مۇتەخەسسىسلەر: ھازىرقى تازىلاش 1957-1958-يىللاردىكى زەربە بېرىشنىڭ داۋامىدۇر

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.01.18
professor-dawid-brofi.jpg ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى، 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە كىتاب ۋە ماقالىلەر ئاپتورى، داۋىد بروفى ئەپەندى.
Proféssor Dawid Brofi teminligen

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى ئېلان قىلغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئائىت مەخپىي ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1957-1958-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە قارشى ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ھۆججەتلەرمۇ ئورۇن ئالغان. مەزكۇر ھۆججەتلەرنى رۇسچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى داۋىد بروفىنىڭ قارىشىچە، ئەنە شۇ ھۆججەتلەر ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلى ئې. ئى شالۇنوۋنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ئابدۇللا زاكىروف بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇزۇن سۆھبىتى مۇھىم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە.

1958-يىلى، 9-ئىيۇل كۈنى غۇلجىدا مەخپىي شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر سۆھبەت شۇ يىلى 18-ئاۋغۇست كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىراق شەرق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى م. زىميانىن تەرىپىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، يەنى 1970-1980-يىللاردىكى سوۋېت ك گ ب رەئىسى يۇرىي ئاندروپوۋقا يوللاپ بېرىلگەن.

مەزكۇر ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇللا زاكىروف سوۋېت تەرەپكە 1951-يىلىدىن ئېتىبارەن مىللەتچىلىك خاھىشىدا بولغان سەيپىدىن ئەزىزدىن باشلاپ، زىيا سەمەدى، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئىبراھىم تۇردى، مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف، ئەسھەت ئىسھاقوف، سەيدۇللا سەيپۇللايېف ۋە باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئىدىيەسى، يەنى، ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇش تەلىپى، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ئارىسىدىكى پىكىر توقۇنۇشى ھەم باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. مەزكۇر ھۆججەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەسلى «مىللەتچى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 1951-يىلى ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش لايىھىسى تۈزۈپ، غۇلجىدا 51 كىشىنىڭ مۇزاكىرىسىنى ۋە قەشقەردە ئىمىنوفنىڭ بۇ خىلدىكى يىغىن ئېچىشىنى تەشكىللىگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. پروفېسسور داۋىد بروفىنىڭ قارىشىچە، ئەمما 1957-1958-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى سەيپىدىن ئەزىزنى ئەيىبلىمەي ئۇنى ساقلاپ قالقان ۋە ئەتىۋارلىغان، چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن ھەمكارلىشىدىغان ئادەملەر كېرەك ئىدى.

بۇ ھۆججەت ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسۇلى داباشىننىڭ 1957-1958-يىللىرىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە قارشى تۇرۇشقا ئائىت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ جەريانىغا ئائىت دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى «مىللەتچىلىك خاھىشى» دىكى زىيا سەمەدى باشلىق ئون نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك مىللىي رەھبىرى كادىرنىڭ ھەممىسى 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ئاساسلىقى رەھبىرى كادىرلىرى ئىدى. زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلى، ئەينى ۋاقىتتىكى بارلىق كۈرەش جەريانلىرىدىن خەۋەردار، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدىنىڭ پىكىرلىرىگە تايانغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىدىن جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى تەلەپ قىلغان زىيا سەمەدى، 1950-يىلىدىن ئىلگىرى ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ يېقىن ئادىمى، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى ھەم رازۋېدكا بۆلۈمى باشلىقى بولغان، ئىبراھىم تۇردى، سەيدۇللا سەيپۇللايېف، ئەسھەت ئىسھاقوف ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ 1948-يىلىدىن كېيىنكى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى «تىنچلىقنى ۋە خەلقچىللىقنى قوغداش ئىتتىپاقى» نىڭ مەركىزى تەشكىلى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەسھەت ئىسھاقوف بولسا، 1949-9-11-ئايلار ئارىسىدا «ئىتتىپاق» نىڭ مۇۋەققەت رەئىسى بولغان. بۇلاردىن باشقا ئابدۇرېھىم ئەيسا «ئىتتىپاق» نىڭ باش كاتىپلىق ۋە خوجىلىق بۆلۈمى باشلىقلىق ۋەزىسىنى ئاتقۇرغان. ئۇ ئابدۇللا زاكىروف بىلەن بىر قاتاردا «ئىتتىپاق» مەركىزى كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ئىدى. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى، تۇرسۇن ئىسرايىلوف «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى مەسئۇللىرىدىن بىرى ئىدى. ئومۇمەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئەلىخان تۆرە بىلەن، بولۇپمۇ 1946-يىلىدىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئەڭ يېقىن ھەمكارلىقتا بولغان ئەربابلار ئىدى. رىزا سەمەدىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى 1950-يىلىدىن كېيىن نازىر، مۇئاۋىن نازىر، ۋالىي، مۇئاۋىن ۋالىي، مۇئاۋىن رەئىس، ھەتتا رەئىس دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار 1955-يىلى بېرىلگەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بۇ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا رازى بولمىغان شۇنىڭدەك خىتاي ھاكىمىيىتىدىن جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش ھوقۇقى ۋەدىلىرى ۋە مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىگە كەلگۈسىدە ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە باشتا ئىشەنچ باغلىغان ئىدى.

1956-1959-يىللىرى ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان تارىخى ۋەقەلەر شاھىتى رىزا سەمەدى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى بىلەن 1957-1958-يىللىرىدىكى ھەرىكەتنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئوخشىمىغان دەۋردە ئوخشىمىغان ئاتالغۇ قوللانغانلىقى، ئۇ ۋاقىتتا بولسا مىللەتچىلىك ئاتالغۇسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى شەرھلىدى.

پروفېسسور داۋىد بروفىمۇ ئەمەلىيەتتە ھازىرقى «ئىككى يۈزلىمىچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرىنىڭ 1957-1958-يىلىدىكى ھەرىكەتنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى ۋە ھازىرقى زەربە بېرىشنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئىلھام توختىنىڭ تەقدىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا مىللەتلەر سىياسىتى مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە بولغان ۋە ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار ئوچۇق-ئاشكارا جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويالىغان. جۇڭگو كومپارتىيەسى ھازىرغىچە مىللىي كادىرلارغا پەقەت ئىشەنمىگەن بولۇپ، بۇنى ھازىر بولۇۋاتقان ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى ھەرىكەتتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ھازىرقى تازىلاش بىلەن 1950-يىللاردىكىنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى 1950-يىللاردا پارتىيەنىڭ قورقۇشىدۇ بىر ئاساس بار ئىدى، ئەمەلىيەتتە مىللىي كادىرلار پارتىيەدىن كۈچلۈكرەك مىللىي ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلغان، ھەتتا بۇنى ئاشكارا تەلەپ، قىلغان ئەمەلىيەتتە، ھازىر بۇنى ئۇنداق گەپ قىلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەس، ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك مىللىي ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاشۇنداق شوئارلارنى چىقىرىش پۈتۈنلەي ئىمكانىيەت يوق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.