ل. مۇتەللىپنى ئۆلتۈرگەن «جاللات» بۈگۈنكى «خىتاي مىللىي قەھرىمانى»

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى خىتاي ئاشۇ 1949-يىلى 10-ئايدا ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى قۇرغان ۋە ھازىرمۇ شۇ خىتاي كومپارتىيەسى مۇستەھكەم ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت. لېكىن، خىتاي كومپارتىيەسى تارىخىدا سىياسىي ئىدىيەۋى ساھەدە، ھەتتا تارىخ ساھەسىدە ئىلگىرىكى بىر قىسىم شەخسلەر ۋە پىكىر ئېقىملىرىغا نىسبەتەن بەرگەن باھالىرىنى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان ئەھۋال داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىيۈزلىمىچىلىكى» دەپ باھا بېرىشىدۇ.

مەسىلەن كومپارتىيە 50-يىللاردا تارىختىكى زو زوڭتاڭغا تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابىنى باستۇرغان «جاللات» ، «چىڭ سۇلالىسىنىڭ قولچومىقى» دەپ باھا بەرگەن بولسا، 1980-يىللاردىن باشلاپ، بىردىنلا ئۇنى «شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەن» ، «ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان» «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي قەھرىمانى» دەپ باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەيكەللەرنى تىكلىگەن. ئەلۋەتتە زو زوڭتاڭنى تۈنۈگۈن «جاللات» دېگەنلەرمۇ، بۈگۈن «مىللىي قەھرىمان» دېگەنلەرمۇ ئوخشاشلا ئاشۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئىدى.

خىتاينىڭ «سوخۇ» تورىنىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ نىڭۋۇ شەھىرىدە مەخسۇس لوڭشەن باغچىسى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ باغچىدا بۇ يۇرتتىن چىققان 20 نەپەر مەشھۇر «ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال» نىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا جاۋ خەنچى ئىسىملىك بىر گومىنداڭ كوماندىرىنىڭ ھەيكىلىمۇ ئورۇن ئالغان. ئۇنىڭ ھەيكىلىگە: «جاۋ خەنچى، نىڭۋۇلۇق، ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال. ئۇ، 1945-يىلى 8-ئايدا دۆلەت ئارمىيەسى يېڭى 2-دېۋىزىيە، 5-پولكىنىڭ كوماندىرى بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىنى ساقلىغان. ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئاقسۇ شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، جاۋ خەنچى شەھەرنى قوغداش قوماندانى سۈپىتىدە 600 كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ بىلەن 3000 دىن ئارتۇق ئادەمگە قارشى جەڭ قىلغان ۋە بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت جان تىكىپ قانلىق جەڭ قىلىپ، ئاقسۇنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ خىزمەت كۆرسەتكەن. شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن جاۋ خەنچى ھەقىقەتكە قايتقان ئوفىتسېرلار قاتارىدا بولغان» دەپ يېزىلغان.

شۇنىڭدەك يەنە خىتاي تور بەتلىرىدە جاۋ خەنچىگە ئائىت كۆپ يازمىلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇلاردا ئۇنىڭغا «مىللىي قەھرىمان»، «زو زوڭتاڭدىن كېيىنكى يەنە بىر قەھرىمان» دېگەندەك مەدھىيەلەر ئوقۇلغان. مەسىلەن، بىر خىتاي تورىدا «جاۋ خەنچى زو زوڭتاڭدىن كېيىن جۇڭگونىڭ شىنجاڭ زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن شىنجاڭ تۇپرىقىدا قەھرىمانلىق داستانى ياراتتى» دېيىلگەن.

جاۋ خەنچى 1945-يىلى 8-ئايدا سوپاخۇن سوۋۇروپ، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ 150 كىشىلىك بىر ئەترىتى ئاقسۇغا چۈشۈپ جەڭ قىلغاندا، ئۇلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەنىدى. مىللىي ئىنقىلاب تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار ۋە تارىخىي شاھىتلار ئىسپاتلىدىكى ئاقسۇدا جەڭ قىلغان مىللىي ئارمىيە ھېچقاچان 3000 ئادەم ئەمەس، پەقەت بىرقانچە يۈز كىشى ۋە ئۇلارنى قوللىغان مەلۇم ساندىكى قورالسىز ئامما ئىدى. جاۋ خەنچى قاتارلىقلار يۇقىرىغا ئۆزلىرىنىڭ 3-4 مىڭ «باندىت» بىلەڭ جەڭ قىلغانلىقىدەك يالغان مەلۇماتلارنى يوللاپ، ئۆزىنى قەھرىمان قىلىپ كۆرسەتكەنىدى. ئاقسۇدىكى بۇ قوشۇن خىتاي تەرەپ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى سەۋەبىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمەلىيەتتە ئۇلار جاۋ خەنچى باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنى يوقىتىپ، ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئالدىدا تۇرغانىدى.

