ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئۇنتۇلماس شەخسلەر: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دىنىي نازىرى ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنىڭ شانلىق ئىزلىرى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2020.07.16
Abdumutaali-xelpet-elixan-tore.jpg شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە ئابدۇمۇتائالى خەلپەت(سولدا). 1945-يىلى، 11-ئايلار.
Photo: RFA

رەئىس جۇمھۇرلۇقتىن ۋاز كېچىپ دىنىي نازىرلىقنى تاللاش

1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا ئەلىخان تۆرە بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىسمى ئالدىنقى ئورۇندا دائىم تىلغا ئېلىنىش بىلەن بۇ مەزگىل تارىخى يورۇتۇلغاندا كىشىلەر يەنە ئابدۇكېرىم ئابباسوف، رەھىمجان سابىرھاجى، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى، ئىسھاقبېك مۇنۇنوف، زۇنۇن تېيىپوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف ۋە باشقا مۇھىم شەخسلەرنى دائىم كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلى دىيارىدا ئەڭ نوپۇزلۇق، ھەتتا ئاشۇ ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقا بارلىق ئىسمى ئاتالغان ئەربابلار يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن سالام بېرىدىغان پېشقەدەم زات، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنىي ئىشلار نازىرى ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنى ئانچە ئېسىگە كەلتۈرمەيدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بۇ زاتنىڭ نامىنىڭ 1949-يىلىدىن كېيىن بەك كۆپ تىلغا ئېلىنىپمۇ كەتمىگەنلىكىدۇر.

ئابدۇمۇتائالى خەلپەت 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا پۈتۈن ئىلى ۋادىسىدا يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە دىنىي ئىلىمگە كامىل ئەرباب شۇنىڭدەك مەرىپەتپەرۋەر، ئىلغار پىكىرلىك تەرەققىيپەرۋەر زات بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ خەلق ئىچىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەتتا قازاقلار، تۇڭگانلار، ئۆزبېك ۋە تاتارلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخس ئىدى. ئۇنداقتا 1944-يىلى نويابىردا شەرقىي ئىنقىلابى پارتلاپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ ئىنقىلابتىكى ئاساسلىق تايانچ كۈچ-ئۇيغۇرلار ۋە ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى بولغان باشقا مۇسۇلمانلار ئابدۇمۇتائالى خەلپەتنى جۇمھۇرىيەت رەئىسلىكىگە سايلىماي، ئەكسىچە ئىلى دىيارىدا ياشىغانلىقىغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت بولمىغان، نامى ئابدۇمۇتائالى خەلپەتتەك كەڭ تونۇلمىغان ئەلىخان تۆرە رەئىس بولدى؟ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى ئۇيغۇرلاردىن بىرەر كىشى رەئىس بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىدىمۇ؟دېگەندەك سوئاللار مەۋجۇت ئىدى. ھەقىقەتەن، بۇ مەسىلە، يەنى جۇمھۇرىيەتكە كىم رەئىس بولۇشى كېرەك دېگەن مەسىلە ئەينى ۋاقىتتىمۇ ئوتتۇرىغا چىققانىدى.

قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئارخىپلار بويىچە 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە ئىزدىنىپ بەزى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئابلەت كامالوف يېقىندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دىنىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىرىگە ئائىت ئىلمىي ماقالىسى ( رۇس تىلىدا)ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئابدۇمۇتائالى خەلپەت ھەققىدىكى ماقالىسىدە بۇ سوئاللار ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ تارىخىي شاھىتلاردىن ئېنىقلىشىچە، ھەقىقەتەن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش ئالدىدا جۇمھۇرىيەتكە كىم رەئىس بولۇش ۋە رەئىس جۇمھۇرلۇق نامزاتى مەسىلىسىدە سوئاللار ۋە تاللاشلار ئوتتۇرىغا چۈشكەن بولۇپ، بىرىنچى بولۇپ ئابدۇمۇتائالى خەلپەت نامزاتلىق ئورنىدا بولغان. دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە خەلقنىڭ مۇتائالى خەلپەتنىڭ رەئىس بولۇشىنى قارشى ئېلىشى تەبىئىي ئىدى. بىراق، ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدى؟ ئىنقىلابنى مەخپىي قوللاۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجادىكى خادىملىرى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى ئىنقىلاب پارتلاش ھارپىسىدا ئابدۇمۇتائالى خەلپەت بىلەن كۆرۈشۈپ، قۇرۇلغۇسى ھۆكۈمەتكە رەئىس بولۇشنى تەۋسىيە قىلغان. بىراق ئابدۇمۇتائالى خەلپەت بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان. سوۋېت تەرەپ بىلەن بولغان بۇ سۆھبەتنى 1958-يىلى، قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرى كاندىدات دوكتورى ساۋۇت موللاۋۇدوف غۇلجانى زىيارەت قىلىپ، مۇتائالى خەلپەت بىلەن بولغان بىر قانچە قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىدا مۇتائالى خەلپەت ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەن.

