1944-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف قاتارلىق كىشىلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسى خىتاينىڭ غەربىي شىمالى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلەش ئالدىدا تۇيۇقسىز كوللېكتىپ قازاغا ئۇچرىشى 20-ئەسىر مەركىزى ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاي تارىخىدىكى ناھايىتى زور ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي دۆلەتلىك يېڭى سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 1949-يىلى، 27-ئاۋغۇست كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيەسىدە ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان مەزكۇر قازا ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك پاكىتلىق ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلماي، پەقەت ئۇلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنىلا ئېيتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئالىي دەرىجىلىك سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبەرلىرىنىڭ بىراقلا قازاغا ئۇچرىشى ھەققىدە ئەينى ۋاقىتتىن تارتىپ، تاكى ھازىرغىچە مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ۋە خەلق ئىچىدە ھەر تۈرلۈك قىياسلار، گۇمانلىق پەرەزلەر داۋاملىشىپ، بۇ ۋەقە ھەتتا خەلقئارادىكى بىر قىسىم تارىخى ئەسەرلەردە «سىرلىق ئايروپىلان ھادىسىسى» دەپ ئاتالدى.
ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاساسلىقى بۇ ۋەقەنىڭ ئازادلىق يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم پەيتتە يۈز بېرىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى تاسادىپىي تۇيۇلغانلىقى ھەم خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ يېتەرلىك پاكىتلارنى خەلققە كۆرسىتىپ بەرمىگەنلىكىگە باغلاش كېرەك.
ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار زادى قانداق ھاياتىدىن ئايرىلدى؟ ھەقىقەتەن ئۇلار ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانمۇ؟ مەزكۇر ئۆلۈم ۋەقەسىدە مۇتلەق مەخپىيەتلىكلەر بارمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار ئەتراپىدىكى تەھلىل، پەرەز ۋە كۆز قاراشلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي مەلۇماتلىرى بىلەن پاراللېل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە مەزكۇر ئايروپىلان قازاسىغا ئائىت سوۋېت تەرەپنىڭ بىرەر مەخپىي ھۆججىتى تېخى ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان ئىدى. بىراق، مانا مۇنداق مۇتلەق مەخپىي ھۆججەتنىڭ بىرى يېقىندا ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر مۇتلەق مەخپىي ھۆججەت سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبىرى يوسىف ستالىننىڭ بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانلىق خەۋىرىنى ماۋ زېدوڭغا يەتكۈزگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
يوسىف ستالىن 1949-يىلى، 2-سېنتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى ماۋ زېدوڭغا مۇتلەق مەخپىي تېلېگرامما يوللاپ، «شىنجاڭ دېموكراتىك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىركۇتسكىي رايونىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تېزدىن يەنە بىر ئۆمەكنى ئەۋەتىش تەدبىرى ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
تېلېگرامما مۇنداق يېزىلغان:
«يولداش ماۋ زېدوڭغا؛ زور قايغۇ بىلەن شۇنى سىزگە ئۇقتۇرۇشىمىز كېرەككى، بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى غۇلجىدىن ئۇچقان شىنجاڭ دېموكراتىك تەشكىلاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى ئولتۇرغان ئايروپىلان ئىركۇتسكىي رايونىدا مۇرەككەپ ئاتموسفېرا شارائىتىغا دۇچ كېلىپ، ھادىسىگە ئۇچراپ، ئۇچقۇچىلار ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى قازا قىلدى.»
يوسىف ستالىن گەرچە بۇ تېلېگراممىدا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتىمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە باشقىلارنى نەزەردە تۇتقان ئىدى. لېكىن، بۇ تېلېگراممىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىگ قازاغا ئۇچرىغان ئېنىق كۈنىنىڭ كۆرسىتىلمەسلىكى دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ، بۇ چېسلا ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇر مەۋجۇت، خىتاي تەرەپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ 1949-يىلى 27-ئاۋغۇست كۈنى قازا بولغانلىقىنى ئىزچىل ئېيتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا رۇسىيەدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردا بۇ ئايروپىلان ۋەقەسىنىڭ 25-ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ھەتتا ماۋ زېدوڭ، جۇ ئېنلەي قاتارلىقلار 1949-يىلى 2-سېنتەبىر كۈنى ستالىننىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئالسىمۇ، بىراق ئۇلار ئەخمەتجان قاتارلىقلارغا بىلدۈرگەن تەزىيەنامىلىرىدە مەزكۇر ئېغىر پاجىئەلىك ۋەقەنىڭ ۋاقتىنى «9-ئاي» دەپ ئاتىغان.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە مۇنداق مۈجمەللىك سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇلار چوقۇم ئېنىق كۈننى يېزىشى كېرەك ئىدى.
