1960-1970-يىللاردىكى سوۋېت-خىتاي رەقىبلىك دەۋرىدە بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قېلىش خەۋپى بىر مەزگىللىك جىددىيلىك پەيدا قىلغان بولۇپ، ئەگەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بەرسە، ئۇيغۇرلار دىيارى، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە شەرقىي شىمال بۇ ئۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپ رايونلىرىغا ئايلىنىدىغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ ئالدى بىلەن مەزكۇر رايونلارغا كىرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەندىشە تۈپەيلىدىن خىتاي بۇ جايلاردا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپ يىللار ئۇرۇش تەييارلىقى ئېلىپ بارغان ۋە زور ساندا ئەسكىرى كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئۆزىنىڭ مىليون كىشىلىك قوشۇنىنى چېگرا رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن تاشقىرى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سوۋېت ئارمىيەسى تەركىبىدە مەخسۇس ھەربىي قوشۇن تەشكىللەش، تەشۋىقات-تەرغىبات ئېلىپ بېرىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلارنى قىلغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى يىللار داۋامىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى كۆپلىگەن مەخپىي ھەربىي ۋە سىياسىي پىلانلىرىغا ئائىت ھۆججەتلەر ۋە سىرلار ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 1980-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانلىق شتابى باش رازۋېدكا ئىدارىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە مەخسۇس ئۇيغۇرلاردىن تۈزۈلگەن مەخسۇس ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرىدىغان 177-ئالاھىدە قىسىم ئەترىتى، ياكى «2-مۇسۇلمان باتاليونى» دۇر. مەزكۇر قوشۇن ھەققىدە يېقىنقى 10 يىللار ئىچىدە كۆپلەپ يېزىلغان بولۇپ، يېقىندا بولسا مەزكۇر باتاليوننىڭ كوماندىرى بورىس كېرىمبايېفنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خاتىرىلەندى.
قازاقىستان يازغۇچىسى ئامانگېلدى جانتاسوفنىڭ «قارا مايور ئەترىتى» ناملىق مەزكۇر باتاليون ۋە ئۇنىڭ كوماندىرى، قازاق مىللىتىدىن كېلىپ چىققان بورىس كېرىمبايېفنىڭ ھەربىي پائالىيىتىگە ئائىت ئەسىرىدە شۇنىڭدەك مەزكۇر باتاليون ھەققىدىكى باشقىمۇ ئەسەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 1979-يىلى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىيلەشكەن مەزگىلىدە، 1980-يىلى، 8-يانۋار كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى قوراللىق كۈچلىرى باش قوماندانلىق شتابى مەخسۇس ئۇيغۇرلاردىن بىر باتاليونى ئالاھىدە ۋەزىپىلەر قىسمى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، بۇنىڭغا مايور بورىس كېرىمبايېفنى تەيىنلىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئەينى ۋاقىتتا موسكۋادا قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئىشلەۋاتقان سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش قىسمىدىكى ۋە باشقا قىسىملاردىكى 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇر جەڭچى تاللىنىپ، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى يېنىدىكى قاپچىغايغا ئېلىپ كېلىنىپ، قاپچىغايدا 177-ئالاھىدە قىسىم قۇرۇلۇپ، جىددىي ھەربىي مەشىققە سېلىنغان. بۇ قوشۇن مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىغا سېلىنىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىكەن.
قازاقىستاننىڭ «فرىەندس.كز» دەپ ئاتالغان تورىدا ئېلان قىلىنغان «قارا مايور» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر جەڭچىلەردىن قۇرۇلغان ئالاھىدە باتاليونىنىڭ ئوفىتسېرلار تەركىبىنىڭمۇ 70%i قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولۇپ، پەقەت ئاز بىر قىسمىلا رۇسلار بولغان. بۇ ھەم سوۋېت ئارمىيەسى تەركىبىدىكى تۇنجى ئەسكەرلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلاردىن، ئوفىتسېرلىرى قازاق، ئۆزبېك ۋە رۇسلاردىن تۈزۈلگەن، يەنى مۇتلەق كۆپ قىسمى يەرلىك تۈركىي مىللەتتىن تۈزۈلگەن مەخسۇس ئالاھىدە قىسىم ھېسابلىنىدىكەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قوشۇن 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىيلىشىشىغا ئاساسەن قۇرۇلغان ئىدى. 1979-يىلى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ۋىيېتنامغا كىرىشى بىلەن چوڭ ئۇرۇش خەۋپى يەنە بىر قېتىم كۈچەيگەن.
ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ مايورى سۈپىتىدە زابايكالسكىي قىسىملىرىنىڭ شتابىدا ئىشلىگەن قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى خىتايغا قارشى ئۇرۇش تەييارلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەربىي رايونىنى قۇرۇپ، قازاقىستانغا، يىراق شەرققە ۋە تاشقى موڭغۇلىيەگە زور قوشۇننى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
«قارا مايور» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1979-يىلى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ۋىيېتنامغا كىرىشى ۋە ۋىيېتنام بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشلىرىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ نامەلۇم بىر مەخپىي پىلانى بويىچە ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر مەخپىي تۈردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى بىر نېتېرال رايوننى بەرپا قىلىشنى ئويلاشقان.
ماقالىدە دېيىلىشىچە، 1970-يىللاردا ئۇيغۇرلار بىلەن غەربنى ئېچىشقا كەلگەن ئېتنىك خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىسيانلىرىنى باستۇرۇشقا ساقچىلاردىن باشقا ھەربىي قوشۇنلارمۇ ئىشقا سېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئارمىيەسى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ تەھلىلچىلىرى شەرقتىن كېلىدىغان تەھدىتنى ئۆزگەرتىدىغان پۇرسەت كەلدى دەپ قارىغا بولۇپ، چۈنكى ئۇلار يەنى خىتاينىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىدىنمۇ بىئارام بولغان ئىدى. ئۇلار خىتاي بىلەن يۈز بېرىشى ئېھتىماللىقى بار ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى تەييارلىق قەدىمىنى يېڭىدىن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئارقا سەپ ئەسلىھەلىرىنى قالايمىقان قىلىدىغان رازۋېتكىچى-بۇزغۇنچى قوشۇن قۇرۇش بىلەن بېسىش دەپ ھېسابلىدى. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلاردىن تۈزۈلگەن 177-ئالاھىدە قىسىم ئەنە شۇنداق مەقسەتلەر بىلەن قۇرۇلغان.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنى كۆپلەپ ھەربىي خىزمەتلەرگە قوبۇل قىلىش، ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىش ئىشلىرىنى ئەمەلىيەتتە 1968-1969-يىللىرىدىكى دامناسكىي ئۇرۇشى بىلەن تەڭلا كۈچەيتكەن ئىدى.
1945-1946-يىلىرىدىكى مىللىي ئارمىيەنىڭ سابىق جەڭچىسى نۇرمۇھەممەد سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، 1969-1970-يىللىرى سوۋېت-خىتاي ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلاش خەۋپى كۈچەيگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشاۋاتقان كونا جەڭچى ۋە ئوفىتسېرلارنى يىغىپ ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغان. بۇنىڭغا سابىق مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكلىرىدىن زۇنون تېيىپوف، مەرغۇپ ئىسھاقوف ۋە باشقىلارمۇ قاتناشقان ئىدى. بىراق، سوۋېت -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشقا يۈزلىنىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئۆز پىلانلىرىدىن قايتقان.
1981-يىلى، سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەت ۋەزىيىتى ئۆزگىرىشى بىلەن مەزكۇر 177-قىسىمنىڭ پىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 177-ئالاھىدە قىسىمدىكى ئىككى يىل ھەربىي خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر جەڭچىلەر سەپتىن چېكىندۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك جەڭچىلەر تولۇقلىنىپ شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاۋغانىستانغا ئەۋەتىلىپ، پەنشىر جىلغىسىدا 3 يىل ئەتراپىدا جەڭ قىلغان.
شۇنداق قىلىپ ئەسلىدە موسكۋانىڭ پىلانىدا خىتايغا ھۇجۇم قىلىدىغان سوۋېت ئارمىيەسى تەركىبىدە ئۇيغۇرلار رايونىغا بېسىپ كىرىپ، بۇ جايدا جەڭ قىلماقچى بولغان 177-ئالاھىدە قىسىم، يەنى «2-مۇسۇلمان باتاليونى» نىڭ نىشانى ئۆزگەرتىلىپ، ئافغانىستانغا ئەۋەتىلىپ، ئەخمەتشاھ مەسئۇت قوماندانلىقىدىكى مۇجاھىدلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، بۇ باتاليون جەڭچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. ئاخىرى سوۋېت ئارمىيەسى 1989-يىلى ئافغانىستاندا قايتىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
0:00 / 0:00