مۇساپىرلىق سەپەرلىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جەڭچىلىرى» (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرى 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا زور ۋە ھەل قىلغۇچ ئۆزگىرىش دەۋرىگە كىردى. ئۇ، بولسىمۇ، 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەبەدىي دۆلەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىنىشى ياكى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىغا چۈشۈشتىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن، قىسمەت ئىككىنچىسىگە دۇچ كەلدى. ئەنە شۇ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلىپىدىلا مەركىزى ئاسىيا تارىخىدا بىر قېتىملىق چوڭ كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ 1955-1962-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈش دولقۇنى ئىدى.

تارىخىي ماتېرىياللار بويىچە بۇ كۆچۈشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نەزەر سالغاندا، 1944-يىلى، 8-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىكى نىلقا ناھىيەسى تەۋەسىدە ئۇيغۇر، قازاقلارنى ئاساس قىلغان قوزغىلاڭ پارتلىدى. 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قوزغىلاڭ پارتلاپ، 5 كۈندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1945-يىلى، 10-ئايغا كەلگەندە ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئازاد قىلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى گومىنداڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نەتىجىدە 1946-يىل، 7-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، بىر يىلدىن كېيىن بۇزۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ماناس دەرياسى يەنە پاسىل قىلىنىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تاكى 1949-يىلى 10-ئايغىچە تىركىشىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى، ئەمما شۇ يىلى، ستالىن بىلەن ماۋنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، 5 يىل مەۋجۇت بولغان ئىلى ھۆكۈمىتى ۋە 1944-يىلى باشلانغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى توختىدى. 1950-يىلى، مىللىي ئارمىيە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئۆزگەرتىلىپ، 1954-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1955-يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا 1957-1958-يىللىرى ئېلىپ بارغان «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان كۆپلىگەن رەھبىرىي شەخسلەر، زىيالىيلار، سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچى- ئوفىتسېرلىرى زەربىگە ئۇچرىدى. ئومۇمەن، 1950-يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان «ئۈچكە قارشى»، «بەشكە قارشى»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئىستىل تۈزىتىش»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، كوممۇنالىشىش ۋە باشقا تۈرلۈك ناملاردىكى ھەرىكەتلەر ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك ئاھالىلەرگە قارىتا ئېغىر سىياسىي بېسىملارنى پەيدا قىلغان ئىدى.

بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە 1955-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئومۇميۈزلۈك سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىش ۋە 1962-يىلى بولسا، ئاممىۋى يوسۇندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، بۇ جەرياندا زور ساندا ئاھالە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بېرىپ يەرلەشتى. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا 1944-1949-يىللىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقان كۆپلىگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە رۇس قاتارلىق مىللەت ۋەكىللىرىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئوفىتسېر-جەڭچىلىرى ۋە كادىرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ يەرلىشىش ۋەقەسىدۇر.

ئەنە شۇ قېتىملىق ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن ئاھالىلەرنىڭ بىرى، جۈملىدىن سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىسى نۇرمۇھەممەد سادىقوفتۇر. ئۇ ھازىر ئالمۇتا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تۈرگىن يېزىسىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 90 ياشقا كىرگەن. ئۇ 1945-يىلى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ مىرزىگۇل ناسىروف كوماندىرلىقىدىكى ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيونىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئۇرۇشلارغا قاتناشقان ۋە تاكى 1946-يىلى 7-ئايغىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ئىدى. نۇرمۇھەممەد سادىقوف 1951-1955-يىللىرىغىچە يەر ئىسلاھاتى خىزمەتلىرىگە قاتناشقان ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك كادىرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، تاكى 1958-يىلىغىچە ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە مەسئۇل كادىر بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن شۇ يىلى ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ۋە ۋەتىنىنى تاشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىپ قازاقىستانغا يەرلىشىپ، ئاددىي دېھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش قىسمەت يولىنى تاللىۋالغان.

نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئاممىۋى كۆچۈش، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىقىلىق رەسمىيەتلىرى بىلەن كۆچۈش 1955-يىلىدىن باشلىنىپ تاكى 1962-يىلىغىچە داۋاملىشىۋەردى. كۆچۈپ كەلگەنلەرنى سوۋېت ئىتتىپاقى ياخشى قارشى ئېلىپ ھەر بىر ئائىلىگە ماكانلىشىشى پۇلى، ئىشلەش ئورۇنلىرى بەردى.

1950-1960-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلەر ئارىسىدا 1945-1949- يىللىرى مىللىي ئارمىيەنىڭ پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكى قوماندانلىرى بولغان ۋە 1955-يىلى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال مايورىلۇق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىككى نەپەر گېنېرال -زۇنۇن تېيىپوف ۋە مەرغۇپ ئىسھاقوف، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى ۋە 1950-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت نازىرى زىيا سەمەدى، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى دەۋرىدىكى خەلق قەھرىمانلىرى غېنى باتۇر، فاتىخ باتۇر، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى، مالىيە مىنىستىرى ئەنۋەر مۇسابايوف ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلار بار ئىدى. ئۇلار ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىش يولىنى تاللىدى. زىيا سەمەدىنىڭ ئوغلى، ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان 81 ياشلىق پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدىمۇ دادىسى بىلەن بىرگە 1961-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ دادىسى زىيا سەمەدىگە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 1957-1958-يىللىرى «يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ، ئەمگەك لاگېرىغا ئەۋەتىلىپ جازالانغانلىقى، نەتىجىدە ئۇنىڭ ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا، يەنى قازاقىستانغا كېتىش يولىنى تاللىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تەپىسلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.