ستالىننىڭ تېلېگراممىسىدىكى يەنە بىر مۈجمەللىك، ئۇ «شىنجاڭ دېموكراتىك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ غۇلجىدىن ئۇچقانلىقىنى» يازغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار 1949-يىلى، 23-ئاۋغۇست كۈنى غۇلجىدىن ئاپتوموبىل بىلەن ئايرىلىپ ئالمۇتادا بولغان. ئەجەبا ستالىن شۇنداق خاتالىشامدۇ؟
ھەتتا 1950-1960-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن سابىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ۋە مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىدىن ئاسىم باقى، ھاشىر ۋاھىدى ۋە باشقىلار سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، 1942-1949-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىغا ئەۋەتكەن بىخەتەرلىك خادىمى، كېيىن بىشكەكتە ياشىغان دوختۇر ھاكىمجاپپار يارۇللابېكوفنىڭ ئاغزاكى بايانلىرى ئارقىلىق ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئالمۇتادا سوۋېت ئىتتىپاقى خادىملىرى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ، ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نۇقتا ئاسىم باقىنىڭ «خۇنزىرلىك» ناملىق كىتابچىسىدا ئېنىق كۆرسىتىلدى.
سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، تارىخى شاھىتلاردىن باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ئالمۇتاغا كەلگەندىن كېيىن، ئالمۇتادا بىر قاتار ئۇچرىشىشلار بولغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئالمۇتادا چىقىدىغان «قازاق ئېلى» ژۇرنىلى باش مۇھەررىرى، سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ۋەكىللىرىدىن قادىر ھەسەنوف ئۆزىنىڭ ئالمۇتادا ئەخمەتجان بىلەن ئۇچراشقانلىقى ۋە ئۇنى ئايرودرومىغا ئۇزىتىپ قويغانلىقىنى 1960-يىللاردا باتۇر ئەرىشىدنوفقا سۆزلەپ بەرگەن.
ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى ئېلان قىلغان ستالىننىڭ مەزكۇر مۇتلەق مەخپىي تېلېگراممىسىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چوقۇم بېيجىڭدىكى سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ستالىن تېلېگراممىسىنىڭ ئاخىرىدا: «بىز غۇلجىدىن بېيپىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قىسقارتىلغان ساندىكى ۋەكىللەردىن بولسىمۇ يېڭى ئۆمەكنىڭ ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىمىز» دەپ كەسكىن ۋە ئېنىق ئېيتقان.
ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭدىكى يىغىنغا ۋەكىل ئەۋەتىش ۋە ئەۋەتمەسلىكنى، ھەتتا كىملەرنىڭ بېرىشى ۋە بارماسلىقىنى ستالىن ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە بەلگىلەش كۈچىگە ئىگە. ھەقىقەتەن، ستالىن ماۋ زېدوڭغا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىق تېلېگراممىسىنى ئەۋەتىپ بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن سەيپىدىن ئەزىزى، تارباغاتاي مۇئاۋىن ۋالىيسى، ئەسلىدە تاشكەنتتە تۇغۇلغان ئۆزبېكلەردىن ئالىمجان ھاكىمبايوف، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي زىيالىيلىرىدىن تۇجى، يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر خادىم، بىر نەپەر شېۋە تەرجىماندىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى موسكۋادىن ئەۋەتىلگەن مەخسۇس خادىمنىڭ ھەمراھلىقىدا، مەخسۇس ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ، بىۋاسىتە غۇلجىدىن ئۇچۇپ سەپەرگە ئاتلاندى.
سەيپىدىن ئەزىز بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سەپىرى تامامەن ئوخشىمىغان بولۇپ، ئەخمەتجان قاتارلىقلار غۇلجىدىن ئالمۇتاغا ئاپتوموبىل بىلەن باردى ۋە ئارىلىقتا بىر قانچە كۈن ئۆتكەن بولسا، سەيپىدىن ئەزىزى بىۋاسىتە ستالىن ئەۋەتكەن ئايروپىلان بىلەن بىۋاسىتە غۇلجىدىن ئۇچتى ھەم ساق-سالامەت بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، يىغىندا «ئورتاق پروگراممىنى قوللايدىغانلىقى» ۋە قاتنىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى شەرتسىز قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
0:00 / 0:00