مىللىي ئارمىيە خاتىرە كۈنى: مىللىي ئارمىيەگە 72 يىل (5)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى. (تارىخىي ماتېرىياللاردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى. (تارىخىي ماتېرىياللاردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Oyghan

تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىللىي ئارمىيەنىڭ جەنۇبقا، يەنى ئاقسۇ تەۋەسىگە ئەۋەتىلگەن پارتىزان ئەترىتى 1945-يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدىن تاكى 1945-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا ئىلگىرى-كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى باي ناھىيەسى، كونا شەھەر ناھىيەسى ۋە ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىغىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەپ، بۇ يەردىكى گومىنداڭ قوشۇنى بىلەن ئۇرۇش قىلدى. بۇ جەرياندا، مىللىي ئارمىيەمۇ شىمالى ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشتە جەڭ قىلىپ، ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان ئىدى.

سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسى ۋە باشقا تارىخى مەنبەلەرگە تايانغاندا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابى ئاقسۇدىكى پارتىزانلىق ھەرىكىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، بىراق نېمىشقىدۇر، بۇ لىنىيەگە باشتىن-ئاخىرى زور ئەسكىرى كۈچ ئەۋەتمىگەن. ئاقسۇغا چۈشكەن بۇ پارتىزانلار ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا، ئىلىدىن يېتەرلىك ياردەمچى قوشۇن ۋە ئوق-دورىلارغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا ستالىن ھۆكۈمىتى مەخپىي تۈردە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى، جۈملىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قوللاۋاتقان بولۇپ، مىللىي ئارمىيە قورال-ياراق، ئوق-دورا، ئوفىتسېر جەھەتلەردىن ياردەم كۆرسەتكەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردا ئاشكارىلانغان مەخپىي سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى، 1945-يىلى، 26-ئىيۇن كۈنى مىللىي ئارمىيەگە ياردەم بېرىش قارارىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، شىخۇ ۋە تارباغاتايدىكى ئۇرۇشلاردا بۇ ياردەملەر ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان ئىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى 1944-1945-يىللىرى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى ۋە ئۆز ئېھتىياجى ئۈچۈن قوللىغان، ئۇنىڭدىن پايدىلانغان ۋە ياردەم كۆرسەتكەن ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئوخشاشلا ئاقسۇدىكى مەزكۇر پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى ھەربىي-سىياسىي ۋەكىلى گېنېرال ئېگناروۋ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيانى مىللى ئارمىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە ئەلىخان تۆرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغان ھەم شۇ قاتاردا سوپاخۇن سوۋۇروف قاتارلىقلار كوماندىرلىقىدىكى مەزكۇر ئەترەتنىڭ ئاقسۇدىكى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ داۋاملىق دوكلات قىلغان. روشەنكى ئاقسۇدىكى بۇ ھەرىكەتكە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئالاھىدە دىققەت قىلغان. مەسىلەن، 1945-يىلى 18-ئىيۇل كۈنى گېنېرال ئېگناروۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى بېرىياغا يوللىغان دوكلاتىدا،سوپاخۇننىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا گومىنداڭ تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەرەپكە ئۆتكەن 90 قەشقەرلىك ئۇيغۇر ئەسكەرنىڭ ئاقسۇدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەترەت تەييارلانغانلىقىنى ھەم ئاقسۇدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پارتىزانلىق ھەرىكىتىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى مەلۇم قىلغان. ئېگناروۋنىڭ 23-ئاۋغۇست كۈنى بېرىياغا ۋە ئۇ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرى ستالىن ھەم مولوتوۋقا يوللاپ بېرىلگەن دوكلاتىدا سوپاخۇن ئەترىتىنىڭ 9-ئاۋغۇست كۈنى باينىڭ يېنىدىكى بىر جاينى ئىگىلىگەنلىكى، 70 كىشىلىك خىتاي قاراۋۇلخانىسىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى، باي خەلقىنىڭ غۇلجىغا ۋەكىللەر ئەۋەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان. ئېگناروۋ بىر ھەپتىلەر ئۆتكەندىن كېيىن يوللىغان دوكلاتىدا 14-ئاۋغۇست كۈنى سوپاخۇن ئەترىتىنىڭ باينى ئىشغال قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.

قىسقىسى، غۇلجىدىكى 2-دوم ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن بۇ ئەترەتنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى تاكى شۇ يىلى 11-ئايغىچە ۋاقتى-ۋاقتىدا مەخپىي تۈردە موسكۋاغا مەلۇم قىلىپ تۇرغان ئىدى.

گېنېرال ئېگناروۋ ئەڭ ئاخىرىدا شۇ يىلى 11-ئايدىكى بېرىياغا يوللىغان بىر دوكلاتىدا سوپاخۇن ئەترىتىنىڭ ئىلىغا چېكىنىپ چىققانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ 70 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، سوپاخۇننىڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىدىن، يەنى 2-دوم ۋەكىللىرىدىن كۆرۈپ شىكايەت قىلغانلىقىنى دوكلات قىلغان ئىدى.

سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى، مەرھۇم خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېيتىشىچە، ئۇلار ئاقسۇ ئەتراپىدىن چېكىنىشنى ھەرگىز ئويلاشقان ئەمەس، ئۇلار ئاقسۇنى قورشاپ تۇرغاندا، بىر كۈنى بىر رۇس ئوفىتسېر پەيدا بولۇپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن كەتكەن. نەتىجىدە، ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئاقسۇدىن چېكىنگەن بولۇپ، مىللىي ئارمىيە شتابىدىن كەلگەن چېكىنىش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

مەرھۇم مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسۇ ئۇرۇش جەريانىدا ئىككى ئاي ۋاقىت جەريانىدا ئىلى تەرەپتىن چوڭراق كۆلەمدە ھەربىي ياردەم كەلمەسلىكىدىن قارىغاندا، ئاقسۇ ئۇرۇشى پەقەت ئەلىخان تۆرە قاتارلىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولغان بولۇپ، مىللىي ئارمىيەنى كونترول قىلىۋاتقان سوۋېت تەرەپ ئىنقىلابنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە تولۇق غەلىبە قىلىشىنى خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن.

ئاقسۇ ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھەر خىل باھالار ئىزچىل مەۋجۇت بولماقتا. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي گومىنداڭ تەرەپ ئۆزلىرىنى غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان ئىدى. ئەمما، ئۇيغۇرلار پارتىزانلار ئاقسۇ شەھىرىنى ئالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقسۇ ئەتراپىدىكى كەڭ جايلاردا غەلىبە قىلغان، ئەمما ئاخىرىدا بۇيرۇق بويىچە چېكىنىپ كەتتى. شۇڭا بۇ ھەرىكەت تولۇق غەلىبە قىلىنغان ئەمەس دەپ قارايدۇ.

ئاقسۇ ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە دوكتور قاھار بارات، دوكتور ئەركىن ئەكرەملەر ئۆزلىرىنىڭ بىر قاتار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

تولۇق بەت