«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىمۇ؟» «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابىمۇ»؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىر تارىخىدا، ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەتچىلىك تۈزۈمى ئېلان قىلغان 1931-1934-يىللىرى ۋە 1944-1949-يىللىرى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. خەلقئارادىكى ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئارىسىدا ئاساسەن دېگۈدەك بۇ ئىككى قېتىملىق ئىنقىلابقا ئوخشاشلا مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىقنى مەقسەت قىلغان قوراللىق قوزغىلاڭ، مىللىي ئازادلىق ۋە ياكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى دەپ باھا بېرىلىپ كېلىنمەكتە. ئەلۋەتتە، خىتايدا شۇنىڭدەك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا بولسا بۇ ئىككى قېتىملىق ئىنقىلابنىڭ ماھىيىتىگە بېرىلگەن باھا ۋە ئىنقىلابنىڭ نامى مەسىلىسىدە ئاساسەن بىردەكلىك ساقلانغان.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ھازىرقى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىكى تارىخچىلار ئارىسىدا 1944-1949-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب باشتىن ئاخىرى «مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىپ كېلىنسە، غەرب ئەللىرىدىكى تارىخچىلار ئارىسىدا كۆپىنچە «ئىلى ئىنقىلابى»، «ئىلى قوزغىلىڭى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى.

خىتايدا بولسا 1944-1949-يىللىرى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئاساس قىلىپ، باشقا ۋىلايەتلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاب 1950-يىللاردا شۇنىڭدەك 1980-يىللاردىن كېيىن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نامى ئاستىدا كۆپرەك تەكىتلىنىش بىلەن بۇ: «گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى دېموكراتىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت» دەپ ئىزاھلاندى. يەنى، ماۋ زېدوڭنىڭ «جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن باھاسى ئاساس قىلىندى.

ھەتتا ئاشۇ ئىنقىلابقا قاتناشقان ۋە ئەينى ۋاقىتتا رەھبىرى خىزمەتلەرنى ئاتقۇرغان ئەربابلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ 1980-1900-يىللىرى ئېلان قىلغان ئەسلىمىلىرىدە ۋە خىتاي ئاپتورلىرى ئۆز تارىخى ئەسەرلىرىدە 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان مەزكۇر كەڭ كۆلەملىك ئىنقىلابنى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتىدى. خىتاي تارىخچىلىرى مەزكۇر «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى مۇستەقىل باشقۇرۇش تۈزۈمى بەرپا قىلغان ئازادلىق ئىنقىلابى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمايدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى «ئەلىخان تۆرىگە ئوخشاش پان تۈركىست ۋە پانئىسلامىست، فېئودال كۈچلەرنىڭ «جۇڭگونى پارچىلاش ھەرىكىتى» دەپ باھالايدۇ.

ئۇنداقتا 1944-1949-يىللىرى پارتلىغان بۇ ئىنقىلاب ئەينى ۋاقىتتا قانداق نام بىلەن ئاتالدى؟ بۇ ئىنقىلابنىڭ نامى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىمىتى؟»

ئەسلى نەق تارىخىي ماتېرىياللار بويىچە بۇ ئىنقىلابنىڭ نامى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ئەمەس، بەلكى «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» ياكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى» ئىدى. 1946-1949-يىللىرى مىللىي ئارمىيە سېپىدە خىزمەت قىلغان، مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان مەرھۇم باتۇر ئەرشىدىنوف ھايات ۋاقتىدا مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ تۈپ مەقسىتى ۋە ئىنقىلابنىڭ نامى ھەققىدە توختىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ھېچقانداق يەردە بۇ ئىنقىلابنى ھېچكىمنىڭ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتىمىغانلىقى، بۇنىڭ پەقەت خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىن قويغان نامى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ 1950-يىلىدىن كېيىن پەيدا بولغان نامدۇر.

باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئىنقىلاب ئەينى ۋاقىتتا خەلق ئىچىدە «مىللىي ئىنقىلاب»، «مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. مەتبۇئاتلاردىمۇ شۇ نام كەڭ قوللىنىلغان.

1944-يىلى، 9-ئايدىن نىلقا تاغلىرىدىن باشلانغان قوراللىق كۈرەش بىلەن بىرگە 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى پارتلىغان غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسى نەتىجىسىدە شۇ يىلى 12-نويابىر كۈنى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر جۇمھۇرىيەت ئۆزىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى ۋە ئاي يۇلتۇز بىلەن قۇرئان ئايىتى يېزىلغان ئاق رەڭلىك دىنى بايرىقىنى قوبۇل قىلدى. 17-نويابىردىن باشلاپ «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنى چىقىرىشقا باشلىدى. 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى بولسا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئاي يۇلتۇزلۇق ئارمىيە بايرىقىنى قوشۇنلارغا تەقدىم قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي 1945-يىلى، 9-ئايدا پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرى تولۇق ئازاد بولۇش بىلەن پۈتۈن ئۆلكىنى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش شوئارى تېخىمۇ كۈچلۈك توۋلاندى.

