قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئىسساقبېك مۇنۇنوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى دۆلەت دەرىجىلىك خاتىرىلىگەندىن تاشقىرى 14 - دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان دۆلەت مۇزېيىدا مەخسۇس ئىسساقبېك مۇنۇنوفقا بېغىشلانغان خاتىرىلەش ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
قىرغىزستاننىڭ « قابار» ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر مۇراسىمدا ئىسساقبېك مۇنۇنوفنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا مىللىي ئارمىيە ئوفتسېرلىرى ۋە شاھىدلار سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسساقبېك مۇنۇنوف ۋە مىللىي ئارمىيە ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ خادىمى، تارىخچى جۇمادىل بايدىلدايېف ئۆز دوكلاتىدا ئىسساقبېك مۇنۇنوفنى ستالىن تۈزۈمىنىڭ قۇربانى دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭغا ئائىت تارىخىي ھۆججەتلەرنى تېپىپ چىقىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئۇ، «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ن ك ۋ د ۋە ك گ ب ئارخىپلىرىدا ئۇنىڭغا ئائىت ھۆججەتلەر ساقلانماقتا. بىز خىتايغا گېنېرال ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى ئىگىلەش ھەققىدە تەلەپ سۇندۇق، بىراق خىتاي بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات يوقلىقىنى بىلدۈردى، بەلكى بولسىمۇ بەرمەس ئىدى» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قىرغىز تارىخچىسى «ھازىر بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنىڭ ئارخىپلىرىدا گېنېرال مونۇيېف ھەققىدە ئەسلى ھۆججەتلەر بار بولۇپ، بۇلار تېخى مەخپىيەتلىكتىن قالدۇرۇلمىدى» دەپ تەكىتلەش ئارقىلىق قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئىسساقبېك مۇنۇنوفقا ئائىت ماتېرىياللارنى يەنىلا مەخپىي تۇتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئىسساقبېك مۇنۇنوفنى قىرغىز خەلقى ئىچىدىن چىققان تۇنجى گېنېرال دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوش شەھىرىدە چوڭ ھەيكەل ئورناتقان. نۆۋەتتە، قىرغىزىستاندا قىرغىزىستان ۋە قىرغىزلارنىڭ تۇنجى گېنېرالى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئىسساقبېك مۇنۇنوفقا بېرىلگەن ھەربىي ئۇنۋاننىڭ 1944 - يىلى 12 - نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى، ئىسساقبېك مۇنۇنوفنى ئېتىراپ قىلغاندا تارىختىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىمۇ ئوخشاش ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى تۇغۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىسساقبېك مۇنۇنوفنىڭ ستالىن ۋە ماۋزېدۇڭنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى رەسمىيلەشتۈرۈش كېرەكمۇ ياكى خىتاي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئېيتقاندەك ئايروپىلان ھادىسىسىغا ئىشىنىش كېرەكمۇ دېگەندەك مەسىلىلەر مۇنازىرە قوزغىغان. قىرغىزىستان تەرەپ ئىسساقبېك مۇنۇنوفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇلۇغچاتتا ئەمەس، بەلكى قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى ئوش ۋىلايىتى تېررىتورىيىسىدە تۇغۇلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان.
ئىسساقبېك مۇنۇنوفقا ئەلىخان تۆرە رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1945 - يىلى، گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن ھەمدە مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن. بۇ چاغدىكى باش قوماندانى ئىۋان پالېنوف ئىدى. 1946 - يىلى، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا رەسمىي گېنېرال لېيتىنانتلىق ئۇنۋانى بەرگەن ھەمدە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن.
ئىسساقبېك مۇنۇنوف مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى سۈپىتىدە ھەرەمباغ، جىڭ ۋە باشقا ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلغان ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە تاشقورغانغىمۇ ئەۋەتىلىپ، بىر مەزگىل جەنۇبتىكى قوراللىق ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلغان.
ئىسسابېك مۇنونوف 1902 - يىلى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ياش ۋاقىتلىرى ئۇلۇغچات ، ئوش ۋە باشقا سوۋېت شەھەرلىرىدە ئۆتكەن. ئۇ، 1934 - يىلى سوۋېتلەرنىڭ «تۆتىنچىلەر» ناملىق قىرغىز پولكىنى باشقۇرغان ھەمدە 1937 - يىلى، شېڭ شىسەي ئارمىيىسىنىڭ پولك كوماندىرى بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار بىلەن قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش قىلغان، كېين ئۇ ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدا ئىشلىگەن، 1943 - يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتكەن ھەمدە 1944 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى قوراللىق ئەترەتنى باشلاپ، ئىلىغا كېلىپ، سۈيدۈڭ، كۈرە ۋە ھەرەمباغ جەڭلىرىگە قوماندانلىق قىلغان. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ 1945 - يىلى، 1 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا گومىنداڭنىڭ گېنېرالى شې يىفېڭ قوماندانلىقىدىكى دۇشمەن قوشۇنلىرى غۇلجا شەھىرىگە قىستاپ كەلگەن خەتەرلىك پەيتتە پارتىزانلارغا قوماندانلىق قىلىپ، قورشاپ كەلگەن دۈشمەننى تارمار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خەتەرلىك ۋەزىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا ھەسسە قوشقانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نامى چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر قىرغىزىستاندا ئىسساقبېك مۇنۇنوف ۋە 1944 - 1949 - يىلىدىكى مىللىي ئىنقىلابنى تەتقىق قىلىش، بۇ ھەرىكەتلەرگە ئائىت تارىخىي ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئىسساقبېك مۇنۇنوفنىڭ ھەقىقىي كىملىكى ھەم ئۇنىڭ ھايات ئاقىۋىتىنى بېكىتىش ھەققىدە ئىزدىنىشلەر باشلانغان. 2006 - يىلى، ۋاخاپ مونىيېف ئىسىملىك ئىسساقبېك مۇنۇنوفنىڭ ئەۋلادى «گېنېرال ئىسساقبېك مونىيېف» ناملىق كىتاب نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا كۆپ ئۇچۇرلار بولسىمۇ، بىراق تارىخىي ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان ئىدى. قىرغىزىستاندىكى بەزى تارىخچىلار بۇ ساھەگە رەسمىي ئىلمىي رەۋىشتە كىرىشىپ، كۆپ ھۆججەتلەرنى تېپىپ چىقىپ، 1944 - 1949 - يىللىرىغا ئائىت چۈشەنچىلەرنى چوڭقۇرلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
قىرغىزىستاندا ئىسساقبېك مۇنۇنوف ئادەتتە ئىسساقبېك مونىيېف ياكى ئىسقاقبېك مونىيېۋ دەپ ئاتىلىدۇ.
0:00 / 0:00