شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى ئوفىتسېرىنىڭ كەچمىشلىرى (1)

0:00 / 0:00

ئۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ تۇنجى ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى ئىدى

بۇ يىل، 12-نويابىر كۈنى 1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە 86 يىل، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 75 يىل توشتى. بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شاھىتلىرى ھازىر يوق بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتكە شاھىت بولغانلار ناھايىتى ئاز ساندا ھايات ياشىماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پورۇدچىكى، ئالمۇتادىكى 93 ياشلىق ئابدۇللاجان ئەپەندىدۇر.

ئابدۇللاجان ئەپەندى، 1944-يىلى، نويابىردا غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلىغاندا قوزغىلاڭچىلار قاتارىغا قوشۇلغان ۋە كېيىن مىللىي ئارمىيەگە قاتنىشىپ، غۇلجا زاپاس 4-پولكى ۋە ئاخىرىدا «ئازاد نىشانلىقى 2-پولك» تا باتاليون سىياسىي كومىسسارىلىق، شتابى باشلىقلىق دەرىجىسىگىچە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىگە تاكى 1950-يىلىغىچە ئوفىتسېر بولۇپ خىزمەت ئاتقۇرغانىدى.

ئابدۇللاجان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە كۆرگەنلىرى ۋە بولۇپمۇ مىللىي ئارمىيەدىكى مۇساپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەنىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا شاھىت بولغان ئابدۇللاجان 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلىغاندا ئىلى گىمنازىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پارتىزانلىرى 1944-يىلى، 11-ئاينىڭ 21-كۈنى قورغاس، يەنى چىلپەڭزە ناھىيەسىنى ئازاد قىلىپ، سۈيدۈڭنى قورشىغان ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭ قاتارلىق ئۈچ نۇقتىغا كىرىۋالغان دۈشمەن قوشۇنلىرىگە قورشاپ زەربە بېرىۋاتقاندا، 12-ئايدىن باشلاپ، قورغاستا ھەربىي ئوفىتسېرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان. ئابدۇللاجان، ئەنە شۇ كۇرسقا تاللىنىپ، 1945-يىلى، 2-ئايدىن باشلاپ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئوفىتسېرلار بولۇپ تەربىيەلەنگەن.

ئابدۇللاجاننىڭ ئەسلىشىچە، شۇنىڭدەك مەزكۇر كۇرستا ئۇنىڭ دوستى ئوسمان تايىروفمۇ مەخسۇس تەربىيە كۆرگەنىدى. كېيىن ئوسمان تايىروف، مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇساپىلىرى ھەققىدە ئەسەر يازغان بولۇپ، ئۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ مەزكۇر تۇنجى كۇرسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ مەلۇمات قالدۇرغان.

ئوسمان تايىروفنىڭ خاتىرىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر بىرىنچى قېتىملىق ھەربىي كۇرسى 1944-جىلى 1-دېكابىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، بۇ، 425 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، تاتار، ئۆزبېك، تۇڭگانلاردىن تەركىب تاپقان ئوفىتسېرلارنى تەييارلاش قىسقا مۇددەتلىك (3ئايلىق) ھەربىي كۇرسى ئىدى. ئوقۇتقۇچىلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر كۈنلۈك دەرس مەشغۇلاتى 11 سائەت قىلىپ بەلگىلەنگەن. كۇرسانتلار پارتىزانلار ئىچىدىن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە لايىق ھالدا تاللاپ ئېلىنغان: بىرىنچىدىن، 6-سىنىپتىن يۇقىرىقى مەلۇماتى بولۇشى كېرەك، ئىككىنچىدىن، تەن سالامەتلىكى ياخشى بولۇشى كېرەك، ئۈچىنچىدىن، 18 ياشتىن 25 ياشقا قەدەر بولۇشى كېرەك، تەن قۇرۇلۇشى ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتى، پەم-پاراسىتى، ئەقىل-ئىدراكى قاتارلىق ئادەملەردە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەر ياخشى بولۇش ئاساسىي ئۆلچەم قىلىنىشى كېرەك

بىرىنچى قېتىملىق كۇرس پىيادىلەر ئوفىتسېرلىرىنى تەربىيەلەش بولۇپ، 425 ئادەم 10 ۋىزۋوتقا بۆلۈنۈپ، قاتتىق تەربىيەلىنىپ، 1945-يىلى، 28-فېۋرال كۈنى پۈتتۈرگەن. 2-قېتىملىق كۇرس، 3-ئايدىن باشلانغان بولۇپ، ئەنە شۇ ئۆلچەم بويىچە 460 كۇرسانت قوبۇل قىلىنىپ، 6 ئايلىق قاتتىق تەربىيىلەشتىن كېيىن، 1945-يىلى، 8-ئايلاردا ئوقۇش پۈتتۈرگەن. بۇ ئوفىتسېرلار مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تەقسىم قىلىنغان. ئابدۇللاجان ئىككىنچى تۈركۈمدە تەربىيەلەنگەن بولۇپ، ئۇ غۇلجا زاپاس 4-پىيادىلەر پولكىغا تەقسىم قىلىنغان، ئۇ كېيىن ئازاد نىشانلىق 2-پولكتا تۇرغان.

قورغاستىكى ھەربىي كۇرستا تەربىيەلەنگەن دەسلەپكى 425 ئوفىتسېر 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغان چاغدا ھەر قايسى قوشۇنلارغا تەقسىم قىلىنغان.

شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى 1945-يىلى، 8-ئاپرېل رەسمىي قۇرۇلغاندا جەمئىي 7 پولك، 5 مۇستەقىل باتاليون، بىر ئېسكادروندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 1945-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 17 پولكقا كۆپەيگەن ھەمدە مىللىي ئارمىيەنىڭ پىيادە پوكلىرىنىڭ ھەممىسى، ماناس دەرياسى بويىدا مۇداپىئە تۇرغانىدى. ئابدۇللاجانمۇ ماناس دەرياسى بويىدا تۇرغان.