8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە كۈنى: مىللىي ئارمىيىگە 72 يىل (2)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.04.13
sherqiy-turkistan-jumhuriyiti-milliy-armiye-chong-ofitserliri-ghulja.jpg شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ چوڭ ئوفىتسىرلىرى، غۇلجا، ۋاقتى ئېنىق ئەمەس
RFA/Oyghan

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، زامان ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدىكى يەرلىك مىللەتلەردىن تۈزۈلگەن زامانىۋى مۇنتىزىم قوشۇن - مىللىي ئارمىيىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن بەش يىللىق تارىخى مۇساپىسى ھازىرغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن ياد ئېتىلمەكتە.

مەلۇمكى، 1944-يىلى،7-نويابىر كۈنى پارتلىغان غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسى نەتىجىسىدە 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇپ، ئىلگىرىكى پارتىزانلىق ئۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىگە قارشى مۇنتىزىم ئۇرۇش باسقۇچىغا كىردى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى ۋاڭ قادىر بېغىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى ۋە ھەر قايسى پولكلارغا بايراق تاپشۇردى، ئارقىدىن ھەر قايسى قىسىملار ھەربىي پاراتتىن ئۆتتى.

مىللىي ئارمىيە تارىخىغا ئائىت يېزىلغان ئەسەرلەر ۋە بىر قىسىم تارىخى شاھىتلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي فورمىسى، ھەربىي ئىنتىزاملىرى ۋە ھەربىي تۈزۈلمىسى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي فورمىسى ۋە ھەربىي نىزاملىرىنى مودېل قىلغان بولۇپ، ھەربىي فورمىلارنىڭ رەڭگى ماش رەڭ بولۇش بېكىتىلگەن. ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلار بىردەك پاگون تاقىغان بولۇپ، پاگوندىكى بالداق ۋە يۇلتۇزنىڭ سانى بويىچە، ئوفىتسېرلارنىڭ دەرىجىسى ئايرىلغان. ھەربىي ئۇنۋانلارنىڭ ھەممىسى رۇسچە ئاتالغان بولۇپ، مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا دەسلەپكى قەدەمدە باش قوماندانى ئىۋان پولېنوۋ، ئىسھاقبېك مۇنونوف ۋە ماژاروۋقا گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى ۋە خېلى كۆپ ساندا كىشىگە، ئاساسلىقى برىگادا، پولك، ۋە باتاليون كوماندىرلىرىغا پولكوۋنىك، پودپولكوۋنىك ۋە مايور ئۇنۋانلىرى بېرىلدى. سابىق مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شتابى سىياسىي بۆلۈم باشلىقى توختى ئىبرايىمنىڭ «مىللىي ئارمىيىنىڭ شانلىق مۇساپىسى» ناملىق كىتابىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مىللىي ئارمىيىنىڭ قوشۇن تۈرلىرى ۋە ھەربىي ئاتالغۇلار رۇسچىنى ئاساسىي قىلغان خەلقئارالىق ھەربىي ئاتالغۇ بولۇپ، قوشۇن تۈرلىرى، پىيادە، ئاتلىق، توپچى قوشۇنغا ئايرىلغان، يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك كوماندىرلار "«گېنېرال لېتىنانت»، «گېنېرال مايور»، «پولكوۋنىك»، «پودپولكوۋنىك»، «مايور»، «كاپىتان»، «پروپورشىك»، «پورۇچىك»، «پود پورۇچىك» دەپ ئاتالغان. بۇ يىل، 2-ئايدا بىشكەكتە ۋاپات بولغان سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ھەربىي قۇرۇلۇش بۆلۈمى باشلىقى خەمىت كەنجىبايېف ھايات ۋاقتىدا سۆزلەپ بېرىشىچە، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇنداق سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى مودېلىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭ باشقا ھەربىي قوماندانلىق ئىشلىرىدا تاكى 1946-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدە ئىدى.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا باش قوماندانلىق شتابىدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مەسلىھەتچىلەر ئىشلىگەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيە ئەينى ۋاقىتتا تولۇق مۇنتىزىملاشقان، جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى ئارمىيە بولۇپ، مۇنداق مۇنتىزىملىشىشتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردەملىرىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى.

تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك مەقسەتلىرى ئۈچۈن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى قوللىدى ۋە ھەتتا ھەربىي-سىياسىي، جەھەتلەردىن ياردەم كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرىمۇ ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايانماي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەن ئىدى. شۇڭا ھەر ئىككىلا تەرەپ بىر-بىرىدىن پايدىلاندىم.

توختى ئىبرايىم، زاھىر ساۋدانوف ۋە باشقا سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئەسلى كىتابلىرى ۋە خىتايدا نەشر قىلىنغان ھۆكۈمەت تارىخى ماتېرىياللىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، مىللىي ئارمىيە دەسلەپتە قۇرۇلغاندا، يەتتە ئاتلىق ۋە پىيادە پولك، تۆت مۇستەقىل باتاليون ۋە بىر شىبە ئېسكادرونىدىن ئىبارەت ئىدى.

مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ دەسلەپكى سانى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار مەۋجۇت بولۇپ، سابىق مىللىي ئارمىيە كوماندىرلىرىدىن زاھىر ساۋدانوف، توختى ئىبرايىم ۋە باشقىلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە ئەمىلى ئارمىيىنىڭ دەسلەپكى سانى تەخمىنەن 15 مىڭ ئادەم بولغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىغا يەنى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مەسلىھەتچىلىككە ئەۋەتكەن ۋەكىلى گېنېرال مايور ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋنىڭ 1945-يىلى، 5-ئىيۇل كۈنى سوۋېت ئىچكى ئىشلار كومىسسارى بېرىياغا يوللىغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيىنىڭ جەمئىي ئادەم سانى 11 مىڭ 800 گە يەتكەن. ئارىلىقتا قىسقىغىنا ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مىللىي ئارمىيە يەنە كۆپەيگەن بولۇپ، بېرىيانىڭ 1945-يىلى، 5-سېنتەبىر كۈنى ستالىنغا يوللىغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ شۇ يىلى 28-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەھۋالىغا ئائىت مەلۇماتىدا بۇ ۋاقىتتىكى قوشۇنلارنىڭ ئادەم سانىنىڭ 17 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

ئەمما، ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانىنىڭ ئەڭ كۆپەيگەندە 30 مىڭدىن 40 مىڭغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى ھەر تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىنىڭ تولۇق، ئاقسۇ ۋە قەشقەرنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئازاد قىلىنىش جەريانىدا تاكى 1946-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ ماڭغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا «تىنچلىق بىتىمى» بويىچە قىسقارتىلغان ئىدى.

مىللىي ئارمىيەدە ئاساسى تەركىبنى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، مەرھۇم كاپىتان مەسىمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەتتا ھەربىي كوماندىلار كېيىن ئۇيغۇرچە بېرىلگەن.

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، مىللىي ئارمىيىگە بارلىق مىللەتلەر ئاكتىپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەينىڭ زۇلۇمىدىن نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنقىلابنى ۋە مىللىي ئارمىيىنى ئاكتىپ قوللىغان ئىدى. بولۇپمۇ قازاقلارمۇ ئالاھىدە ھەسسە قوشقان ئىدى. ھەر مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئەمەلىيەتتە مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇدرەتلىك بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر.

مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى، 7-ئايدىن باشلاپ، شىمالى، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى يۆنىلىشلەردە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان بولۇپ، شىمالى ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى جەڭلەر مەزكۇر قوشۇننىڭ ھەيۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ئىدى. داۋامىنى كېلەر قېتىمدا ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.