قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، شۇ جۈملىدىن ئۇنىڭ شېئىرىيەت ساھەسىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن بېيىشىغا ئۆزىنىڭ مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان شائىرلارنىڭ بىرى جەمشىت روزاخۇنوفتۇر.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ مىللەت ئەدىپلىرى ۋە كىتابخانلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە تۇرماقتا. شائىر ئىجادىيىتى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ قازاقىستانلىق تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن تەپسىلىي ئۆگىنىلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. شۇلارنىڭ بىرى تونۇلغان ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ماخمۇت ئابدۇراخمانوف ئەدىپكە خاس خىسلەتلەرنى ئاتاپ كېلىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: «ھەر كىم شېئىرىيەت ھەققىدە ئۆز تەبىرىنى ئېيتقاندەك، مەنمۇ شېئىرىيەت - قەلبىي ھالەت دەپ چۈشىنىمەن. ھاياتنىڭ ئاپتىۋىنىمۇ ھەم كۆلەڭگۈسىنىمۇ، گۆزەللىكنىمۇ ھەم كۆڭۈلسىزلىكىنىمۇ ھاياجانلىق قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىلا، يەنى دايىمەن شۇنداق قەلبىي ھالەتتە بولۇشلا شېئىر يارىتىشقا قابىل. مەن جەمشىتنى ئەنە شۇنداق قەلب ئىگىسى دەپ تونۇيمەن. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرى قويۇق ھەم ھاياتىي، ھېسسىيات پەرۋازى بەلەن ھەم ھەر خىل. شۇڭلاشقىمۇ جەمشىت قەلىمىدىن بىر ئوقۇپلا مەڭگۈ يادىڭدا قالىدىغان چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ئوي - پىكىرلەر، شائىرانە تۈگۈنلەر تۇغۇلىدۇ.»
قازاق تەتقىقاتچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى گۈلجاھان ئوردا بولسا، مۇنداق دەپ يازىدۇ: «جەمشىت روزاخۇنوف خەلقى بىلەن بىرگە ياشاپ، خەلقىنىڭ سۆزىنى سۆزلەپ، "ئەدەبىيات - ۋىژدان ئىشى" ئىكەنلىكىنى ئەسەرلىرى بىلەن ئىسپاتلاپ كېلىۋاتقان شائىر. ھاياتتىن كۆرگىنىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا نەسىھەت قىلىشنى كۆزلىگەن شائىر ئەسەرلىرىدە ئىنسان، جەمىيەت، ھايات ھەققىدە پەلسەپىۋى قاراشلىرى تەسۋىرلەنگەن.»
يېقىندا ئەنە شۇ تالانتلىق شائىرنىڭ ھۆرمىتىگە ئالماتا شەھىرىگە جايلاشقان ئەۋېزوف مۇزىي ئۆيىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. شائىرنىڭ 65 ياشلىق تەۋەللۇدىغا بېغىشلانغان مەزكۇر يىغىن قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى ھەم قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئىنستىتۇت مۇدىرى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئۇئەلىخان قالىجان ئېچىپ، ئۇ ئەدىپنىڭ كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىغا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا قوشقان ئۈلۈشىنى يۇقىرى باھالىدى ۋە ئىنستىتۇت ئالىملىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابلارنى تەۋەللۇد ئېگىسىگە تەقدىم قىلدى.
يىغىندا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموف، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرىي، قازاقىستان ژۇرنالىستىكا ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى يولداش ئازاماتوف، ئالىملار رابىك ئىسمايىلوف، سېرىك قوراباي، ئالىمجان ھەمرايېف، شائىرلار ئەكرەم سادىروف، ئابلىز ھېزىم ۋە مەھەممەتئىمىن ئوبۇلقاسىموفلار جەمشىت روزاخۇنوفنىڭ ئىجادىيىتىگە خاس ئۆزگىچىلىكلەر، ئۇنىڭ بەدىئىي ماھارىتى، ئەسەرلىرىنىڭ تىل ۋە ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكلىرى، ئىنسانىي خىسلەتلىرى، شۇنداقلا ئەدەبىي دوستلۇق ۋە باشقىمۇ مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شائىر ئابلىز ھېزىم ج. روزاخۇنوفنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «جەمشىتنى بىز ئاتاقلىق شائىرىمىز دېدۇق. شۇنىڭغا قانداق يەتتى دېگەندە، جەمشىت ئىزدىنىدۇ. ئىزدەنگەنلىكتىن ئۇ، ئەلۋەتتە تاپىدۇ. بىراق تاپقىنىغا ھېچقاچان قانائەت قىلغان ئەمەس. ھەممە نەرسىنىڭ چېكى بولىدۇ. لېكىن ئىلىم ئېلىش، بىلىملىك بولۇش ۋە ئىزدىنىشنىڭ ھېچقاچان چېكى بولمايدۇ. جەمشىت مانا مۇشۇنى ياخشى چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىزدەنگىنىگە قانائەت قىلماي، شۈكرى قىلماي ئىزدىنىۋېرىدۇ. باشقىلار ئوخشاش تاپقىنىغا كۆرەڭلەپ كەتمەيدۇ، تەنقىدلىسە سىركاي چىنىدەك پۇچۇلۇپ كەتمەيدۇ. مۇنداق بولۇشى، شېئىر دېگەن كۆرگەنلا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، يازغان شېئىرنىڭ ھەممىسى شېئىر بولمايدۇ، شېئىر يازغان ئادەمنىڭ ھەممىسى شائىر بولمايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى تەۋرەتكەن، شۇلارنىڭ پىكىر قىلىشىغا تەسىر قىلغان شېئىر ھەقىقەتەن شېئىر بولىدۇ. شائىرنىڭ بەختى - كۆڭۈلدە بار نەرسىلەرنى ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۈشلا ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ پىكرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يازىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق شائىر شۇ دەۋىر بىلەن تەڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىن بىر - ئىككى قەدەم ئالدىدا ماڭىدۇ. سەۋىيەسى ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭ ئەمەس، شۇلاردىن ئۈستۈن بولۇشنى خالايدۇ. جەمشىت ئەنە شۇنداق شائىرلارنىڭ بىرى بولغاچقا، ھازىر بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىزدە ئالدىنقى قاتاردىكى شائىرلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇنى شېئىر يېزىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى جەمشىتتەك چۈشىنىپ كەتمەيدۇ ۋە تېخى ئۇ باسقۇچقا يەتكىنى يوق.»
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرىدا سۆز ئالغان شائىر ج. روزاخۇنوف مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ بىر قاتار توپلاملىرىنى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ كىتابخانىسىغا تاپشۇردى.
0:00 / 0:00