ئىنقىلابنىڭ نامى «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى، «كۈرەش» ۋە باشقا ژۇرناللار ھەم گېزىتلەردە ئىزچىل ھالدا «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلابى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىنقىلابقا بېرىلغان رەسمىي نام ئىدى. ھەتتا بۇ نام شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ قارارلىرىدا، خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە بېرىلگەن ئوردېن شاھادەتنامىلىرىدىمۇ شۇنداق ئەكس ئەتكەن ئىدى. مەسىلەن بىر مىسال شۇكى، ھۆكۈمەتنىڭ 1945-يىلى، 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ھۆكۈمەت قارارىنىڭ 161-ماددىسى بويىچە تۇرسۇن بابايېف ئىسىملىك جەڭچىگە «باتۇرلۇق» مېدالى بېرىلگەنلىك گۇۋاھنامىسىدە «سىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىنقىلابىدا ئالدىنقى ئۇرۇش سەپلىرىدە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقىڭىزنى تەقدىرلەپ 522-نومۇرلۇق ‹باھادىرلىق» مېدالى بىلەن تەقدىرلەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى» دېيىلىپ بۇنىڭغا رەئىس ئەلىخان تۆرە، مۇئاۋىنى ھاكىمبەگ غوجا، مەسئۇل كاتىپ، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇمنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ھۆكۈمىتى 1945-يىلى، 3-فېۋرال كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقلىق مەسلىھەتچى ئېلى ئەپەندىنى بىر دانە ماۋزۇر ۋە كۈمۈش پۇل بىلەن تەقدىرلەپ پەخرىي تەقدىرنامە بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېلى ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوزغالغان كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە» خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر رەسمىي ھۆججەتلەردىن باشقا يەنە «پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاپچىل ياشلار تەشكىلاتى» نىڭ ئورگان ژۇرنىلى «كۈرەش» نىڭ ھەر سانىدا بېسىلغان سىياسىي ماقالىلەردىمۇ: شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىنقىلابى، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دېگەن ئاتالغۇلار قوللىنىلغان. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئاتاش ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە باشقا ئونلىغان سىياسىي ئەربابلارنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە ماقالىلىرىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ.

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس، 1947-1949-يىللىرى «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» دە خىزمەت قىلغان 91 ياشلىق مۇنىر يېرزىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھەتتا 1946-يىلى بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن گېزىت «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» غا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزى ئىشلىگەن 1947-1949-يىللىرى مەزكۇر گېزىت سەھىپىلىرىدە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئاتالغۇسى ۋە مىللىي ئازادلىق شوئارى شۇنىڭدەك بىتىمنى ئىجرا قىلىش مەسىلىلىرى ئاساسىي تېما بولغان. ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئىنقىلابى ھەرىكىتىنى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دېمەي، پەقەت مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دېگەن. گېزىتنىڭ «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» دېيىلىشىنىڭ ئۆزى بۇ ئىنقىلابنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.

مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئۆزىنىڭ 1947-1949-يىللىرىدىكى سۆز-نۇتۇقلىرىدا باشقا جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ۋىلايەتتىكى خەلقلەرنىڭ ئىنقىلابى ھەرىكىتىنى «بىزنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىمىز»، «مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىز» دېگەن سۆزلەر بىلەن كۆپرەك ئاتىغان، ئەمما ئۇ ««ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دېمىگەن ئىدى.

2018-يىلى ۋاپات بولغان باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، 1950-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان مەزكۇر شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتىشى، بۇ ئىنقىلابىي ھەرىكەت ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنى بازا قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بۇ ئىنقىلابنىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان، يەنى ئۆلكە مىقياسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى كىچىكلىتىپ كۆتسىتىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈچ ۋىلايەتتىكىلا ئىنقىلاب ئەمەس ئىدى، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى 1945-يىلى، 7-8-ئايدىن باشلاپ، تاكى 1946-يىلى، 6-ئايغىچە جەنۇبتا ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن ۋىلايەتلىرى دائىرىسىگە كېڭىيىپ، قوزغىلاڭچىلار بىر قىسىم ناھىيە ۋە كۆپلىگەن يېزا-قىشلاقلارنى ئازاد قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقارغان، مىللىي قوشۇنلار ھەتتا قاراشەھەر ئەتراپى، ئۈرۈمچى ئەتراپى، تۇرپان-توقسۇن ئەتراپى، شەرقتە بولسا قۇمۇل تاغلىرىغىچە بولغان رايونلاردىمۇ ھەرىكەت قىلغان، قىسقىسى بۇ ئىنقىلاب ئەينى ۋاقىتتىكى 10 ۋىلايەتنىڭ خوتەندىن باشقا 9 ۋىلايىتى دائىرىسىگە تۇتاشقان كەڭ كۆلەملىك ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئايلانغان ئىدى. 1947-يىلى بولسا تۇرپان، توقسۇن، پىچان قوزغىلىڭى پارتلىغان، دېمەك شۇڭا ئۇنى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دېيىش تارىخىي رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس.