20-ئەسىرنىڭ 50- ۋە 60-يىللىرىدا مەركىزى ئاسىيا تارىخىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدا بىر قېتىملىق چېگرا ھالقىپ كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ، خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلەپ، بۇ جايدا ئۆز كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنى ئورناتقاندىن كېيىن تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئۆزگەرتىش ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىشى جەريانىدا يۈز بەردى. ئەمما، 20-ئەسىرنىڭ 16-30-يىللىرى ئارىسىدا بولسا چار رۇسىيە ۋە كوممۇنىستىك سىستېمىدىكى سوۋېت رۇسىيەسىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىغا ئاممىۋى كۆچۈش ۋەقەسىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى.
1955-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئومۇميۈزلۈك سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىش ۋە 1962-يىلى بولسا، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئاممىۋى يوسۇندا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، زور ساندا ئاھالە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە يەرلەشتى. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە رەھبىرىي ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان، مىللىي ئارمىيەگە قاتناشقان ۋە 1950-يىللاردا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى شارائىتىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، چۆچەك ۋە باشقا جايلىرىدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى، ھەتتا رەھبىرىي خىزمەتلەرنى قىلغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار ۋە رۇس قاتارلىق مىللەت ۋەكىللىرىمۇ بار ئىدى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنە شۇ قېتىملىق كۆچۈشتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە يۇقىرى، ئوتتۇرا رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرى ھەم مىللىي ئارمىيەدە يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان ھەمدە سىياسەت، مەمۇرىيەت، مەدەنىي-مائارىپ، سەنئەت ساھەسىدىكى ئىشلىگەن ۋە مىللىي ئارمىيەدە جەڭچى بولغان ناھايىتى كۆپ ساندا كىشى قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە كېلىپ ماكانلاشتى.
شۇ قېتىملىق كۆچۈشتە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپى قازاقىستانغا يەرلەشكەن بولۇپ، قالغانلىرى ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە، يەنە قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك قاتارلىق جايلىرىغا ئورۇنلاشقان ئىدى.
شۇ كۆچۈشكە ھەتتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر باتۇرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى «خەلق قەھرىمانى» غېنى باتۇر، نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ قوماندانى فاتىخ باتۇرمۇ بار ئىدى. غېنى باتۇر دەسلەپتە تاشكەنتكە كېتىپ، خېلى ئۇزۇن يىللار تاشكەنتتە ياشاپ، كېيىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىپ، ھاياتىنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى غېنى باتۇرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدىكى ئىناۋىتى ۋە خەلقنى يېتەكلەش تەسىر كۈچىنى نەزەرگە ئېلىپ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن ئىدى.
ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىكى كۆچۈشتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى، 1946-1948-يىللىرىدىكى، مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 1950-يىللاردا مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف قوماندانلىقىدىكى 13-دېۋىزىيە شتابىنىڭ ئوفىتسېرى، 1961-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى بولغان باتۇر ئەرشىدىنوفمۇ بار ئىدى. باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي بېسىملار تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن سىياسىي بېسىملارغا يولۇققانلىقى ئۈچۈن 1961-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە كېلىپ ماكانلاشقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
باتۇر ئەرشىدىنوف قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئورنىدا ئىشلەپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، داستانلىرى، تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە كۆپلىگەن ئىلمى ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشر قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە ھەسسە قوشقان.
تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كادىرلىرىنىڭ ھەتتا 1950-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر خىل رەھبىرى ۋەزىپىلەرنى ئالغان، تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئورنى جەھەتتىن مەلۇم شەخسىي ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەن بولۇشىغا قارىماي، 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە تۇرمۇش شارائىتلىرىنى تاشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشىدە تۈرلۈك سەۋەبلەر مەۋجۇت. ئومۇمەن، 1950-يىللاردىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان «ئۈچكە قارشى»، «بەشكە قارشى»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش»، «ئىستىل تۈزىتىش»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، كوممۇنالىشىش ۋە باشقا تۈرلۈك ھەرىكەتلەر ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك ئاھالىلەرگە قارىتا ئېغىر بېسىملارنى پەيدا قىلغان ئىدى. ئەنە شۇ ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ئەڭ قاتتىق بېسىم ۋە زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولغان ئىدى.
بۇلاردىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئېلىخان تۆرە 1946-يىلى، 6-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلىپ، تاشكەنتتە ياشاپ، 1976-يىلى شۇ يەردە ۋاپات بولدى. مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى، گېنېرال مايور ئىۋان پالېنوف 1946-يىلى، 7-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، شۇ يەردە ياشاپ 1955-يىلى تاشكەنتتە ۋاپات بولغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مالىيە مىنىستىرى ئەنۋەر مۇسابايوف تاشكەنتتە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەۋۇپ مەخۇم ئىبراھىمى ئالمۇتادا ياشاپ ۋاپات بولدى.
0:00 / 0:00