20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي ئەمەس خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى جەلپ قىلغان.
1944-يىلى، غۇلجا قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، 1945-يىلى، 9-ئايغىچە مىللىي ئارمىيە گومىنداڭ ئارمىيەسىنى تاكى ماناس دەرياسىغىچە قوغلاپ كېلىپ، پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەتنى ئازاد قىلىشى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى، ئۇنىڭ مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي ھاياتىدا ئوينىغان رولى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن.
ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى رەقىبلىك ھالىتىدە بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە گىتلېر گېرمانىيەسى ۋە ياپونىيە مىلىتارىزمىغا قارشى كۈرەشتىكى ئۆز ئىتتىپاقچىلىرى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرى بىلەن رەقىب بولۇشىنى خالىمايتتى، بولۇپمۇ ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنى پۈتۈن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا تارمار قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش زۆرۈر ئىدى.
ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەشيالار ۋە باشقىلارنى توشۇيدىغان ئارقا سەپ يولى ئىدى. شۇڭا بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا دىققەت قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن رەقىبلىشىشىنىمۇ خالىمايتتى.
ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسى 1943-يىلى ئەتىيازلاردا قۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن تۆت كونسۇل ۋە بىر قىسىم مۇئاۋىن كونسۇللار ۋەزىپە ئۆتىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېدمون كلاب، روبېرت ۋورد، جون خول پاكىستون قاتارلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا 1944-يىلى، ماي ئېيىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى خېنرى ۋاللاسې ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتى داۋامىدا ئۈرۈمچىدە توختاپ زىيارەتتە بولغان ئىدى.
بۇ چاغلاردا ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ياردەمگە ئېرىشىلىشىنى خىتاي تەرەپ ھەربىي ۋە سىياسىي ئەمەلدارلىرى كۆپتۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلارغا مەلۇم قىلدى. يەنى خىتاي تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى ئەھدىنامىلەرنى بۇزۇپ، ئىسيانچىلارنى يوشۇرۇن قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ، خىتاينى پارچىلىماقچى دەپ شىكايەت قىلغان ئىدى.
ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن، ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كونسۇلخانىسى، جۈملىدىن كونسۇل روبېرت ۋارد ئىلىدىكى قوزغىلاڭلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، سەۋەبلىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئەھۋالىغا دىققەت قىلدى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىدا زادى قانچىلىك تەسىر كۈچكە ئىگە بولغانلىقى ۋە قانداق ياردەملەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى تەمىنلىگەن ماتېرىياللاردىن باشقا يەنە ئۆزلىرى مۇستەقىل تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى توپلاشقا تىرىشقان ئىدى. ئۇ بۇ مەسىلىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلكە رەئىسى ۋۇ جۇڭشىن قاتارلىقلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭدىن مەلۇمات ئېلىپ تۇرغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقى زادى بۇ جايدا نېمە قىلماقچى ؟ خۇددى خىتاي ئەمەلدارلىرى شىكايەت قىلىۋاتقاندەك بۇ رايوننى ئىگىلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر جۇمھۇرىيىتىگە ئايلاندۇرماقچىمۇ ياكى بولسا يەرلىك خەلقنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشىغا ياردەم كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ جاينى ئۆزىنىڭ تەسىرى دائىرىسى ئىچىدىكى رايونغا ئايلاندۇرماقچىمۇ دېگەن نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلغان.
1946-يىلى 7-ئايدا ئىلى تەرەپ بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بىتىم ئىمزالىنىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، ئۆلكىدە يېڭى تۇزۇم ئورنىتىلغاندىن كېيىنمۇ ئامېرىكىنىڭ ئىلى ھۆكۈمىتىگە بولغان قىزىقىشى سۇسلاشمىغان. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۆتىنچى نۆۋەتلىك كونسۇلى جون خول پاكىستون 1947-يىلى ئەتىيازدا ئىلى ۋە بىلەن تارباغاتاينى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق، يەنى 1946-يىلى، 9-ئايدا بولسا ئۈرۈمچىدىكى ئەنگلىيە كونسۇلى ۋالتېر گراخام شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى غۇلجا قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ماتېرىيال توپلىغان ئىدى.
پاكىستوننىڭ بۇ قېتىمقى سەپەر خاتىرىسى 1947-يىلى نويابىر ئېيىدا «ئىلى ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە سەپەر» دېگەن تېمىدىكى مەخسۇس دوكلات سۈپىتىدە ئا ق ش دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا يوللانغان بولۇپ، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى ئابلەت كامالوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاش ۋە تەتقىق قىلىش پائالىيىتى جەريانىدا بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنلىرىنى رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدا تونۇشتۇرغان ئىدى.
ئابلەت كامالوفنىڭ بايان قىلىنىشىچە؛ جون خول پاكىستون ئۆز دوكلاتىدا ئۆزىنىڭ سەپەر ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۇ، 1947-يىلى 22-ئاپرېل كۈنى سەپەرگە ئاتلانغان بولۇپ، بۇ چاغدا بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ جىجوڭ ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار قەشقەرگە كەتكەن. پاكىستون ئۆزىنىڭ ئۈچ ۋىلايەتنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى سەپەرگە چىقىدىغان كۈنىلا ئۆلكىلىك ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا خەۋەر قىلغان بولۇپ، مۇئاۋىن رەئىس بۇرھان شەھىدى ئۇنى ئىلى مەمۇرىي ھۆكۈمىتىگە يېزىلغان خەت بىلەن تەمىنلىگەن.
دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ بايان قىلىشىچە؛ ئەينى ۋاقىتتا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئا ق ش دىپلوماتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەمىنلىگەن تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىغا ئېھتىياتچانلىق ۋە گۇمان نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولۇپ، چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىم ئارمىيەسىنىڭ ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە كىرگەنلىكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك خەلقنى قوزغاپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىپلا قالماستىن بىۋاسىتە ئىنقىلابقا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىغا نىسبەتەن گۇمانلىق قاراشتا بولۇپ، بۇ تېپىشماقنى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئېنىقلاشقا تىرىشقان. جون پاكىستاننىڭ ئىلى ۋە تارباغاتاي سەپىرى ئەنە شۇنداق مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغان.
ئەپسۇسكى، ئەينى ۋاقىتتا، يەنى 1946-يىلى، 9-ئايلارغىچە غەربلىكلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ئىلى، تارباغاتايلارغا كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ، چۈنكى بىتىم ئىمزالىنىشتىن ئىلگىرى بۇ ۋاقىتتا ماناس دەرياسى بويىدا ئىككى تەرەپ ئارمىيەسى بىر-بىرىگە قارشى تۇرۇۋاتاتتى. 1946-يىلى، 8-ئايلاردا «بىتىم» بويىچە، يول ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۆلكىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن ئىلى ئارىسىدىكى ئالاقىلەر بىر مەزگىل يولغا قويۇلدى، مانا شۇ ۋاقىتتا بەزى غەربلىك دىپلومات ۋە ژۇرنالىستلارنىڭمۇ ئىلىغا بېرىش ئىمكانىيىتى بولغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتنى ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00