1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ ئازغىنا كەم بەش يىللىق مەۋجۇتلۇق تارىخىدا ئېلىپ بارغان جەڭلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى شىخۇ ۋە جىڭ ئۇرۇشلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، جىڭ ۋە شىخۇدىكى ئۇرۇشلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېقىنقى زامان ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى چوڭ ئۇرۇشلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى شىمالى، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى يۆلىنىش بويىچە گومىنداڭ ئارمىيەسىگە قارشى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاش پىلانى تۈزگەندىن كېيىن، تۇنجى غەلىبە سۈپىتىدە، شىمالى يۆنىلىش قوشۇنى 1945-يىلى، 1-ئاۋغۇست كۈنى چۆچەك شەھىرىنى ئازاد قىلىش بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى گومىنداڭ ئارمىيەسىدىن تازىلاپ، ئوتتۇرا يۆنىلىش ھەربىي ھەرىكىتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتقان ئىدى.
مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ئوفىتسېرى توختى ئىبراھىمنىڭ «مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋار مۇساپىسى» ماۋزۇلۇق كىتابى ۋە باشقا تارىخى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىشتە جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرى 1945-يىلى، 7-ئايدىن باشلاپ، يۇڭجىخو قاتارلىق جايلاردا جەڭ قىلىپ، شەرققە سىلجىشقا باشلىغان ۋە 1945-يىلى، 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئاساسلىق مۇداپىئە بازىسى جايلاشقان جىڭ ۋە شىخۇنى ئىگىلەش ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن.
مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى لىنىيەسىدىكى مۇھىم مۇداپىئە توسۇقى-شىخۇغا ھۇجۇم قوزغاپ، جىڭنى ئىسكەنجىگە ئېلىش، شىخۇدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىش ئارقىلىق جىڭدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى «يېتىم قالدۇرۇپ يوقىتىش ئىستراتېگىيەسى» قوللانغان ئىدى.
مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ئوفىتسېرلىرىدىن توختى ئىبراھىم ۋە زاھىر ساۋدانوفنىڭ كىتابلىرى، تەيۋەنلىك تارىخچى جاڭ داجۈننىڭ «شىنجاڭدىكى يەتمىش يىللىق بوران چاپقۇن» ۋە باشقا تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى 1945-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئىلىغا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاش ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىپ، داۋاملىق شەرققە ۋە باشقا رايونلارغا كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىچكىرى خىتايدىن قوشۇن يۆتكەشكە كىرىشىپ، جىڭ ۋە شىخۇدا كۈچلۈك مۇداپىئە قورغانلىرى، ئىستىھكاملىرىنى قۇرۇپ، ئىككى دېۋىزىيەدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
گومىنداڭ 8-ئۇرۇش رايونى قوماندانى جۇ شاۋلياڭ گومىنداڭ 29-گۇرۇپپا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى لى تېجۈننى بارلىق ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشقا، ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئىككى دېۋىزىيەدىن تۈزۈلگەن يېڭى ئىككىنچى ئارمىيەنىڭ قوماندانى شې يىفېڭنى شىخۇدا تۇرۇپ، شىخۇ، جىڭ ۋە باشقا جايلاردىكى بارلىق قوشۇنلارغا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىشقا، 45-دېۋىزىيە كوماندىرى گېنېرال گۇ چىنى جىڭ سېپىگە قوماندانلىق قىلىشقا تەيىنلىگەن.
مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ئالدى بىلەن شىخۇنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن سۈيدۈڭ پىيادە ئەسكەرلەر پولكى، تارباغاتاي 6-ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكى، موڭغۇل مۇستەقىل ئاتلىق دىۋىزىيونى ۋە مۇھاپىزەتچىلەر باتاليونى ھەم بىر قىسىم پارتىزانلارنى شىخۇ سېپىگە يۆتكىگەن بولۇپ، ئادەم سانى تۆت مىڭ ئەتراپىدا ئىدى.
