كىرورەن مۇمىيالىرى ئۈستىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار

0:00 / 0:00

2-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتايچە «خەلق تور بېتى» ۋە «Soxu.com» تور بەتىدە «ئارخېئولوگىيىلىك بايقاش: 3500 يىل بۇرۇنقى لوپنۇرلۇقلار باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بارغان» تېمىلىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار لوپنۇردىكى كىرورەن قەبرىستانلىقىدىن تاپقان بىر ئايالغا ئائىت جەسەتتە باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيىسىنىڭ ئىزىنى بايقىغان. 40-45 ياشلار چامىسىدىكى بۇ ئايالنىڭ باش سۆڭىكىدە دىئامېتىرى 6 سانتىمېتىر كېلىدىغان يۇمۇلاق شەكىلدە بىر تۆشۈك ئېچىلغان. بىمار ئايال ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئەڭ ئاز بىر ئاي ياشىغان. باش سۆڭكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيىسىنىڭ بۇنىڭدىن 3500 يىل بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىشى تەتقىقاتچىلارنى ھەيران قالدۇرغان.

مۇمىيا ۋە جەسەتلەر بىلەن بىرگە كۆمۈلگەن بۇيۇملار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان خادىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كرورەندە ياشىغان كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن 3600 يىل بۇرۇن ئىرىمچىك، يەنى تۈركچە پەينىر ياساپ ئىستىمال قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەدىمقى كرورەنلىكلەر كېفىر باكتىرىيىسى ۋە ئېچىتقۇ قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىرىمچىك ئىشلەپچىقارغان. كرورەن گۈزىلى ياكى كرورەن مەلىكىسى دەپ تونۇلغان مۇمىيانىڭ بويۇن ۋە كۆكسى قىسمىدىكى نەرسىلەر ئەسلىدە ئەسلىدە ئىرىمچىك ئىكەن. بۇلار ئۆلگۈچىگە قايتىدىن تىرىلىش جەريانىدا يىمەكلىك بولسۇن ئۈچۈن قويۇلغان ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار قەبرىستانلىقتىن چىققان بىر بۇيۇمدىن يەنە جېلاتىنا، يەنى ھايۋانات يەلىمى بايقىغان. بۇ جېلاتىنا، بۈگۈن ئىشلىتىلىۋاتقان يېپىشتۇرغۇچىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۈلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مۇمىيا ۋە جەسەتلەرنى پالېئوپاتولوگىيە، يەنى قەدىمىي كېسەللىكلەر ئىلمى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغان خادىملار قەدىمكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 33.29 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ئۆمۈر مۇددىتى باشقا رايونلارغا قارىغاندا ئۇزۇن ھېسابلىنىدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە قەدىمكى لوپنۇرلۇقلار ئارىسىدا كۆرۈلىدىغان ئەڭ كۆپ كېسەللىك تۈرىنىڭ چىش ئاغرىقى ۋە بوغۇم ياللۇقى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق شىنجىئاڭ ئاسارە-ئەتىقە ۋە ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان. يىغىنغا جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى چېگرا رايونلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ پروفەسسورى جۇ خوڭ، خىتاي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەخنىكا تارىنى ۋە پەن-تەخنىكا ئارخېئولوگىيىلىك فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ياڭ يىمىن قاتناشقان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تەتقىقاتچىلار لوپنۇر رايونىدىكى كرورەن قەبرىستانلىقىدىن چىقىرىلغان مۇمىيا ۋە جەسەتلەر ئۈستىدە قەدىمىي نوپۇسشۇناسلىق، بەدەن ئۆلچەش ئىلمى، قەدىمىي ئىرقشۇناسلىق، قەدىمىي كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە پەن-تەخنىكا تارىخى قاتارلىق نوقتىلاردىن تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

خىتاي تەتقىقاتچىلىرى قەدىمقى لوپنۇرلۇقلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يۈكسەك پەن-تەخنىكا سەۋىيىسىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