شىۋېتسىيەدىكى تارىخ تەتقىقاتچىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، جاۋ خەنچى 1950-يىللاردا كومپارتىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بىگۇناھ ئادەملەرنى قىرغان، «زوراۋان ئۇنسۇر» دەپ بېكىتىلگەن. ئۇ، 1945-يىلى 9-ئايدا ئاقسۇدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى شائىرى لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشلىق 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىنقىلابىي ياشلىرىنى شۇنىڭدەك كۆپلىگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيانە ئۇسسۇلدا قىرغانىدى. جاۋ خەنچى ھەتتا ل. مۇتەللىپنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۇنى «جاللات» دەپ باھالىغان.

جاۋ خەنچى 1913-يىلى تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ قاراشەھەر قاتارلىق جايلاردا ياشاپ، 1930-1940-يىللاردا شېڭ شىسەي ئارمىيەسىدە ئىشلىگەن ۋە كېيىن گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېرى بولغانىدى.

1949-يىلى ئۇ گەنسۇغا بارغاندا، كومپارتىيە تەرەپكە ئۆتكەن ۋە ۋاڭ جىن، پېڭ دېخۇەي قاتارلىقلارغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىپ، ئۇنىڭ يۈرۈش قىلىشىغا ماسلاشقان. ئۇ، ھەقىقەتكە قايتقان گومىنداڭ ھەربىيلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنغان. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان جايى-ئىچكى موڭغۇلنىڭ خۇخخوت شەھىرىگە كېتىۋالغان.

ئەمما 1951-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى «ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش» ھەرىكىتىدە ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا قىلغان زوراۋانلىقلىرى، خەلققە سالغان زۇلۇملىرى، گومىنداڭغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغانلىقى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئۇنىڭغا 1952-يىلى 5-ئايدا ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلغان.

تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ياشلارنى قىرغىن قىلغانلىقى جىنايىتىمۇ سۈرۈشتۈرۈلگەن. ئامېرىكادىكى تارىخ تەتقىقاتچىسى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى ياشلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنقىلابىي ھەرىكەت، لۇتپۇللا مۇتەللىپنى بولسا «ئىنقىلابىي قۇربان» ، 1949-1944-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى بولسا «جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دەپ باھالىغان. ئەنە شۇ سىياسەت تۈپەيلىدىن جاۋ خەنچى قاتارلىقلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنىدى. خىتاي كومپارتىيەسى ھەر قايسى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە مۇستەھكەملىنىشىگە ئاساسەن پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىم جاۋ خەنچى قاتارلىقلارنى مىللىي قەھرىمانغا ئايلاندۇرۇشىمۇ شۇنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئەمما، ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى، دەرسلىكلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش يولغا قويۇلۇشى جەريانىدا مەكتەپلەردە، جەمئىيەتتە لۇتپۇللا مۇتەللىپنى خاتىرىلەش، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش ھەتتا ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىقلارغىمۇ چەك قويۇلغان بولۇپ، ھەتتا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى كونا قەبرىستانلىقتىكى مەقبەرىسىمۇ ئېلىۋېتىلگەن. ئومۇمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ل. مۇتەللىپ قاتارلىق ياشلارنىڭ جاۋ خەنچى قاتارلىقلار تەرىپىدىن قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلىشى، مىللىي ئىنقىلاب تارىخى ۋە باشقا ئۆز تارىخىدىكى قەھرىمانلاردىن ئىپتىخارلىنىشىغىمۇ چەكلىمە قويۇلغان.

ۋەھالەنكى، خىتاي كومپارتىيەسى باشقۇرۇۋاتقان شەنشى ئۆلكىسىنىڭ نىڭۋۇ شەھىرى ھۆكۈمىتى ماۋ زېدوڭ، جوۋ ئېنلەي قاتارلىق كومپارتىيە داھىيلىرى «ئەكىسلىئىنقىلابچى» ، «خەلقنى قىرغان جاللات» دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان جاۋ خەنچىگە ئوخشاش كىشىلەرنى «ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال» دەپ ھۆرمەتلەپ ھەيكەل ئورنىتىشى «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» نىڭ تىپىك ئۈلگىسىدۇر.

كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ نىڭۋۇ شەھىرىنىڭ مەخسۇس باغچە ياساپ، جاۋ خەنچى ئۈچۈن ھەيكەل ئورنىتىشىدىن قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەزىرىدە جاۋ خەنچىنىڭ 1945-يىلى 8-11-ئايلار ئارىسىدا ئاقسۇدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى بىلەن جەڭ قىلغانلىقى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ باشلىغان مىللىي ئاڭغا ئىگە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە ئۇلارنى قوللىغان يۈزلىگەن تىنچ ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى، ھەتتا بالىلار، ئاياللارغىچە رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىشى «مىللىي قەھرىمانلىق» ۋە «ۋەتەنپەرۋەرلىك» دېگەن چۇشەنچىنى بېرىدىكەن.