سۈيدۈڭ پىيادە ئەسكەرلەر پولكى ئالدى بىلەن 1945-يىلى 2-سېنتەبىر كۈنى شىخۇنىڭ سىرتىدىكى مۇھىم تايانچ بازا-چېپەنزىنى ئىشغال قىلىپ، شىخۇغا قىستاپ كەلدى. گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ شىخۇ مۇداپىئە سېپىگە ئورۇنلاشتۇرغان قوشۇنلىرىنىڭ ئادەم سانى 5 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرى شىخۇدا ئۈچ قەۋەت مۇداپىئە لىنىيىسى قۇرغان. توختى ئىبراھىمنىڭ كىتابىدا خاتىرىلىنىشىچە، ئۇلار شىخۇدا كۆپ ساندىكى مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى، يۈزلىگەن مۇداپىئە گەمىلىرى ۋە ئاكوپلارنى قۇرغان. مىللىي ئارمىيە ھۇجۇم قىلىدىغان گومىنداڭ ئاكوپلىرىنىڭ ئالدى پۈتۈنلەي تۈزلەڭلىك ۋە سازلىق جاي بولۇپ، دالدا بولغۇدەك دەرەخ ۋە باشقىلارمۇ يوق ئىدى.
4-سېنتەبىر كۈنى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىۋان پالېنوۋ شىخۇنى قورشاۋغا ئالغان قوشۇنلارغا شىخۇ ناھىيە بازىرىغا ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.
نەتىجىدە، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان سۈيدۈڭ پىيادىلەر پولكى ئاساسلىق ھۇجۇمچى كۈچلۈك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. مىللىي ئارمىيە 5-كۈنى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە توسۇقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، شىخۇ بازىرىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى قارادۆڭ مەھەللىسىنى ئىگىلىدى، 7-كۈنى يەنە بارلىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئومۇمى ھۇجۇم باشلاپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 2-مۇداپىئە لىنىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتتى، 8-سېنتەبىر كۈنى تاڭ سەھەردە 3-مۇداپىئە لىنىيەسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شىخۇ ناھىيە بازىرى تولۇق ئىشغال قىلىندى.
مىللىي ئارمىيە شىخۇغا ھۇجۇم قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى، يەنى 1945-يىلى، 5-سېنتەبىر كۈنى مىللىي ئارمىيەنىڭ غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكى، تېكەس 1-ئاتلىق پولكى، غۇلجا زاپاس 4-پولكى، تۇڭگان مۇستەقىل ئاتلىق باتاليونى قاتارلىق ھەربىي كۈچلىرى جىڭغا ھۇجۇم باشلىغان بولۇپ، ئوخشاشلا 8-سېنتەبىر كۈنى جىڭدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ قاتمۇ-قات مۇداپىئە لىنىيەلىرى، ئاكوپلىرىنى بۆسۈپ، ئۆتۈپ، جىڭنى ئىشغال قىلغان.
جىڭ جېڭىغا قاتناشقان تۇڭگان مۇستەقىل ئاتلىق دىۋىزىيونىنىڭ شتاب ئوفىتسېرى، ئالمۇتادا ياشىغان ئىبراھىم ياۋاخۇننىڭ بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرى سۆزلەپ بېرىشىچە، جىڭ جەڭ مەيدانىدا ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان، شىبە جەڭچىلىرى ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر جەڭچىسى زىخرۇللام نادىروف ئۆزى يالغۇز دۈشمەننىڭ ئۈچ ئىستىھكامىنى پارتلىتىپ، قەھرىمانلىق ياراتقان.
مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى، مەرھۇم پولكوۋنىك ئەسەد تېيىپوف ھايات ۋاقتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ جىڭ ۋە شىخۇدىكى جەڭلەردە رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى پولكوۋنىكى، تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردى بولسا، شىخۇ ۋە جىڭ ئۇرۇشلىرىدىكى ھۇجۇم تاكتىكىسى ھەققىدە توختىلىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ قەھرىمانلىقى ئارقىلىق غەلىبە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.