لەكىن، كرورەن گۈزىلى ياكى كرورەن مەلىكىسى دەپ ئاتالغان مۇمىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە چىقىرىلغان باشقا مۇمىيا ۋە جەسەتلەرنىڭ ئىرقىي تەۋەلىكىگە دائىر يېڭى تەتقىقاتلار بۇلارنىڭ خىتاي ئىرقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەجداتلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. خىتاي ۋە ئامەرىكىلىق تەتقىقاتچىلار بىرلىشىپ يازغان ۋە ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «بمك بىئولوگىيە جۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە لوپنۇر رايونىدا تەپىلغان مۇمىيالارنىڭ نەسىل جەھەتتىن ئارىلاشما قانلىق ئىكەنلىكىنى؛ ئۇلاردا ھەم ياۋروپالىقلارنىڭ ھەم سىبىرىيەلىكلەرنىڭ قېنى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

يەقىندا مۇمىيالارنى د ن ئا جەھەتتىن تەتقىق قىلغان جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جۇ خۇي مۇمىيالارنىڭ 71 پىرسەنتىدە ئاسيالىقلارنىڭ، 29 پىرسەنتىدە ياۋروپالىقلارنىڭ قېنى بار دەپ ئېلان قىلغان. جۇ خۇي بۇ يەردىكى ئاسيالىقلارنى خىتاينىڭ شىمالىدا ۋە بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبىدا ياشىغان كىشىلەر دەپ كۆرسىتىدۇ.

سىبىرىيەدە ۋە بايقال كۆلىنىڭ ئەتراپىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ تۈركىي قوۋملەرغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى تارىخچىلار ئارىسىدا ئومۇمەن قوبۇل قىلىنغان بىر كۆزقاراش. بۇ خەقتە زىيارىتىمزنى قوبۇل قىلغان ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئوسمان قاراتاي ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:

«يېڭى تەتقىقاتلار تۈركلەرنىڭ سىبىرىيە، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئورمانلىق رايونلاردا ياشىغۇچى بىر خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇمىيالارنىڭ سىبىرىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرسىتىلىشى، بۇلارنىڭ تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق. يەنە بىر جەھەتتىن تۈركلەردە ئوتتۇرا ئەسىرلەرگە قەدەر، ھەتتا ئوسمانلى دەۋرىدىمۇ جەسەتلەرنى مۇمىيالاش ئادىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىمىز. تۈركلەردە بولۇپمۇ ھۆكۈمدار ۋە يۈكسەك تەبىقە كىشىلىرىنى مۇمىيالاش ئادىتى بولغان. لوپنۇر رايونىدىكى قەبرىستانلىقلاردىن چىقىرىلغان جەسەتلەرنىڭ د ن ئا جەھەتتىن سىبىرىيىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ كۆرستىلىشى بۇلارنىڭ تۈرك بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. »

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق، كرورەن قەبرىستانلىقىدىكى مازارلاردا بالباللارنىڭمۇ بارلىقىنى بايقايمىز. ئالىملارنىڭ يەكۈنلىشىچە مازار بېشىغا بالبال تىكلەش تۈركىي قوۋملارغا ھاس بىر مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر.

ئوسمان قاراتاي ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«بالباللار پۈتۈن دۇنيادا تۈركىي مەدەنىيىتىگە ھاس بىر ئامىل دەپ قارىلىۋاتىدۇ. بالبال بولغان يەردە چوقۇم بىر تۈرك ئىمزاسى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ».

2007-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى «ناتىئونال گەئوگراپھىك» جەمىيىتىنىڭ مۇمىيالار ئۈستىدە گېن تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى. تەتقىقات نەتىجىسىدە بۇلارنىڭ ياۋرۇپا، مېسوپوتاميا، İندۇس دەرياسى ۋە باشقا رايونلاردىن كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

سۆيۈملۈك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، لوپنۇردىكى كىرورەن قەبرىستانلىقى 1934- يىلى شىۋىتسىيە ئارخېئولوگ فولكە بېرگمان تەرىپىدىن ئېچىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 2005-يىلىغىچە بولغان مۇددەتتە 167 مازار ئېچىلغان ۋە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقىلەر چىقىرىلغان ئىدى. ھازىر قەبرىستانلىقتىن چىقىرىلغان مۇمىيا جەسەت ۋە بۇلار بىلەن بىرگە كۆمۈلگەن بۇيۇملار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.