«تارىخ ۋە بۈگۈن»

«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممامىزنىڭ 17- ئىيۇندىكى سەھىپىسىدە قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى گېگېل مىجىت ئوغلى ئىسساقوفنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات پائالىيەتلىرى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-80-يىللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتوم بومبىسى سىناقلىرى ۋە مەزكۇر سىناقلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەن-ساغلاملىقىغا قالدۇرغان سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى ئاڭلايسىلەر.

گېگېل ئىسساقوف قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ساھەسىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى قازاقىستاندا كۆزگە كۆرۈڭەن ئالىملارنىڭ بىرىگە ئايلانغان شەخس ئىدى. گېگېل ئىسساقوف ئۆمۈر بويى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ۋە 19-ئەسىرلەردىكى ئېتنوگرافىيىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلار ھەم كىتابلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان ئىدى. ئۇ، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا ۋە كېيىنكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىدە خىزمەت قىلىپ، 2008-يىلى ۋاپات بولغان ئىدى.

خىتاي 1964-يىلى تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى لوپنور رايونىدا سىناق قىلغاندىن تارتىپ دۇنيادىكى يادرو قوراللىرىغا ئىگە مەملىكەت قاتارىغا قوشۇلدى. بۇ ھەقتە ئويغاننىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاڭ.

خىتاينىڭ 1964-يلىدىن تاكى 90-يىللارغىچە ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تارىم ۋادىسى ئاھالىسىغا ئېغىر جىسمانىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئالىملار تەرىپىدىن يەكۈنلىنىپ بولۇنغان قاراشتۇر. 1970- يىللاردا تۇرپان ئەتراپىدا دوختۇرلۇق قىلغان، ھازىر تۈركىيىدە تىببىي ساھەدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر دوختۇر نۇرمۇھەممەد ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەشۇ يادرو سىناقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھەقتە ئارسلاننىڭ مەلۇماتلىرىنى ئاڭلاڭلار.