ئامېرىكادىكى دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، ئابدۇمۇتائالى كامال خەلپەت دىنىي ۋە پەننى جەھەتتىكى يۈكسەك بىلىملىرى، ئىلى دىيارىدىكى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان خەلق ئىچىدە تىكلىگەن نوپۇزى ۋە خەلقنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىش كۈچى قاتارلىق ھەر جەھەتلەردىن جۇمھۇرىيەت رەئىسى بولۇشقا مۇۋاپىق شەخس ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغان، بارلىق كۈچلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئىتتىپاقلىشالايدىغان شەخس ئىدى. دوكتور قاھار باھاراتنىڭ يەكۈنىچە، «بۈگۈنكى كۈندە نامى ئۇنتۇلۇپ كېتىلىۋاتقان مۇتائالى خەلپەتتەك بۈيۈك ئىنسانلارنى ئەسلەش ناھايىتى مۇھىم» دۇر.

1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى پارتلاپ 5 كۈندىن كېيىن، يەنى1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى جەڭلەر تېخى داۋاملىشىۋاتقاندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. «ئۇ قا قى» كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمدا ئەلىخان تۆرە جۇمھۇرىيەت رەئىسى، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ھۆكۈمەت باش كاتىپى بولۇپ سايلاندى ۋە ئۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 نەپەر كىشى ھۆكۈمەت ئەزاسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى. شۇ كۈنكى ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىدا ھەر قايسى نازارەتلەرنى قۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ناملىرى بېكىتىلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا قاتناشقان ئابدۇمۇتائالى خەلپەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دىنىي ئىشلار نازىرى، يەنى مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەزاسى دەپ ئېلان قىلىنغانىدى.

دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېنىقلىشىچە، دىنىي نازىرلىق ۋە ھۆكۈمەت ئەزاسىلىق ئورۇنلىرىنى قوبۇل كۆرگەن ئابدۇمۇتائالى خەلپەت ئۆزىگە بېرىلگەن رەئىس بولۇش تەكلىپىنى رەت قىلىشتىكى تۈپ سەۋەب سۈپىتىدە يېشىنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن شۇنىڭدەك ئۇ ئەلىخان تۆرىنى تەۋسىيە قىلغانىكەن. ھەقىقەتەن، بۇ ۋاقىتتا ئۇ 76 ياشقا كىرگەنىدى. ۋەھالەنكى ئۇ، بەرىبىر نازىر ۋە ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇشنى رەت قىلمىغان. ئابدۇمۇتائالى خەلپەت شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئازادلىق كۈرىشىگە، غازاۋەتكە چاقىرىش، خەلقنى ئويغىتىش، بولۇپمۇ مىللىي ئارمىيىنىڭ كۈرەشلىرىدە زور خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەڭ ئالىي «ئازادلىق» ئوردېنى بېرىلگەن. ئابدۇمۇتائالى خەلپەت ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن يېقىن ھەمكارلىقلاردا ئۆتكەن. بولۇپمۇ 1947-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەڭ يېقىن ۋە ھۆرمەتلىك تايانچىسى ۋە مەسلەكدېشىغا ئايلانغان.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ھەر قايسى مىنىستىرلىقلار تەسىس قىلىنغاندا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەر قايسى رەھبەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى «ئازادلىق تەشكىلاتى» ئەزالىرى ئىگىلىگەن بولۇپ، «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ھۆكۈمەت رەئىسلىكىگە بېكىتىلگەنىدى. سەيدۇللا سەيپۇللايېفنىڭ «مەن شاھىت بولغان ئىشلار» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىدە ۋە باشقا شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئەلىخان تۆرىنىڭ نامى غۇلجادا 1944-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، مەسچىتلەردە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى ئارقىلىق چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ خەلقنى كۈرەشكە دەۋەت قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئازادلىق تەشكىلاتى» ئىلى ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلانغان بولۇپ، ئىلىدىكى خىتايغا قارشى مەخپىي تەشكىلىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ تەشكىلاتقا باغلىنىشلىق ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 16 يىل ئىلگىرى ھايات ۋاقتىدا سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۆزلىرىنىڭ «ئازادلىق تەشكىلاتى» نى قۇرۇشى ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ، يەنى كونسۇلخانا مەخپىي تۈردە ياردەمدە بولغان شۇنىڭدەك ئۇلار سوۋېت تەرەپنىڭ بەرگەن مۇستەقىللىقنى قوللاش ۋەدىلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغان، دېمەك، ھەتتا ھۆكۈمەت رەئىسىنى بېكىتىشتىمۇ سوۋېت تەرەپنىڭ مەسلىھەت ۋە تەكلىپلىرىنى رەت قىلمىغان.

