تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان «جۇڭغار خانلىقىنىڭ سىياسى تارىخى» ناملىق ئەسەر، 5 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان 136 بەتلىك كىتاب بولۇپ، كىتابنىڭ ئاخىرىدا كۆپ ساندا جۇڭغار خانلىقى مەزگىلى ئاڭلىتىلغان خەرىتە ۋە رەسىملەرگە ئورۇن بېرىلگەن.
تارىخچى ئەكرەم قالان ئەپەندى ئەسىرىدە 17 - 18 - ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن جۇڭغار خانلىقىنىڭ تارىخىنى 5 قىسىمدا بايان قىلغان. بىرىنچى قىسىمدا جۇڭغار خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇ خانلىقنىڭ قۇرغان گالدان باشگوت ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن. ئىككىنچى قىسىمدا بولسا، گالدان باشگوت خان ۋە ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن. بۇ قىسىمدا گالدان باشگوت خاننىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى تېمىسى ئاستىدا ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بايان قىلىنغان. بۇ قىسىمدا يەنە جۇڭغار مانچۇ ئۇرۇشىمۇ بايان قىلىنغان. ئۈچىنچى قىسىمدا تسەۋەن ئاراۋدان خان، تۆتىنچى قىسىمدا بولسا گالدانسېرېن خان مەزگىلىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر ۋە مەزكۇر خان ئېلىپ بارغان سىياسى ئىسلاھاتلار بايان قىلىنغان. بېشىنچى، يەڭ ئاخىرقى قىسىمدا گالدانسېرېن خان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ۋە جۇڭغارلارنىڭ خالھا موڭغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە مانجۇلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭلىرى بايان قىلىنغان.
0:00 / 0:00