تارىخىي مەنبەلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 1933 - يىلى 12 - نويابىردا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى جاكارلىنىشتىن بۇرۇن «ئىستىقلال جەمئىيىتى» نامىدىكى بىر مەخپىي تەشكىلاتنىڭ قەشقەردە قوراللىق قوزغىلاڭلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەمدە مىللىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى مەلۇم.
1931 - يىلى باشلانغان قومۇل قوزغىلىڭىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىنقىلابنىڭ ئوت يالقۇنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتۇشىدۇ. 1933 - يىلىنىڭ باشلىرىدا قومۇل - تۇرپان ئىنقىلابىغا ئاۋاز قوشۇپ كۇچادا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن تۆمۈر Èلى ناھايىتى تېزلىكتە كۇچا ۋە ئاقسۇ رايونلىرىنى ئازاد قىلىپ قەشقەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. شۇ يىلى باھار مەزگىلىدە خوتەن رايونىنى تولۇق ئازاد قىلىپ مىللىي ھاكىمىيەت قۇرغان خوتەن ئىنقىلابچىلىرىمۇ غەربكە قاراپ غەلىبەسېرى ئىلگىرىلەپ قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشنىڭ سىگنالىنى چالىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابىغا ماسلىشىش ھەمدە ئۇنىڭ غەلىبىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئەھلى ئۆلىما ۋە مىللەت سەرخىللىرى مەخپىي ھالدا ئۇيۇشۇپ «ئىستىقلال جەمئىيىتى» نامىدىكى بىر تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شاھىتلاردىن مۇسا تۈركىستانىنىڭ «ئۇلۇغ تۈركىستان پاجىئەسى» ناملىق ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلاتقا قەشقەردىكى يەرلىك زىيالىلار، دىنىي ئۆلىمالار، رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ باستۇرىشىدىن قېچىپ كەلگەن ئۆزبەك مۇھاجىرلارنىڭ ئەزا بولغانلىقى مەلۇم. تەشلىلاتنىڭ دەسلەپكى گەۋدىسى مۇھەممەد ھاجىم پالتا، مەقدۇمزادە ئارتۇش، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي، تۇرغۇن بايبەچچە، ئەھمەد پاختا، ئەبەيدۇللا خانىي، سوفىزادە، يۈسۈپ مۇزەپپەر قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. «ئىستىقلال جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى.
«ئىستىقلال» مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جەمئىتىنىڭ نىزامنامىسى»
«ئىستىقلال جەمئىيىتى» قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ جىنشۇرېننىڭ قەشقەرگە قامىلىپ قالغان ھەربىي كۈچلىرىگە قارشى ئۇرۇش تەشكىللىلەيدۇ. تۆمۈر Èلىنىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئىستىقلال جەمئىيىتى» قەشقەردىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە تۈرلۈك گۇرۇپپىلارغا مەنسۇپ كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈشتە پائال رول ئوينايدۇ. 1933 - يىلنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرىدا سابىت داموللام ئەمىر ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى خوتەن قوشۇنلىرىنى باشلاپ ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان قەشقەرگە يېتىپ بارغاندا «ئىستىقلال جەمئىيىتى» پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلىككە كەلگەن بىر مىللىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىشىغا جىددىي تەييارلىق قىلىدۇ. نەتىجىدە شۇ يىلىنىڭ نويابىر ئېيىدا قەشقەردىكى تۈمەن دەرياسى بويىدا جۇمھۇرىيەت جاكارلىنىدۇ. «ئىستىقلال جەمئىيىتى» يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى تەبرىكلەش ھەمدە ئۇنىڭ ئاۋازىنى كەڭ خەلققە يەتكۈزۈش ئۈچۈن 1933 - يىلىنىڭ رامىزان ئېيىدا «ئىستىقلال» نامىدىكى مەجمۇئەنىڭ تۇنجى سانىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ. مەجمۇئە سوفىزادەنىڭ باش مۇھەررىرلىگىدە قەشقەر يارباغقا جايلاشقا «ئىستىقلال جەمئىيىتى» نىڭ ئىدارىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدۇ ھەمدە قەشقەردىكى شىۋېت مىسسىئونېرلىرىنىڭ باسمىخانىسىدا بېسىلىدۇ.
دوكتور ئالىمجان بوغدا «ئىستىقلال» مەجمۇئەسىنىڭ ئۆز دەۋردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي دۆلەتچىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش ۋە مىللىي پىكىر - مەپكۇرىنى تۇرغۇزۇش ئەھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە مەزكۇر مەجمۇئەدە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىن باشلاپ قىرىمدىن ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگىچە بولغان ئۇزاق تېررىتورىيىدە ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان ئىسمايىل غاسپىرالىنىڭ «دىندا، دىلدا، تىلدا، پىكىردە ۋە ئىشتا بىرلىك» دېگەن جەدىدچە تەشەببۇسلىرىنىڭمۇ شۇئار قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.