردلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇشسا، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلىرىنىڭ پاكىز، رەتلىك، بىر خىل كىيىملىرىگە قاراپ ئىچ - ئىچىدىن مەسلىكى كېلىپ كېتىشكەن.

گوسۇل مۇھىتى ئاستانىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئابدۇراخمان ئادىل ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىنى مەڭگۈبۇلاقتىكى مەكتەپكە مۇئەللىم بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. شۇنداق قىلىپ، 1933 - يىلى 10 - ئايدا 26 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان «گوسۇل مۇھىتى مەكتىپى» دە رەسمىي ئوقۇش باشلانغان. شۇنىڭ بىلەن نادانلىق، زۇلمەت ئىلىكىدە ئۇخلاپ ياتقان بۇ چەت، ياقا زېمىندا مەرىپەت مەشئىلى يالقۇنجاشقا باشلىغان.

بەزى بىر ئۇيغۇر مائارىپ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە بۇ مەكتەپنى شۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چەت مەھەللىدە ئېچىلغان تۇنجى مەكتەپ دېيىشكە بولىدىكەن.

گوسۇل مۇھىتى مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئىزچىل بولۇپ كەلگەن. يازلىق تەتىل مەزگىللىرىدە ئۈرۈمچىدىن تەنتەربىيە، سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ئۆگىنىش، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداشقا تەشكىللەپ، خېلى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

نەتىجىدە بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەينى يىللىرى ھەر قايسى يېزا - قىشلاقلار ئارا ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە 1 - لىككە ئېرىشكەن.

گوسۇل مۇھىتىنىڭ كېيىنكى ھاياتى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم مۇھىتىنىڭ تاغىسى ھەققىدە «شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى» دا ئېلان قىلغان بەزى ئەسلىمىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1936 - يىلى شېڭ شىسەي گوسۇل مۇھىتىغا «خىزمەت بېرىمەن» دەپ ئالداپ ۋە بېسىم قىلىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چىقىپ، كۆرۈنۈشتە بىر ئىدارىنىڭ مەسلىھەتچىسى قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نەزەربەند ئاستىغا ئالغان. گوسۇل مۇھىتى ئۈرۈمچىگە ماڭغۇچە ئاستانە ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا مەڭگۈبۇلاق مەكتىپىنىڭ خىراجىنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن بېرىپ تۇرۇشنى ھاۋالە قىلغان.

1937 - يىلى شېڭ شىسەي بىر تۈركۈم ئىلغار كىشىلەرنى قولغا ئالغاندا گوسۇل مۇھىتىنىمۇ تۈرمىگە تاشلىغان. ھەمدە ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ 1940 - يىلىغا كەلگەندە ئۇنى تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ شېھىت بولغاندا 46 ياشتا بولۇپ، گوسۇل مۇھىتىدىن رىسالەت مۇھىتى، ئابدۇللا مۇھىتى، ئىبادەت مۇھىتى، پەتتار مۇھىتى قاتارلىق پەرزەنتلەر يېتىم قالغان.

ئىبراھىم مۇھىتىنىڭ ئەسلىمىلىرىدە گوسۇل مۇھىتى قۇرغان مەكتەپنىڭ كېيىنكى تەقدىرى توغرىدا بېرىلگەن ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، «گوسۇل مۇھىتى مەكتىپى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئالتە يىل ئوقۇپ، 1939 - يىلى6 - ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. كېيىن بۇ مەكتەپ باشقۇرىدىغان ھەم خىراجەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئادەم بولمىغاچقا، مەكتەپ تاقىلىپ قالغان.

مەرىپەتپەرۋەر ئىنقىلابچى گوسۇل مۇھىتى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەرھۇمنىڭ چوڭ ئاكىسى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ نەۋرىسى مەخسۇت مۇھىتى گوسۇل مۇھىتى ۋە مۇھىتىلار ئائىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: تۆت ئوغۇلدىن گوسۇل دېگەن ئەڭ كىچىك ئوغۇل، ئاكا - ئۇكىنىڭ مۇسۇل ھاجى ئەڭ چوڭى، مەخسۇت مۇھىتى مېنىڭ چوڭ دادام ئىككىنچىسى، مامۇت سىجاڭ قەشقەردە تۇرغان مامۇت سىجاڭ ئۈچىنچىسى مەھمۇت مۇھىتى، گوسۇل مۇھىتى دېگەن تۆتىنچى ئوغۇل، ئەمدى ھازىر توكيودا يېتىۋاتقىنى مۇسۇل ھاجى 70 نەچچە يېشىدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپمۇ ياكى يۈرەك كېسىلى بىلەنمۇ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىپتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.