ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرى يېنىدىكى تۈرگېن يېزىسىدا ياشاۋاتقان 89 ياشلىق سابىق مىللى ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ بېشىدا مىرزىگۇل ناسىروف ۋە ئاسىلخان تۆرە قاتارلىقلار باشچىلىقىدا مىللى ئارمىيەنىڭ مۇستەقىل مۇھاپىزەت باتالىيونىنىڭ ئىككى ئېسكادرون باينىڭ قىيىر دېگەن يېرىگە چۈشكەندىن كېيىن، مىرزىگۇل ناسىروف ۋە ئاسىلخان تۆرە بىر ئەترەتنى، يەنى پىلىموت ئىزۋوتى ۋە مىناميوت ئوتدېلېنىيەسىنى ئېلىپ ئاقسۇغا، يەنى سوپاخۇن ئەترىتىگە ياردەم بېرىشكە كېتىدۇ. قالغان ئىككى ئېسكادرون باي، قىيىر، قىزىل قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلىشىپ ئارقا سەپنى، بولۇپمۇ كۇچاردىن كېلىشى مۇمكىن بولغان گومىنداڭ قوراللىق كۈچلىرىگە توسۇپ زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا قىزىل، قىيىر ، باي قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان، ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەك،ئوزۇق-تۈلۈك ۋە ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى يەم-خەشەكلەر بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، كۆپلىگەن ياشلار ئۆزلىرى نەيزىلەرنى ياساپ، پىدائىي بولۇپ، ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلىدۇ. لېكىن، قىزىل قاتارلىق جايلاردىكى خەلقلەر بۇ قوشۇننىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزلىرىنى تاشلاپ كېتىپ قېلىشى ۋە كېيىن گومىنداڭ كۈچلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇلارنى پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قوللىغان ۋە ئۇلارغا ياردەم كۆرسەتكەن.
مىللى ئارمىيە جەڭچىلىرى خەلقنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كەتمەيدىغانلىقىنى، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى ئازاد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ ئىشەندۈرگەن. نۇرمۇھەممەد ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى؛« قىزىلنىڭ خەلقى ، بولۇپمۇ ئاق ساقاللىرى،بەزى بوۋاي-مومايلىرى، ئاياللىرى :سىلەر بۇ يەرگە كەلدىڭلار، سىلەرنىڭ بىزنى ئازاد قىلىشىڭلار ياخشى، لېكىن ئازاد قىلالماي، سىلەر كەتسەڭلار، ئۇ ۋاقىتتا بىزنى بۇلار، ھېچقايسىمىزنى قويماي ئەشۇ ئارمىيەگە ياردەم قىلدىڭلار دەپ ساق قويمايدۇ، دەپ ئېيتقان، بىز ئۇلارغا، ئۇنداق بولمايدۇ، بىز ھېچ ۋاقىت كەتمەيمىز، بىز پۈتۈن قەشقەر، پۈتۈن ۋەتەننىڭ ھەممىسىنى ئازاد قىلىپ، مۇشۇ يەردە تۇرىمىز دەپ ۋەدە بەردۇق. لېكىن، بىزگە چېكىنىش بۇيرۇقى كەلدى، ئارقىدىن خىتاينىڭ ئارمىيەسى چىقىپ بىزگە ھۇجۇم باشلىدى،مىناميوتلارنى ئاتتى، بىزنىڭ چېكىنىشىمىزگە توغرا كەلدى، ئالدى بىلەن بىزنىڭ سوۋېتتىن كەلگەن كوماندىر ئېسكادرونىمىز ئىبرايىموف ئالدىدا قاچتى، بىزمۇ ئاخىرى چېكىندۇق، بىر سوپاخۇننىڭ ئىزۋوتى چېكىنمىدى، ئۇلار بىزنىڭ سول تەرىپىمىزگە، يەنى شىمالى تەرىپىمىزگە ئورۇنلاشقان ئىدى، ئۇلار چېكىنمىگەن، ئۇلار پىلىموت بىلەن ئېتىپ گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى توستى، ئۇنىڭ كوماندىرى ئابدۇرېيىم دېگەن قەھرىمان ئادەم ئىدى. ئۇ سوپاخۇننىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە گومىنداڭ تەرەپتىن ئۆتكەن ئەسكىرى ئىكەن. بىز شۇ چېكىنگىنىمىزچە بايغا كەلدۇق، قىيىر دېگەن يەرگە مىرزىگۇل ناسىروفلار كەپ بوپتۇ، بىز ئارقىسىدىن يېتىپ باردۇق. ناسىروف ئادەم ئەۋەتىپ، ئابدۇرېيىمنى قايتۇرۇپ كەلدى ۋە يىغىن ئېچىپ، ئابۇرېيىمنى تەقدىرلىدى، يەنى ناسىروف ئۆزىگە بېرىلگەن " باتۇرلۇق" مېدالىنى ئېلىپ ئابدۇرېيىمنىڭ مەيدىسىگە تاقاپ ئۇنى تەقدىرلىدى. 200 دەك پىدا بىز بىلەن بىرگە كەلدى، داۋاندىن ئۆتتۇق، ھەر بىر داۋاندىن بىر سوتكىدا ئۆتۈش مۇمكىن ئىدى.بەك مۈشكۈل ئىدى.»
نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئاقىۋەتتە خەلق ئۇلارغا زور ئۈمىدلەرنى باغلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار تۇيۇقسىز ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان جايلىرىدىن چېكىنىش بۇيرۇقى تاپشۇرۇۋېلىپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ دەل 1945-يىلى، 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئىش ئىدى.
نۇرمۇھەممەد ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، باي-ئاقسۇ ئەتراپىغا ئەۋەتىلگەن مەزكۇر مىللى ئارمىيە ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ تەلەپ-قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ، ئۇرۇشنى توختىتىپ، چېكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما گومىنداڭ قوشۇنلىرى تىنچلىق سۆھبەت تەلىپىگە رىئايە قىلماي، ئەكسىچە مىللى ئارمىيەگە قارشى ھۇجۇم قىلغان. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۇرۇشۇپ ، بىر تەرەپتىن چېكىنگەن. سوپاخۇن سوۋۇروپ قاتارلىقلار مۇزات داۋىنى ئارقىلىق ئىلى تەرەپكە ئۆتكەن بولسا، باي ئەتراپىدىكى مەزكۇر ئىككى ئېسكادرون ئىلگىرى-كېيىن مىرزىگۇل ناسىروفنىڭ باشچىلىقىدا باينىڭ قىيىر دېگەن يېرىغا توپلىنىپ، ئاندىن داۋانلارنى ئېشىپ ئىلىغا چېكىنىپ، تېكەس تەۋەسىدە شىتاب قۇرۇپ، قاراداۋان قاتارلىق جايلاردا قاراۋۇلىدا تۇرۇپ، ئاقسۇ-كۇچار تەرەپتىن دۇشمەننىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى مۇداپىئەدە تۇرغۇزۇلغان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا تارقىتىۋېتىلگەن.