يەنە بىر نۇقتا شۇكى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، رەھىمجان سابىرھاجى، مۇھەممەدجان مەخسۇم، سالىجان باي، زۇنۇن تېيىپوف، قاسىمجان قەمبىرى، مۇھىدىن ئەخمەت قاتارلىقلارمۇ «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ يادرولۇق ئەزالىرى ئىدى. ئەلۋەتتە، ئىلى دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئابدۇمۇتائالى خەلپەتتىن باشقا يەنە بىر ئەڭ ئابرۇيلۇق زات-ھاكىمبەگ غوجا «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ، ئۇ مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەيىنلەندى. بۇ يەردە ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرۇيى مۇھىم ئامىل بولغانىدى. يەنە بەزى مىنىستىرلارمۇ ئوخشاشلا بۇ تەشكىلاتتىكى يادرولۇق ئەزالاردىن ئەمەس بولۇپ، ئۇلار بەرىبىر ئۆزلىرىدىكى ئىقتىدار ۋە مىللەتپەرۋەرلىك روھى جەھەتلەردىن يۇقىرى ھوقۇقلارغا قويۇلغان.

ئابدۇمۇتائالى خەلپەت 1868-يىلى ئىلىدا تۇغۇلغان، دەسلەپ مەدرىسە ھاياتىنى غۇلجادا ئۆتكۈزۈپ، 1882-يىلىدىكى كۆچ-كۆچتە يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى ياركەنتكە كەتكەن ۋە بۇ يەردىمۇ جەدىدچىلىك ئېقىمىغا مەنسۇپ دىنىي زاتلاردىن تەلىم ئالغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا غۇلجاغا قايتىپ كەلگەن ۋە 1911-يىلى غۇلجا شەھىرىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن «تائالىيە مەكتىپى» ناملىق مەكتەپنى قۇرغان. ئۇ غۇلجادا ئاساسلىق داۋاملىق مەكتەپ ئېچىش، دىنىي تەربىيە بېرىش، تالىپ تەربىيەلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1930-يىللاردا 2 يىل ھەج سەپىرىدە بولغان ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىلىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ئاقارتىش ئىشلىرىدىكى باشلامچىلاردىن بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان. ئابدۇمۇتائالى خەلپەت خەلق ئىچىدە «خەلپەم ھەزرەت» دېگەن نام بىلەنمۇ مەشھۇر ئىدى. ئۇنداقتا ئابدۇمۇتائالى خەلپەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلدى؟ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسلام دىنىدىن باشقا دىندىكىلەرنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىكى ئاستىدا ياشىشى ئۈچۈن ئەۋزەل دىنىي ۋە مىللىي باراۋەرلىك سىياسىي يۈرگۈزۈشىدە قانداق رول ئوينىدى؟ ئەلىخان تۆرە قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ خەلق ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ، خىزمەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشىدا ئابدۇمۇتائالى خەلپەت قاتارلىق يەرلىك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت زاتلىرى قانداق مۇھىم رول ئوينىدى؟ بۇ ئەلۋەتتە ئاڭلارمەنلەر ۋە ئوقۇرمەنلەر دىققەت بېرىشكە تېگىشلىك يەنە بىر تېمىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.