مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ شانلىق مۇساپىسى (2)

0:00 / 0:00

زەمبىرەكچىلەر دېۋىزىيونى كوماندىرى ئەسھەت تېيىپوف (1918-2005) خاتىرىلىرىدىن

1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغاندىكى دەسلەپكى 7 پولك، 5 مۇستەقىل دېۋىزىيوننىڭ تەركىبىدە ئۆزگىچە بىر دېۋىزىيون بار بولۇپ، ئۇ مىللىي ئارمىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى، يەنى زەمبىرەكچىلەر دېۋىزىيونى ئىدى. مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەنىڭ مەزكۇر دېۋىزىيونى ئۆزىنىڭ 5 يىللىق مەۋجۇتلۇق مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇ يوقلۇقتىن بار بولۇش، مۇكەممەللىشىش، كۈچىيىش ۋە ئاخىرىدا تارقىتىۋېتىلىش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى.

مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر دېۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى بولغان، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى مەرھۇم ئەسھەت تېيىپوف ئەپەندى (1918-2005) ھايات ۋاقتىدا، يەنى بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسى، يەنى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتنىشىش جەريانى، مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر دېۋىزىيونىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە جەڭ مۇساپىسى ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەرھۇم ئەسھەت تېيىپوف 1918-يىلى تۇغۇلۇپ، 2005-يىلى ئالمۇتادا ۋاپات بولغان.

ئۇ سۆھبەتلىرىدە يەنە زەمبىرەكچىلەر دېۋىزىيونىنىڭ قورال-ياراق ئەھۋالى، تۈزۈلۈشى، جەڭلىرى ۋە ئاخىرىدا ئەمەلدىن قېلىشى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر دېۋىزىيونىنىڭ قورال- ياراق ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئۇنىڭدا ھەر خىل كالېبىرلىق زەمبىرەكلەر، مىناميوتلار، زېنىت پىلىموتلار بولغاندىن تاشقىرى ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە تانكا-برونېۋىك ئەترىتى بولغان. دېۋىزىيوننىڭ ئادەم سانى 900 كىشىگە يېقىن بولۇپ، پولك دەرىجىلىك ھەربىي تەركىب ئىدى. بۇنىڭ تەركىبىدە مەخسۇس ھەر خىل زەمبىرەكلەرنى ئاتىدىغان، بەتلەيدىغان، ئوق يەتكۈزىدىغان ۋە كوماندىرلىق قىلىدىغان جەڭ قىلغۇچى خادىمدىن تاشقىرى يەنە مەخسۇس زەمبىرەك ئوقلىرىنى ساقلايدىغان ۋە توشۇيدىغان، زەمبىرەكلەرنى رېمونت قىلىدىغان، زەمبىرەكلەرنى سۆرەيدىغان ئاتلارغا مەسئۇل خادىملار ۋە دېۋىزىيوننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكى قاتارلىق تەمىناتىغا ھەم قوغداشقا مەسئۇل ئەترەتلەر بار ئىدى.

زەمبىرەكچىلەر دېۋىزىيونى ئىككى باتارېيەدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىرىنچى باتارېيەدە 16 دانە چوڭ زەمبىرەك، ئىككىنچى باتارېيەدە 16 دانە 45 كالېبىرلىق كىچىك زەمبىرەكلەر بار ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر بىر برونېۋىكتا ۋە تانكىلاردا كىچىك زەمبىرەك بولغان.

دېۋىزىيوننىڭ مەخسۇس زېنىت پىلىموت ئەترىتى بار بولۇپ، ئايروپىلانغا ئاتىدىغان چوڭ كالىبېرلىق زېنىت پىلىموتتىن 6 سى بولغان.

زەمبىرەكلەرنىڭ تۈرلىرى 110 مىللىمېتىرلىق ۋە باشقا كىچىكرەك كالېبىرلىق مىناميوتلار، 75 مىللىمېتىرلىق، 45 مىلىمېتىرلىق زەمبىرەكلەر، تاغ زەمبىرىكى ۋە تانكىغا قارشى زەمبىرەكلەردىن ئىبارەت ئىدى.

شىخو، يۇڭجىخو، باجاخۇ، جىڭ، دۆربىلجىن، قوبۇقسار قاتارلىق جايلاردىكى دۈشمەن ئىستىھكاملىرىغا ئەنە شۇ 110 مىلىمېتىرلىق مىناميوتلار ۋە 75 مىللىمېتىرلىق زەمبىرەكلەر ھەم تاغ زەمبىرەكلىرى ئىشلىتىلگەن.

مانا بۇ زەمبىرەكلەر ۋە مىناميوتلارنى 1945-يىلى 3-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان 5-6 ئاي ئىچىدە تەربىيەلىنىپ چىققان ئۇيغۇر ۋە ئاز ساندىكى قازاق ھەم تاتار جەڭچى ئوفىتسېرلىرى ئاتاتتى. تانكا ۋە برونېۋىكلارنىمۇ شۇلار ئۆزلىرى ھەيدەيتتى.
مەزكۇر دېۋىزىيوننىڭ مىللىي ئارمىيەنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىش، شىمالى يۆنىلىشتىكى ھەر قايسى چوڭ-كىچىك جەڭلىرىدە ئوينىغان رولى زور بولدى. بولۇپمۇ، جىڭ، يوڭجىخو، باجاخۇ، شىخۇ، دۆربىلجىن، قوبۇقسار ۋە باشقا جايلاردىكى جەڭلەرگە زەمبىرەك، مىناميوتلىرى بىلەن قاتنىشىپ، دۈشمەن ئىستىھكاملىرىنى توپقا تۇتۇپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ پىيادە ۋە ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ماسلاشقان ئىدى.

1980-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىدە پولكوۋنىكلىك دەرىجىسىگە يەتكەن ۋە مەخسۇس سوۋېت ئارمىيەسى ھەربىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ھەر قانداق ئارمىيەدە توپچىلار قوشۇنى ئەڭ مۇھىم ھەربىي تەركىب ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، توپچىلار ئارمىيەنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۈشمەننى توپقا تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئىستىھكاملىرى، مۇداپىئە لىنىيەلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ھۇجۇمنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە كۆپ چىقىمسىز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ھەم غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. 1945-يىلى قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر دېۋىزىيونى ئەنە شۇنداق مەقسەت ۋە رول بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىر قىسىم جەڭلەردىكى رولى چوڭ بولدى. ئەمما، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇنداق جەڭگىۋار بىر زەمبىرەكچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىپ چىقىپ، كۈچلۈك دۈشمەننى بەربات قىلىشى زور بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە بىر زەمبىرەكچىلەر قىسمىنى قۇرۇپ جەڭگە يارىغۇدەك قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس ۋە ئۇزۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.