مەلۇمكى، 1944-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدە باشلانغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكەت نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى.
مەزكۇر ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدا بولۇپمۇ نىلقا قوزغىلىڭى مۇھىم رول ئوينىدى. 1943-يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا نىلقىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئۇلاستاي دېگەن يەردە تەشكىللەنگەن قوزغىلاڭچى ئەترەتلەر گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان ئىدى. قوزغىلاڭچىلار سېپى بارا-بارا كۆپىيىپ، نەتىجىدە ئۇلار ياخشى قوراللانغان دۈشمەن قوشۇنلىرىغا قارشى شىددەتلىك جەڭلەرنى ئېلىپ باردى. مەزكۇر ئەترەتلەر خەلق تەرىپىدىن «پارتىزانلار» دەپ ئاتالدى. ئەنە شۇ ئۇلاستايدا ھەرىكەت قىلغان پارتىزانلار بىلەن بىللە يۈرۈپ، كۆپلىگەن ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى بولغانلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ ھايات. شۇلارنىڭ بىرى ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ مەركىزى چونجا يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مەسئۇد ئەخمەتوفتۇر.
م. ئەخمەتوف 1926-يىلى ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ كىچىك ئاقسۇ يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 30-يىللىرى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باي- كۇلاكلارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇش سىياسىتى ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بىز ئەنە شۇ چونجا يېزىسىدا ياشاۋاتقان م. ئەخمەتوفنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئۇ شۇ چاغدا كۆرگەن ئېغىرچىلىقلارنى ھېكايە قىلدى.
تارىخىي ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئۇلاستايدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىرىنچى ئەترىتىنى ئۇيغۇر پەرزەنتى غېنى باتۇر، ئىككىنچىسىنى تاتار خەلقىنىڭ ۋەكىلى پاتىخ مۇسلىموف، ئۈچىنچى ئەترەتنى قازاق خەلقىنىڭ پەرزەنتى ئەكبەر باشقۇرغان ئىدى. كۆپلىگەن مىللەتلەر ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ پارتىزان قوشۇنلىرى كېيىنرەك غېنى باتۇرنىڭ رەھبەرلىكىدە 1944-يىلنىڭ نويابىر ئېيىنىڭ بېشىدا غۇلجىدا كۆتۈرۈلگەن ئاممىۋى قوراللىق قوزغىلاڭغا كېلىپ قوشۇلغان ھەم ئۇرۇش مەيدانىدا ھەل قىلغۇچى كۈچكە ئايلانغان. م. ئەخمەتوف قوزغىلاڭچىلار ئىچىدە بولۇپمۇ قازاق باتۇرلىرىنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
م. ئەخمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، قوزغىلاڭچىلار ئائىلىلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن. ئۇ دادىسى ئەخمەت ئىبراھىموف بىلەن بولۇپ، كۆپلىگەن ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. م. ئەخمەتوف ئىسيانچىلارنى يوقىتىشقا كەلگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنغانلىقىنى ھەم بۇ جەرياندا كۆپ مىقداردا قورال-ياراق ۋە ئوق-دورا ئولجا ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدا ئېيتىلىشىچە، نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى شۇ ۋاقىتلاردا 50 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردىن تاشقىرى قازاقلار، ئۆزبېكلەر، تاتارلار ۋە رۇسلار بولغان. خىتايلار بولسا ئاساسەن ئەمەلدارلاردىن، ساقچىلاردىن، ھەربىيلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن تەركىب تاپقان ئىدى. 1944-يىلى، قوزغىلاڭچىلار نىلقا ناھىيەسىنىڭ كۆپلىگەن يېزىلىرىنى دۈشمەندىن تازىلاپ، 7-ئۆكتەبىردە نىلقىنى ئىشغال قىلغان.
ئالمۇتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ يەنە بىر شاھىتى تۇردى نۇرجاننىڭ ئېيتىشىچە، قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشىغا بولۇپمۇ شېڭ شىسەينىڭ ھەددىدىن ئاشقان رەھىمسىز سىياسىتى سەۋەب بولغان. ئۇ خەلقنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ، ئۆز ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان باسقۇنچىلارغا قارشى ئادالەتلىك ئۇرۇشقا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00